شاماللارغا خىتاپ

رامىلە ئابلىمىت

ئەي شاماللار،
مەن تۇغۇلغان ئانا يۇرتۇمنىڭ،
توپىسىدىن ئالغاچ كىلىڭلار.

ئانا يۇرت سۆزگىلىرىنى،
تۇپراقلاردىن سۆراپ ئىلىڭلار.

ئاق ساقاللىق بۇۋايلارنىڭكى،
دەرتلىرىنى ئاڭلاپ كىلىڭلار.
ئاق ياغلىقلىق مومايلارنىڭمۇ،
چىككىسىدىن سۆيۇپ ئىلىڭللار.

شۇ بۇدۇرۇق سەبىلەرنىڭمۇ،
يىغىسىنى ئاكلاپ بىقىڭلار.
دەردى تولا مىسكىن ياشلارنىڭ،
ئارزۇسىنى بىلىپ كىلىڭلار.

غەرىپتىكى  ئانا يۇرتۇمنىڭ،
شاۋقۇنلىرىنى  ئاڭلاپ تۇرۇڭلار.
يەر ئاستىدا بارمىدۇ تىنىق،
نەپەسلىرىنى تىڭشاپ كىلىڭلار.

تۇل قالغان چوكانلارنىڭ،
نالىسىنى ئاڭلاپ بىقىڭلار.
شىھىت بولغان قىرانلىرىنىڭ،
خىتاپلىرىنى خەتلەپ كىلىڭلار.

ئىز دىرەكسىز يوقالغانلارنىڭ،
يوللىرىغا قاراپ بىقىڭلار.
قالدى جەسەت قاراڭغۇ تۇندە،
يۇلتۇزلارنى چىللاپ كىلىڭلار.

تۇرمىدىكى نوزۇگۇملارنىڭ،
چاشلىرىنى سىلاپ قويۇڭلار.
كۆزلىرىدىن ئاققان ياشلارنى،
كۆك ياغلىقتا سۇرتۇپ قويۇڭلار.

ئۆمچەيىگەن ئاشۇ لەۋلەرگە،
تاتلىققىنا سۆيۇپ قويۇڭلار.
قۇلاقلىرىغا ئاستا پىچىرلاپ
«تاڭ ئاتىدۇ» ،دەپ قويۇڭلار

2009-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۇنى كانادا .ئەدمۇنتۇن

جاۋاب يېزىش