چۈشۈمگە بولسىمۇ كىرگىنە، ئاپا

چۈشۈمگە بولسىمۇ كىرگىنە، ئاپا

(ھېكايە)

تەغدىرنىڭ بۇيرۇغىغا بىر نەرسە دېگىلى بولامدۇ؟ بۇ مەكتەپتە ئىشلەپ قالىمەن دېگەن ئوي ئايشىگۈلنىڭ خىيالىدىمۇ يوق ئېدى. ئۆزى شەھەر ئەتراپىدىكى ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنىڭ بىرىنى تاماملىغان. ئۇنىۋەرسىتەتتىن كېيىن ئۆزى ئوقۇغان مەكتەپتە بىر-ئىككى جىل ئىشلىۋېدى، يېڭى جىلدىن باشلاپ، ئائىلەۋىي شارائىتقا بولا، موشۇ يېزىغا كېلىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىپ قالدى. ھېچ كىمنى تونۇمايدىغان جايغا ئۈگەنمەكمۇ، بالىلار بىلەن تىل تېپىشىشمۇ تەسقۇ. ھەر ھالدا، ئۇ «خۇدا» دەپ ئىشقا كىرىشتى.
ۋاقىت دېگەن ھەجەپ ئالدىراڭغىغۇ. ھەش-پەش دېگىچە، ئارىدا ئىككى ئايمۇ ئۆتۈپ كەتتى. ئايشىگۈلنى شەھەرلىكلەرگە نىسبەتەن بۇ يېزا بالىلىرىنىڭ سىلىق-سىپايىلىغى، بىلىمگە بولغان ئىنتىلىشى، ئۇستازلارغا بولغان ئالاھىدە ھۆرمىتى ۋە، ئەڭ مۇھىمى، ئانا تىلىنى ئىنتايىن جۇقۇرى باھالايدىغانلىغى قايىل قىلدى. ھە، ئەندىلا جۇقارقى سىنىپلارغا ئىلىشقان مونۇ سىنىپ بالىلىرى ئۇنىڭغا بۆلەكچە ياقىدۇ. دېمىسىمۇ، خۇددى ئەتتەي ئىلغاپ قويغاندەك، بىرىدىن-بىرى زېرەك بالىلار.
ياش مۇئەللىمە ئۆتكەن دەرىستە بۇ بالىلارغا ئىنشا يېزىشنىڭ قائىدە ۋە ئۇسۇللىرى توغرىلىق چۈشەندۈرگەن. بۈگۈن ئۇلارغا ئالدىمىزدا كېلىۋاتقان 8-مارت مەيرىمىگە مۇناسىۋەتلىك «مەيرىمىڭ مۇبارەك، ئەزىز ئانا!» دېگەن ماۋزۇدا ئىنشا يېزىشقا تەييارلىنىپ كېلىشىنى تاپشۇردى. چۈنكى ئۇلار مەيرەم كۈنى ئەينە شۇ ئىنشا ماۋزۇسى بويىچە ئەدەبىي كەچ ئۆتكۈزمەكچى. كەچتە – ھەر بىر بالا ئۆزى ئانىسى توغرىلىق يازغان ئىنشاسىنى كۆپچىلىككە ئوقۇپ بېرىشى لازىم.
ئايشىگۈل تەنەپۇس تۈگە-تۈگىمەيلا سىنىپقا كىرىپ كەلدى. چۈنكى بالىلارغا تاپشۇرغان ۋەزىپە ئىنتايىن جىددىي.
