دىلدار ئەزىز
سات، سېتىۋەر!
دىندىشىم، دەپ سات، تىلدىشىم، دەپ سات،
قېرىندىشىم ،دەپ سات، تۈركدىشىم ،دەپ سات،
ۋەتەندىشىم، دەپ سات، ئېمىلدىشىم، دەپ سات،
سەن بىر تويماسسەن، نەپسىڭدۇر بالا.
بالىلارنى سات، مەسۇملارنى سات،
ساددىلارنى سات، سەرخىللەرنى سات،
مۇساپىرنى سات، ۋەتەنسىزنى سات،
ساتقىن، سېتىۋەر، غۇرۇر ساڭا يات.
جىگىرىمىزنى سات، بۆرىكىمىزنى سات،
يۈرىكىمىزنى سات، كۆزىمىزنى سات،
ئويغانمىغان نىمجان روھىمىزنى قوشۇپ سات،
شەرەپنى بىلمەيسەن- يا، نومۇسنى ئەسلا.
يۈرەك پاراڭنى سات،ئىگىچە- سىڭلىڭنى سات،
مېھرىبان ئاناڭنىمۇ بىللە قوشۇپ سات،
بۇنىڭغا تويمىساڭ، ئۆزۈڭنى يەنە قايتىلاپ سات،
چۈنكى سەن مەخلۇقسەن، ئادىمىيلىككە يات.
تويمايسەن شانۇ-شەۋكەتكە، نەپسىڭدۇر بالا،
شەرەپنى بىلمەيسەن- يا، نومۇسنى ئەسلا.
ساتقىن سېتىۋەر، ئەمدى ئويغاندى دۇنيا،
مىخلىنارسەن ئەبەتكە لەنەت تاختىسىغا.
2019-يىلى مايدا ئامېرىكىنىڭ ۋاشىڭتون شەھرىدە يېزىلدى
