تومۇزدا توڭلاركەن  ئانىسز ئىنسان

ئايگۈل« تامچە»

ئانىكەن كۆكلەردىن چۈشكەن قەھرىمان،
مىڭ ئەپسۇس بەرمەپتۇق ھاياتتا  ئىنئام،
كەتكەندە  يوق ئىكەن   بىزلەرگە ئىمكان،
تومزدا توڭلاركەن ئانىسز ئىنسان.

ئانا دەپ ئاتالماق ئايالغا  باپكەن،
ئۇلۇغلۇق ۋەلىكىن روھلارغا خاسكەن.
سەكسەن ياش ئانىسى بولغانلار بايكەن،
تومۇزدا توڭلاركەن ئانىسز ئىنسان.

ئانا دەپ توۋلىساڭ يانسا گەر سادا،
كۈي سالار  قۇش ئەمەس ھەتتاكى ساما.
ھەر تىنىق نەپەسى دىللارغا داۋا،
تومۇزدا توڭلاركەن ئانىسز بالا.

كۈي يازماڭ يانىدا كۈي چىلىپ تۇرۇڭ،
مېھمان ئۇ  مۇھەببەت مېھردە كۈتۈڭ.
ئۇنۇتماڭ!  ئىنسانغا ئارمانكەن ئانا،
تومۇزدا توڭلاركەن ئانىسز ئىنسان.

جاۋاب يېزىش