بالا دېگەننىڭ ھاياتىدىكى ھەر قانداق يېڭىلىق مۇھىم سەنەغۇ. ئۇلارنىڭ قىياپىتىدىمۇ، ئۆزلىرىنىڭ بۇ دەسلەپكى ئەمگىگىنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇپ چىقىشى ئۈچۈن ئالاھىدە تەييارلانغانلىغى، خۇددى دۆلەتلىك ئېمتىھان تۇپشۇرۇش ئالدىدا تۇرغاندەك، ھاياجانلىنىۋاتقانلىغى بۇلاقتەك چاقناپ تۇرغان كۆزلىرىدىن كۆرۈنۈپ تۇراتتى. ئايشىگۈل ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بۇ خىلدىكى جىددىيلىغىغا يەنە بىر قېتىم رازى بولۇپ، دەرھال ئىشقا كىرىشىشنى ئىلتىماس قىلدى…
… ئايشىگۈل ئۆي ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىۋېتىپ، ھەر خىل يېزىقتا يېزىلغان ئىنشالارنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئولتاردى. ئەمگەكلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈۋېتىپ، ماۋزۇسى تامامەن باشقىچە بولغان بىر يازما ئىش ئۇنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە جەلىپ قىلدى. «ئاپامغا…» دەپ يېزىلغان ئىنشانىڭ مۇئەللىپى كىم؟ ماۋزۇنى تاختىغا يېزىپ بەرگىنىم قېنى؟ بۇ نېمە ئۈچۈن ئۆزى بىلگەن ماۋزۇنى قويۇۋالغان؟
«ئەزىزىم، سۆيۈملۈگۈم، مېھرىۋانىم، ئاپا!» دەپ باشلىنىپتۇ ئىنشا. «سەن مېنىڭ بۇ خېتىمنى ھېچ قاچان ئوقۇمايسەن، ھەتتا قولۇڭغىمۇ ئالمايسەن، بىلىمەن. باشقا سىنىپداشلىرىم ئاپىلىرىنى خوشال قىلىش ئۈچۈن ئالەمدىكى ئەڭ ئېسىل سۆزلەرنى يېزىش بىلەن بەنت. ھە، مېنىڭ ئوي-خىياللىرىم تاختىدىكى ماۋزۇغا ھېچ ماس كەلمەيدۇ. دەل بۈگۈنكى كۈندە جۈرىگىمنى تەبرىك سۆزلەر ئەمەس، بەلكى تۈگىمەس دەرت ئەلەملەر ئۆز ئىلكىگە ئالغان. لېكىن مەن ئۆز خىياللىرىمنى ساڭا قارىتىپ يازىمەن. چۈنكى ساڭا ئېيتىدىغان گەپ-سۆزلىرىم ۋە قويىدىغان سوئاللىرىم كۆپىيىپ، چېكىدىن ئاشتى.
قەدىردانىم، قىممەتلىگىم، ئاپا. مەن بۈگۈنكى كۈڭىچە بۇ ئېغىر كۈنلەرنىڭ ئاق-قارىسىغا يېتەلمەي جۈرىمەن. ئۆزەمنى، گويا چۈش كۆرۈۋاتقاندەك، ھىس قىلىپ، بەلكى ئويغىنىپ كەتسەم، يەنىلا ئاپام مېنى ئىسسىق باغرىغا باسار، دەپ ئۈمۈت قىلىمەن. ئامما مەن تېخىچىلا ئويغىنالماي، ئاۋارە. ئەڭ يامان يېرى، مېنى ھېچ قاچان يالغان گەپ قىلما، دەر ئۈگىتىپ قويۇپ، ئۆزەڭ رەھىمسىزلىك بىلەن ئالداپ قويدۇڭ. مەسىلەن، ئۆتكەن جىلى دادام ئىككىمىز ئاغرىقخانىدىن چىقىرىش ئۈچۈن بارغىنىمىزدا، ماڭا:
«جۈدەپ كېتىپسەنغۇ، قوزام. مەن كېتىپ بىر ئاي بويى تاماق يېمىدىڭمۇ، نېمە؟ باشقىغا چىدىساممۇ، ساڭا زادىلا چىدالمايدېكەنمەن. ئەندى سېنى تاشلاپ ھېچ يەرگە كەتمەيمەن»، دېۋىدىڭغۇ. شۇ چاغدا مەن تاتىرىپ كەتكەن چىرايىڭدىن ئەندىشە قىلىپ، سورىغىنىمدا:
