تۇرسۇناي ھۇسەيىن شېئىرلىرى

تۇرسۇناي ھۈسەيىن شېئىرلىرىدىن

ئۇ شۇنداق ئايال
ئاچچىقلايدۇ ، تېرىكىدۇ ، يامانلايدۇ ،
ئارزۇلايدىغىنى پەقەت مۇھەببەت ،
بېرىۋاتقىنى چىن سۆيگۈ-ساداقەت .
قەلبى نازۇك ، تۇرقى جىمجىت ،
ئەمما تۇيغۇلىرى شۇنچە مۇرەككەپ.
گاھى سەزگۈر گاھى ئىتائەتچان
گاھى كوت-كوت ۋە جىلىخور
گاھى شوخ ۋە گەپتان ،
ئاددى – ساددا ھەم ئىسىل ،
چۈشىنىش قىيىن ۋە ئاسان ….
ئۇ شۇنداق ئايال
مۇھەببەتكە سېزىك ئايال .
ئايال-يېرىمى ئانىدۇر يېرىمى پەرزەنت .
يېرىمى سۆيگۈدۇر ، يېرىمى ئاشىق .
ئاڭلىغانلار بىلمەس، كۆرگەنلەر تۇيماس ،
يېرىمى رىۋايەتتۇر ، يېرىمى كېچە .
بەدەل تۆلەشتىن قورقمايدۇ ،
ھېرىپ كېتىشتىن قورقمايدۇ ،
جاپادىن ئەسلا قورقمايدۇ ،
پەقەت قورقىدىغىنى سوغوق مۇئامىلە ،
مۇھەببەتىسىز تۇرمۇش……مۇھەببەت ئۇنى تىرىلدۈرىدۇ ،
مۇھەببەت ئۇنى ئۆلتۈرەلەيدۇ ،
مۇھەببەت ئۇنى قىيىن كۈنلەرگە كۆندۈرەلەيدۇ ،
مۇھەببەت ئۇنى نامراتقىمۇ ئەگدۈرەلەيدۇ
ئۇ شۇنداق ئايال…
مۇھەببەتكە سېزىك ئايال .
مۇھەببەتكە تەشنا ئايال…
ئاپتورى : تۇرسۇنئاي ھۈسەن .

جاۋاب يېزىش