ئانام ئۇ مېنىڭ

تۇغۇلغان كۈنۈمدە،بۇ شېئىرىمنى سۆيۈملۈك ئانام مەرەمنىساخېنىمغا بېغىشلالايمەن.

دىلدار ئەزىز

 

ئاناسىز مەۋجۇدات بولماس جاھاندا،

قوياشمۇ تۇغۇلار ئانا باغرىدا،

تۇپراق ھەم يىتىلەر ئانا قوينىدا،

يارالغان ئىكەن ئىگەمنىڭ چىۋەر قولىدا.

 

تىكىلدىم ئۇپۇققا نۇرلۇق قوياشقا،

پىچىرلىدىم: ھەجەپمۇ نۇرلۇقسەن-ھە،دەپ،

«ئانىڭىز ئىدى مەندىنمۇ بەك نۇرلۇق»

دىدى قوياش ماڭا شۇنداق پىچىرلاپ.

 

تىكىلدىم قاراپ ئايغا ئۆزەمچە سۆزلەپ:

«سەن نىمانچە گۈزەلسەن، ھەي ئاي،دەپ،»

«ئانىڭىز مەندىنمۇ گۈزەل قاراڭ سەپسېلىپ»

دىدى ئاي قولۇغۇمغا ئاستا پىچىرلاپ.

 

» نىمانداق خىسلەتلىكسەن!»دىدىم زوقلىنىپ،

ئىچىپ تۇرۇپ بۇلاق سۈيىنى ئۇچۇملاپ،

«ئانىڭىز مەندىنمۇ خىسلەتلىك»دىدى پىچىرلاپ،

بۇلاق سۈيى خۇشبۇي بۇلدۇقلاپ بوتلاپ.

 

«يول بولسۇن، ئېي تەشنائى شەربىتى دەريا»

دىدىم مەن ياغلىغىمنى ئويناپ تۇرۇپ ،

«شەربىتى تەشنائىينىڭ، ئاناڭلاردۇر ئۇستازى»

ئېقىن دەريا دىدى شۇنداق، شاۋقۇنلار سېلىپ.

 

«خۇشپۇراقىڭ دىلخۇمارى كۆڭۈل ھوزۇرى!»

دىدىم مەن سۇبھىدىكى ئەتتىرگۈلنى پۇراپ ،

«خۇشپۇراقىم كەلگەن ئەسلى ئاناڭ ھىدىدىن»

دىدى گۈل،نازلىنىپ، ھىدىنى چېچىپ.

 

» سەن نىمانداق جەزبىدار؟نۇرلىرىڭ كۆزنى چاقنىتار»

دىدىم مەن كۆكتە چاقنىغان يۇلتۇزغا قاراپ،

«مەن ئەسلىدە نۇر ئىدىم، ئانىلار كۆزىدە چاقنىغان»

دىدى يۇلتۇز تېخمۇ ئۆزگىچە چاقناپ.

 

«باغرىڭىز نىمانچە كەڭ؟»

دىدىم مەن بىپايان دېڭىزغا قاراپ.

«مۇرادىمغا يېتەر ئىدىم، گەر باغرىم بولسا ئانىلاردەك»

دىدى دېڭىز ئەپسۇسلىنىپ يەرگە قاراپ.

 

» سىلەر نىمانداق چىداملىق؟»

دىدىم مەن ئەلنى بىر- بىرىگە باغلىغان كۆۋرۈككە قاراپ،

» بىز تەكرار ياسالماس ئىدۇق،گەر ئانىلاردەك چىداملىق بولساق»

دىدى كۆۋرۈك مىسكىن ئاھ ئۇرۇپ.

 

«سىلەر نىمانچە ئاق»

دىدىم مەن قىشتا ياققان قارغا قاراپ،

«قانچى قىلساقمۇ ئاناڭلارنىڭ قەلبىدەك ئاق بولالمىدۇق»

دىدى قار ھەسرەت ئوتىدا تولغۇنۇپ تۇرۇپ.

 

«سىلەر ئۆزەڭلەرنى كۆيدۈرۈپ، ئىنسانلارنى يورىتىۋاتىسىلەر»

دىدىم مەن ئېرىپ كىتىۋاتقان شامغا قاراپ.

» مەن مۇشۇنداق بەدەل تۆلەشنى ئاناڭلاردىن ئۈگەنگەن»

دىدى، ئاستا يوقاپ كېتىۋاتقان شام پىچىرلاپ تۇرۇپ.

 

ئاھ مېھرىبان ئانا،

ئانا باغرىغا قانماي ياشاپ كۆنلەر ئۆتەر،

ئۆتكەن كۈنلەر قايتىلانماس ئانا كىتەر،

يىتىملىكتە تولغانسىمۇ پەرزەنتلىرى،

كۆيۈپ ئۆچكەن ئاتەش كەبى ئانا كىتەر.

ھايات ياشاۋاتقان ئانىلارنىڭ ئۆمرى تېخىمۇ ئۇزۇن بولسۇن، تېنى سالامەت بولسۇن!

جاۋاب يېزىش