«دورىلار سەل ماغدىرسىزلاندۇرۇپ قويغىنى بولمىسا، ھېچ يېرىم ئاغرىمايدۇ. سەللىمازا ساقىيىپ كەتتىمغۇ»، دېگەن سۆزۈڭمۇ يالغان بولۇپ چىقتى. مەن سېنىڭ سۆزلىرىڭگە ئىشىنىپ، ئاغىنىلىرىمگە: «ئاپام ساقىيىپ كەلدى. ئەندى مېنى تاشلاپ ھېچ يەرگە كەتمەيدۇ»، دەپ ماختىنىپتىمەن. ئامما كۆپ كېچىكمەي… كۆپ كېچىكمەي دادام ئىككىمىزنى كەڭ ھويلا ۋە يوغان ئۆيلەرگە تاشلاپ ئۆزەڭ كەلمەسكە كەتتىڭ. ئاھ، ئاپا سېنىڭ يوقلۇغىڭغا ئۈگىنىش مۈمكىنمۇ؟ بولۇپمۇ مەكتەپتىن قايتىپ، ئۆيگە كەلگۈم كەلمەي، خېلىغىچە سۆرىلىپ جۈرىمەن. چۈنكى دادام ئىشتا بولغاچقا، ئىشىكتە يوغان قۇلۇپ ئېسىقلىق تۇرىدۇ. ئىلگىرى مەكتەپتىن چىقىپ، ئۆيگە جۈگرەپ دېگىدەك كېلەتتىم. سەن دېرىزىدىن قاراپ تۇراتتىڭمۇ، ئەيتەۋىر، ھېمىشەم ئالدىمغا چىقىپ:
«قانچە بەش ئالدىڭ؟» دەپ سوراتتىڭ. مېنىڭ دەپتەر ۋە كۈندىلىكلىرىمنى تەكشۈرۈپ بولۇپ، خوشاللىغىڭدىن «ئەقىللىگىم، ئۈمۈتىم مېنىڭ»، دەپ ئەركىلىتەتتىڭ. مەن بولسام، سېنى خوشال قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى ئوقۇشقا تىرىشاتتىم.
ھېلىمۇ كۆز ئالدىمدا. مەن مەكتەپتىن كەلگىچە، تاماق ئىچمەي، كۈتۈپ ئولتىراتتىڭ. ئاندىن ئىككىمىز بىللە تاماقلىناتتۇق. مەن ھەر خىل سوئاللارنى قويىۋېرەتتىم، سەنزە ئۇلارغا جاۋاپ بېرىپ ھارماتتىڭ. ئەلۋەتتە، بۇ مېنىڭ ئەڭ بەخىتلىك دەملىرىم ئېدى.
…ھەسسىنە، قايتىپ كېلەرمېدى ئەشۇ كۈنلەر! ھازىر بولسا، ئەشۇ قارا قۇلۇپقا قاراپ، كۆڭلۈم بۇزۇلىدۇ. دەرھال سۈرىتىڭ ئىلىنغان بۆلمەمگە ئالدىرايمەن. ئاغرىپ جۈرگەن پەيتلىرىڭدە سەنمۇ «ئەنۋەرجاننىڭ بۆلمىسىدە ياتىمەن»، دەپ موشۇ مېنىڭ بۆلمەمگە كىرىشنى بەك ياخشى كۆرەتتىڭغۇ… چوڭلار ماڭا «ئاپاڭ ياتقان بۆلمىگە يالغۇز كىرمە، چۆچۈپ قالىسەن»، دېيىشىدۇ. ياق، ئاپا، سەن ياتقان بۆلمىدە نېمە ئۈچۈن چۆچەتتىم. ئەكسىچە، موشۇ بۆلمىگە كىرسەم، سەل بولسىمۇ، كۆڭلۈم تولغاندەك قىلىدۇ. پەقەت موشۇ بۆلمە بىر دەقىقە بولسىمۇ، قايغۇ-ھەسرىتىمنى ئۇنتۇلدۇرۇپ كۆڭلۈمنى بەزلىگەندەك قىلىدۇ. سېنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى كىيگەن خالاتىڭنى ئۆز بۆلمەمگە ئەكىرىپ، ئىلىپ قويدۇم. ئىشىكنى ئېچىشىم بىلەنلا ئەشۇ خالاتتىن بۇرنۇمغا سېنىڭ خۇش پۇراقلىق ھىدىڭ كېلىدۇ. ھەتتا نەپەسىڭنىمۇ سەزگەندەك قىلىمەن. شۇ پەيت قۇچىغىڭغا ئۆزەمنى تاشلاپ ئەركىلىگىم كېلىدۇ، ئاپا. ئامما شۇ مەھەل خالاتنىڭ ئىچىدە سېنىڭ يوقلۇغۇڭ ئېسىمغا چۈشۈپ، ئۆز-ئۆزەمدىن تىت-تىت بولۇپ كېتىمەن.
