تەييارلىغۇچى: زۇلھايات ئۆتكۈر
كىگىز، ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىدا كەم بولسا بولمايدىغانئايىلە جابدۇقلىرىدىن بىرى بولۇپ، كىگىزچىلىك سەنئىتى ناھايىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە. كىگىز، ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىدىكى مۇھىم كۈنلەردە ھەمراھ بولىدىغان جابدۇق بولۇپ، قىز-يىگىتلەر توي قىلغاندا ئوغۇل تەرەپ قىز مېلى سۈپىتىدە قىزغا كىگىز سوۋغا قىلىدۇ. ئۆلۈم-يېتىملەردىمۇ مېيىتنى ئوراش ئۈچۈن كىگىز قوللىنىلىدۇ. شۇڭا ئادەتتە، كەمبەغەل بولسىمۇ ، ھەرقانداق بىر ئۇيغۇرنىڭ ئۆيىدىن بىر پارچە كىگىز تېپىلىدۇ. كىگىز ئائىلىدە بولۇشقا تېگىشلىك مال-بىساتلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئالتىشەھەر ئۇيغۇرچىسىدا كىگىزنى «بىسات» دەپ ئاتايتتى. ئۇندىن باشقا كىگىز يەنە زىننەت بۇيۇمى قاتارىدا سۇپىلارغا، ياغاچ كارۋاتلارغا سېلىنىشتىن باشقا، يەلدىن بولغان بوغۇم كېسەللىكلرىگىمۇ شىپا قىلىدۇ.
ئۇيغۇرلاردا كىگىز سەنئىتىنىڭ تارىخى ناھايىتى ئۇزۇن بولۇپ، كۆنجى دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدىكى قەۋرىدىن تېپىلغان يادىكارلىقلار ئىچىدە بېشىغا قۇشپېيى قستۇرۇلغان كىگىز قالپاق كىيگەن جەستلەر تېپىلغان بولۇپ، قەۋرىدىن يەنە پالاز، ئۆتۈك ، بۇغداي قاتارلىق بۇيۇملارمۇ بايقالغان . بۇ بويۇملارنىڭ يىل تارىخى بۇندىن 6400 بۇرۇنقى دەۋرگە توغرا كېلىدۇ دەپ ھۆكۈم قىلىنغان.
كىگىز تەڭلىمات كىگىز(رەڭلىك گۈل بېسىلغان)، توغرا كىگىز (ئاق-قارا رەڭلىك يۇڭدىن ئېتىلگەن كىگىز )، پالاز( تۆگە ياكى قوي يۇڭىنى ئىگىرىپ توقۇش ئارقىلىق تاييارلىنىدۇ) ۋە شىرداق( تەييار كىگىزنىڭ ئۈستىگە يۇڭدىن گۈل تىكىلىدۇ) قاتارلىق تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ.
كىگىز ئېتىشتە تەييارلىق باسقۇچى، يۇڭ سېلىش باسقۇچى، خامداش باسقۇچى ۋە پىشۇرۇش باسقۇچى قاتارلىق باسقۇچلارنى بېسىپ ئۆتىدۇ.«تۈركىي تىللار دىۋانى» نىدىمۇ مەھمۇد كاشىغەرى«كىگىزلىك يۇڭ» دېگەن ئاتالغۇنى قوللانغان. ئوغۇزلارنىڭ كىگىزنى ھازىرقىدەك «كېچە» دەيدىغانلىقى، باشقا تۈركىي خەقلەرنىڭ «كىگىز» دەپ ئاتايدىغانلىقىنى يازىدۇ. يەنە قەشقەردىن چىقىدىغان «كىمىشكە» دەپ ئاتىلىدىغان گۈللۈك پالازنىڭمۇ مەشھۇر ئىكەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بېرىدۇ. بۇنىڭدىن كىگىزنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى ھۈنەر-سەنئەت، ئۆي بېزەش ۋە گۈزەللىك قاراشلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈشتىكى مۇھىم مەنبە ئىكەنلىكىنى كۆرىۋالالايمىز.
كىگىزچىلىكنىڭ خام ئەشياسى چارۋا ماللاردىن ئېلىنىدىغان چۇپۇر يۇڭ بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە پەقەتلا قوي يۇڭىلا كىگىزچىلىكنىڭ خام ئەشياسى قىلىنىدۇ. كىگىزچىلىكتە ئەنئەنىۋىي بوياق ماتېرىياللىرى قوللىنىلىدۇ. بۇنىڭدا ئوردان يىلتىزى، تۇخۇمەك ئۇرۇقى، ئۈژمە پورى قاتارلىق ئۆسۈملۈك ماتېرىياللىرى شۇنداقلا نىل، سۈرمە، زەمچە، زاك ۋە شاخار، توغرىقى، جىدە يىلىمى قاتارلىقلار تەبىئىي ۋە مېنىرال ماددىلار قوشۇمچە ماتېرىيال قىلىنىدۇ.
كىگىزچىلىك قوراللىرىدىن ياتاڭ، دۇكا، چىش دۇكان، رېزىندە، قازان، قايچا، كەكە، دۆشە، شەپشەك، ئارغامچا، گز، تارازا، يىك چۆپ، لەڭگەر چۆپ، ياغاچ ئويما تامغا، چوتكا، ئۈلىگە، جاۋۇر قاتارلىق سايمانلار ئىشلىتىلىدۇ.
ھازىر شىۋېتسىيە لۇند ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى گۇننار ياررىڭ كوللېكسىيونىدا ساقلىنىۋاتقان چاغاتاي تىلىدىكى « كىگىزچىلىك رىسالىسى» گە ئاساسەن، ئۇيغۇرلاردا كىگىزچىلىكنىڭ تۆت پىرى بولغانلىقى ۋە كىگىزچىلىكنىڭ سۈننەت، ۋاجىپ، پەرھىزلىرى بايان قىلىنىدۇ.
«ئەگەر سورسالار كىم دۇكانغا زەي سالماق كىمدىن قالىپتۇر؟ جاۋاپ ئايگىل كىم زەينى ھەزرەتى ئىبراھىم پەيغەمبەرگە قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن كۆك قوچقارنىڭ ئۈچىيىن زەي ئېتىپ سالدىلار.»
«ئەگەر سورسالار كىم يۇڭ ئاتماق كىمدىن قالىپتۇر؟ جاۋاپ ئايگىل مەلىك نەدەفتىن قالىپتۇر. ئەگەر سورسالار كىم رىزەندە كىمدىن قالىپتۇر؟ جاۋاپ ئايگىل كىم تالىپ تەمەتىدىن قالىپتۇر.»