زۇلفىيە مۇھەممەد
دادام،
سەكسەن ئالتە ياش،
كونىرىغان قوياش…
جىسمى ئېغىر، تۈگمەندىكى تاش،
توروسقا باقار،
ئەسلىمىگە پاتار….
يىللار گوياكى كىرپىك بىلەن قاش..
كۈلۈپ قويار ياشلىقنى ئەسلەپ،
بىر چاغ ئىدى يىگىتلىكتە شاش.
دادام ,
دۇتتار،تەمبۇر قولىدا ھەر كەچ،
بېغىشلايتى ئىللىق مۇھەببەت،
دادام ئىدى كىتاپ دۆۋىسى…
ئىلىم كۆلىدىن بېرەتتى شەربەت
سۆزلەپ بېرەتتى
ئەفسانە چۆچەك…
ئەدەبىيات ، سەنئەت..
بەخت قۇچىغىدا ئەللەيلىنەتتۇق..
گەر بولسىىمۇ ئۆيىمىز غۇربەت.
قار قاپلىغان زىمىستان كۈنلەر،
مۇزلاپ كېتەتتى ھەممە…
ئۇزۇن ئىدى تۈنلەر،
ئۆتمەس ئىدى قۇرماستىن بەزمە.
دادام ئىدى بىر چوغدان،
سەزدۈرمەيتى ئازاپ _ئوقۇبەت…
ئەركىن ئىدى روھىمىز،
تولۇپ تاشقان بىباھا قۇۋۋەت…
مېنىڭ دادام،
ئېتىزدا دېھقان
ئاپتور ئىدى ژۇرنالدا….
سىنىپتا مۇئەللىم،
ۋالىبولچى مەيداندا. …
يولباشچى ،تۈۋرۈك ئىدى
بىزنىڭ كىچىك قورغاندا..
تىڭىرقىغان بوغوزلاردا،
شىۋىرغان سوغوقلاردا،
يەلكەنسىز مىنۇتلاردا….
پەيدا بولاتتى دادام….
ئىسسىق جۈۋىسى بىلەن،
كەڭرى ئۇۋىسى بىلەن…
ئەۋلىيا تۇيغۇسى بىلەن…
تەييار ئىدى بولۇشقا پىدا .
تۇتالمايمەن،
ئويۇشۇپ قالغان مۆرىلىرىنى…
ئېھتىياجىنى سورالمايمەن،
تاماق سۇنالمايمەن…..
بىلسەم دەيمەن ئاداققى ئىستەكلىرىنى….
كۆرسەم دەيمەن،
بالىلىققا ھەمراھ كۈلكىلىرىنى .
مېنىڭ دادام،
بەكمۇ ئۇزاقتا…
كۆرۈشەلمەيمىز بولساقمۇ ھايات…
سۆزلىشەلمەيمىز…
ئاڭلىتالمايمىز….
بەختىمىزنى…ھەسرىتىمىزنى…
كۆيۈنەلمەيمىز بىر _بىرىمىزگە،
كۈلمەكچى بولىمىز، كەلمەس ئىچىدىن،
نە ھاجەت ئاھلاش تەقدىرىمىزگە