مۇنداق كۈنلىرى ھېچ كىمگە ئوخشىمايدىغان ئۆزەڭنىڭ پۇرىغى سىڭگەن تەھىيەڭنى قۇچاقلاپ، تۈگۈرلىنىپ ئۇزاق ياتىمەن. جىغلىماي دېسەممۇ، كۆزۈمدىن ئەرىكسىز ياشلار بۇلاقتەك ئورغۇپ، جۈرەك-باغرىم ئېچىشىپ كېتىدۇ…
خەپ، جېنىم، ئاپا، سېنىڭ يوقلۇغىڭ جېنىمغا تازىمۇ پاتتى. سېنىڭ يۇمشاق ئالىقىنىڭنى، چىرايلىق كۈلكەڭنى، ئىسسىق ۋە تاتلىق تاماقلىرىڭنى سېغىندىم. بەزىدە ئۆزەمنى قويار جاي تاپالماي، كېچىلىرى ئۇلۇق خۇدادىن «نېمە ئۈچۈن مېنىڭ ئاپامنى شۇنچە ياش ئېلىپ كەتتىڭ»، دەپ سوراپ، ھېچ تۈۋىگە يېتەلمەيمەن.
دادامنىڭ ئەھۋالى يامان ئەمەس. ماڭا ياخشى قاراۋاتىدۇ. ئۇ پەچكە ئوت قالايدۇ، تاماق پىشىرىدۇ. بىراق ئۆينىڭ ئىچىمۇ، ھويلىمۇ سەنسىز سۆرۈنلىشىپ كەتكەندەك قىلىدۇ. بەزىدە خوشنىمىز شەمشىنۇر چوڭ ئاپام چىنىگە تاماق كۆتىرىپ كىرىدۇ، مەنمۇ بىر نەرسىلەرنى پىشىرىشنى ئۈگىنىپ قالدىم. دادام مېنىڭ تامىغىمنى يەپ كۆرۈپ، «تاتلىق بوپتۇ»، دەپ قويىدۇ. ئۇ ماڭا ھېمىشەم «ئاپاڭ ئۈستىمىزدىن ھەممىنى كۆرۈپ تۇرىدۇ. سەن تاماق يېمىسەڭ، ياخشى ئوقۇمىساڭ، ئۇ تېچ ياتالمايدۇ. ھە، سېنىڭ تولا جىغلىغىنىڭنى كۆرۈپ، ئۆزىمۇ جىغلاپ، ياتقان جايى نەم بولۇپ كېتىدۇ»، دەيدۇ. بىراق ئۆزىنىڭ مېنىڭدىن يوشۇرۇن جىغلاۋاتقىنىنى تالاي قېتىم كۆردۈم. سېنىڭ ھەممىنى كۆرىدىغىنىڭ راستمۇ، بىلمەيمەن. ئەگەر ئەشۇ راست بولسا، ئەندى تولا جىغلىمايمەن. مېنىڭدىن جىراق بولساڭمۇ يۇمشاغىراق يات، جېنىم، ئاپا. ئورنۇڭ نەم بولۇپ كەتمىسە بولاتتىغۇ، خۇدايىم.
