ئەندىشە ۋە يوقالغان ئىناۋەت

دىلدار ئەزىز

ماي ئېيىنىڭ 12- كۈنىدىن 15-كۈنىگە قەدەر بولغان ئامېرىكا پىرزىدانتىنىڭ جۇڭگوغا قىلغان زىيارىتى پۈتۈن دۇنيانىڭ، شۇنداقلا  دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يۈكسەك دىققىتىنى تارتتى.  نۇرغۇن ئۇيغۇرلار ئاممىۋى مېدىيالاردا  ئۆزلىرىنىڭ ئەندىشىلىرىنى بىلدۈرۈشتى.

دىمىسىمۇ ئامېرىكا پىرزىدانتىنىڭ بۇ شەكلدە خىتاينى زىيارەت قىلىشى ۋە خىتاينىڭ ئامېرىكا دىلىگاتسىيەسىنى ئالاھىدە ھەشەمەت بىلەن كۈتىۋېلىنىشى ئامېرىكىلىقلارنىڭ خاراكتىنىرىنى، ئامېرىكا ھۆۈمىتىنىڭ خىتايغا قارىتىلغان سىياسىتىنى ۋە ھازىرقى ئامېرىكا پىرزىدانتىنىڭ ئۆزگىچە خىزمەت ئۇسلۇبىنى تېخى تولۇق چۈشۈنۈپ يەتمىگەنلەرنى  ئەندىشىگە سالغىنى راست. بىراق ئامېرىكا دىلىگاتسىيەسىنىڭ پۈتۈن پائالىيىتىنى دىققەت بىلەن كۈزىتىدىغان بولساق، ئەھۋالنىڭ يەنە بىر تەرىپىنى كۆرىۋېلىشمۇ ئۈنچىلىك قىيىن ئەمەس.

  1. خىتاي تەرەپتىنىڭ ئامېرىكا دىلىگاتسىيەسىنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن تەييارلانغان  مىھمانخانانىسى دىلىگاتسىيە تەرىپىدىن ئۆزگەرتىلدى.
  2. سۆھبەت جەريانىدا شى جىنپىڭ تۇرامپتىن ئەگەر خىتاي بىلەن تەيۋەن ئۇرۇش قىلشا، ئامېرىكىنىڭ ئارىلىشىدىغان ياكى ئارىلاشمايدىغانلىقىنى سورىغاندا، پىرزىدانت تۇرامپ بۇ سۇئالغا  بۇرۇنقىلاردەك ئىنىقسىز جاۋاپ بەرمىدى، ئەكسىچە كەسكىن قىلىپ  » بۇ سۇئالنىڭ جاۋابىنى مەن بىلىمەن. بىراق بۇ يەردە دىمەيمەن» دىدى.
  3. دىلىگاتسىيەنى كۈتىۋېلىش زىياپىتىدە، پىرزىدانت تۇرامپ خىتاي تەرەپ تەييارلىغان ھېچقانداق تاماققا ئېغىز تەككۈزمىدى. ھەتتا ئىچىملىكنىمۇ ئۆزلىرى بىلەن بارغان بىخەتەرلىك خادىملىرىنىڭ قولىدىن ئېلىپ ئىچتى.
  4. گەرچە خىتاي بىلەن سودا كېلىمشلىرى ئىمزالاپ ئامېرىكا تەرەپكە كۆپ مەنپەئەت كەلتۈرۈلگەن بولسىمۇ، ئاخىرىدا خىتاي تەرەپ ئەڭ ئارزۇ قىلىدىغان يۇقۇرى دەرىجىلىك پەن تەخنىكا مەھسۇلاتلىرىنى خىتاينىڭ خالىغانچە سېتىۋېلىشىغا يول قويماستىن، مەلۇم چەكلىمە ئىچىدە سېتىپ بىرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى،
  5. زىيارەت ئاخىرلىشىپ ئايروپىلانغا چىقىدىغان چاغدا، خىتاي تەرەپ دىلىگاتسىيە ئەزالىرىغا بەرگەن بارلىق سوغاتلار، زىيارەت جەريانىدا ئىشلىتىلگەن تىلىفون ۋە كىچىك تىپتىكى كومپىيوتۇرلارنىڭ ھەممىسى يېغىۋېلىنىپ، ئامېرىكا تەرەپنىڭ بىر تەرەپ قىلىشى ۋە بۇلارنى پىرزىدانتننىڭ مەخسۇس ئايروىپىلانى–ھاۋا ئارمىيە بىرىنجى نومۇرغا ئېلىپ چىقماسلىق ئۈچۈن ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلاندى.

يۇقۇرقى ئەھۋاللاردىن بىز شۇنى كۆرىۋالالايمىزكى، گەرچە  ھەر قايسى قاتلامدىكى ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى ئىچىدە خىتايغا بېقىنىدىغان ۋە خىتايدىن كېلىدىغان مەنپەئەتتىن ۋاز كىچەلمەيدىغان ئامېرىكىلىقلار يەنىلا مەۋجۇت بولسىمۇ، ئامېرىكا بۇرۇنقى خىتايغا ساددىلارچە ئىشىنىدىغان ھالىتىدىن خېلىلا زور دەرىجىدە ئۆزگەردى. خىتايدىن ھەر ۋاقىت ھەزەر ئەيلەشتىن ئىبارەت بىر ئاڭ ھازىرقى  ئامېرىكا دۆلەت بىخىەتەرلىك سىستىمىسىدا ئۆز ئورنىنى تاپتى. ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت بۇرۇنقى مەخسۇس ئىختىسادىي مەنپەئەتنىلا چۆرىدىگەن بولماستىن ئەكسىچە ئۇنىڭدىن  باشقا بىز ئۇيغۇرلارغا  پايدىلىق بولغان مەزمۇنلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالماقتا. بۇنىڭ نەتىجىسىنى بىز پات يېقىندا كۆرۈپ قالىمىز.

زىيارەت ئاخىرلاشقاندا ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ماركو رۇبىئونىڭ مۇخبىرلارنىڭ سورىغان سۇئالىغا جاۋاپ بىرىپ شۇنداق دىدى: بۇ قىتىمقى زىيارەتتىن كىيىنمۇ  ئامېرىكىنىڭ ( خىتايغا بولغان ) سىياسىتىدە ھېچقانداق ئۆزگۈرۈش بولمايدۇ. مانا بۇ جاۋاپنىڭ ئۆزىلا ئامېرىكا سىياسىتىنىڭ ئۆزگىرىشىدىن ئەنسىرىگەنلەرگە تەسەللى بولىشى مۇمكىن.

2026-يىلى ماي 17-كۈنى

 

جاۋاب يېزىش