پات-يېقىندا ئانىلار مەيرىمى بولماقچى. شەمشىنۇر چوڭ ئاپام مېنىڭ بىلەن بىللە بارىمەن دېگەن ئېدى. بىراق مەن ئۇنىڭغا قاتناشمايمەن. سوغىمۇ تەييارلىمىدىم، شېئىرمۇ يادلىمىدىم، مانا بۈگۈن تەبرىك ئىنشامۇ يازمىدىم. قىسقىسى، سېنىڭسىز ئۆتكەن ئانىلار مەيرىمىدە ماڭا نېمە بار، ئاپا. داداممۇ مېنىڭ جىغىنغا قاتناشمايدىغىنىمنى توغرا كۆرىدىغان ئوخشايدۇ. سەۋەۋى، تۈنۈگۈن ماڭا «مەيرەم كۈنى ئاپاڭنىڭ يېنىغا بېرىپ كېلىمىز»، دېدى. ئۆيگە كەلگەندىن كېيىن مەن ساڭا خېتىمنى ئوقۇپ بېرىمەن.
ئۆتكەن جىلقى 8-مارت مەيرىمى ئېسىڭدىمۇ، ئاپا. سەن چىرايلىق كىيىنىپ، مېنىڭ قولۇمدىن يېتىلەپ، مەيرەملىك بېزەلگەن بىزنىڭ سىنىپقا كىرگەن ئېدىڭ. مەن ساڭا ئۆزەم تەييارلىغان سوغامنى ۋە «ئانا» دېگەن ناخشىنى ئېيتىپ بەردىم. سەن مەغرۇرلىنىپ، ھەممىسىگە «مېنىڭ ئەنۋەرجېنىم، ئۆزەمگە ئوخشاش ناخشا ئېيتىدىغان ئوخشايدۇ، ئوقۇشىمۇ ئەلا»، دەپ ماختانغان ئېدىڭ. خاپا بولما، ئالتۇن ئاپا، مەن ناخشىچى ئەمەس، دوختۇر بولماقچىمەن. چۈنكى مېنىڭ قەلبىمگە سېنىڭ ئاغرىغىڭ توغرىلىق قويۇلغان «ۋاقتى ئۆتۈپ كېتىپتۇ» دېگەن دەھشەتلىك دىئاگنوز نەيزىدەك سانچىلىپ قالدى. نېمىشكە ئۆز ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنمىدىڭكىن، ئاپا. موشۇ ئەلەمگە دوختۇرلۇقنى ئوقۇپ، ئانىلارنىڭ ئاغرىقلىرىنى ساقايتماقچىمەن.
ھە، راستلا مېنىڭ چىرايلىق ئاپام، موشۇ دەھشەتلىك ۋاقىئە يۈز بېرىشى ئالدىدا، نېمە ئۈچۈن مېنى يېنىڭغا كىرگۈزمىدىڭ؟ نېمە ئۈچۈن مېنى ئۆچ كۆرۈپ قالدىڭكىن، جېنىم ئاپا. چۈنكى «ئەنۋەر ئۇنى ئەكەلسۇن»، «ئەنۋەر بۇنى ئەكەلسۇن»، دەپ ھەر تەرەپكە ئەۋەتىۋەردىڭ. ئاخىرقى كۈنى «ئاپاڭ دورا ئەكەلسۇن»، دېدى دېگەچكە، جۈگرەپ دورىخانىغا بېرىپ كەلگىچە، ھويلىنى كىشىلەر بېسىۋاپتۇ. دادام مېنى چىڭ قۇچاقلاپ، «ئاپاڭ ئەندى دورا ئىچمەيدۇ، ئۆيگە كىرمە، بالام»، دەپ جىغلاپ كەتتى. مەن سېنىڭ چىرايىڭنى كۆرەلمىگەن پېتىمچە قالدىم ئاخىرى، ئاپا.
ئاپا، ئاپىجېنىم! چۈشۈمگە نېمە ئۈچۈن كىرمەس بولۇپ كەتتىڭ؟ ياكى مېنى ئۇنتۇپ قالدىڭمۇ؟ دەسلەپكى كۈنلىرى مېنىڭ چۈشۈمگە ھەر كۈنى كىرىپ، چاچلىرىمنى، مەڭىزلىرىمنى سىيپاتتىڭ… سېنىڭ بىلەن چۈشۈمدە بولسىمۇ، ئۇچرىشاي، دەپ بۆلمەمگە كىرىپ، ئەتىگەنلا كۆزۈمنى جۇمۇپ يېتىۋالىمەن. ئەۋۇ بىر كۈنى چۈشۈمدە «ئەقىللىگىم، قوزىچىغىم، مېنى كەچۈرگىن، جۇمۇ» دەپ سۆيۈپ قويۇپ، جىراقلاپ كەتتىڭ. چىرايىڭنى ئېنىغىراق كۆرەلمەي، «ئاپا، كەتمىگىن، ئاپا كەتمىگىن»، دەپ ئوڭۇمدىمۇ جىغلاپ كېتىپتىمەن. شۇنىڭدىن كېيىن دادام ياستۇغىم ئاستىغا پىچاق قويۇپ، نەگىلا بارسا، يېنىغا ياتقۇزىدۇ.
ئاپا، چىرايلىغىم، ئارمىنىم، ئاپا. چۈشۈمگە بولسىمۇ، پات-پات كىرگىنە. ئىلتىماسىم، ماڭا يېقىنىراق كېلىپ، چىڭىراق قۇچاقلىغىنا. يېنىمدىن كېتىپ قالماي، مەن دىدارىڭغا تويغىچە، ئوتلۇق مېھرىڭگە قانغىچە تۇرغىنا.
ئۆزەڭنى سېغىنغان ئوغلۇڭ ئەنۋەر».
مونۇ ئىنشانى ئوقۇپ چىققان ئايشىگۈلنىڭ ئەقلى لال بولدى. «ۋاي، ئۆلدۈم، ئەنۋەر دېگەن قايسى بالا ئېدى؟!» ئۇ دەرھال ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ھەممىسىنى كۆز ئالدىدىن ئۆتكۈزۈپ چىقتى. «ھە، ئەۋۇ ئاق ئۈزلۈك، دۈپ-دۈگلەك، قارا كۆزلۈك، قوشما قاشلىق… ۋاي خۇدايىمەي، ئۇنىڭ ئاپىسى ئۆلۈپ كەتكەن بولۇپ چىقتىغۇ. ئۆزى بىر زېرەك بالا. تەجرىبىنىڭ يوقلىغىنى قارا. شۇ دېدىم، ئۇنىڭ جۈرۈش-تۇرۇشىدىن، كام سۆزلۈكلۈگىدىن باشقىلارغا ئوخشىمايدىغانلىغى بىلىنىپلا تۇراتتى. بالىلارنىڭ ئائىلەۋىي شارائىتىنى ئالدىن-ئالا ئېنىقلاش مېنىڭ ۋەزىپەم ئەمەسمېدى. ئۇنى بىلگىنىمدە، بۇ ماۋزۇغا يازغۇزماتتىمغۇ؟ ئەندى نېمە قىلدىم؟! مېنىڭ ئېرەنسىزلىگىم مونۇ نارېسىدىنىڭ جۈرەك-باغرىنى يەنە بىر قېتىم ئېزىپ، ئەشۇ بىر دەھشەتلىك كۈنلىرىنى ئەسلەشكە مەجبۇر قىپتىغۇ ئېگەكىم.
بۇ خىلدىكى ئويلار ئايشىگۈلنىڭ تەن-تېنىنى شۈركەندۈرۈۋەتتى. بالىلىق، بەڭۋاش دەۋرى چاپسانلا تۈگەپ قاپ-قارا ئۇزۇن كىرپىكلىرىگە نەم ۋە غەم مەڭگۈ ئورۇنلىشىۋالغان شاگىرتىنىڭ يازغانلىرى ئۇنىڭ جۈرەك-باغرىنىمۇ زېدە قىلىۋەتكەن ئېدى. ئەنۋەرنىڭ تەغدىرىگە چىن كۆڭلىدىن ئېچىنغان ئۇ خېلىغىچە ئورنىدىن قوزغىلالماي قالدى…

جاۋاب يېزىش