ئانا

زۇلفىيە مۇھەممەد

ئوتۇن  _ چاۋا  تېرىپ ئەتراپتىن،
تونور بېشىغا دۆۋلەيدۇ ئانا…
چۆپ ئىزلەيدۇ ئۆڭكۈر دۆڭلۈكتىن،
ساقلىماقتا قوي، ئۆچكە، كالا..
ئۆزگەرگەنتى يۇمران قوللىرى،
قورۇق بېسىپ گۈزەل يۈزلىرى…
ئاغرىسىمۇ بەللىرى…
ئېسىگە كەلمەس ، ئويلىماس ئەسلا…
سەھرايى قىيامەت _ پىشانەم دەيدۇ..
دائىم باشقىنىڭ غېمىنى يەيدۇ.
بەدىنى ئۆزىگە بويسۇنمىسىمۇ،
تەبىئەت قاراڭغۇلۇق كۆمتۈرگەندىمۇ،
ھەرنەپەس  بالائۈچۈن كۆيىدۇ ئانا… .

ئانام ئۆيدىمۇ،
ئويناپ كىرگەن بالا چاقىرار،
ئاناڭ ئۆيدىمۇ؟
ھېرىپ كىرگەن دادا چاقىرار،
ئەنسىرەشتىن ئۇزاق تۇرالماس…
مىھماندارلىق داۋام قىلالماس…
پاراڭلىشىپ قالسا بەش مىنۇت،
كوچىدىكى خوشنىلار بىلەن..
چاقىرىپ كېتەر…
ئەنسىزلىككە چۆكەر..
چاكىلدىشىپ ئۆيدە بالىلىرى،
قېنىپ _ قېنىپ ئالالماس ھاۋا،
قاخشاپ قويار تىلنىڭ ئۇچىدا،
ئارام يوق ماڭا توۋا دەي توۋا…
ئانا سىيماسى _ ئۆيگە قارانچۇق،
ئانا قۇچىغى _ بۈشۈك، ئارامگاھ.
شىۋىرلاشلىرىنى _ بىلىم بۇلىقى،
ئانا بولغان يەر گۈزەل سەيلىگاھ.

چۈشەنمەس  ھېچكىم.
ئانىسىزلىق مىسكىن يۈرەكنى،
مىھىر تىلەپ خوشنا ئايالدىن،
يەر تېگىدىن بېقىشلىرىنى…
بالىسىنى چىڭ قۇچاقلىتىپ،
توشقۇزىدۇ موما  مىھرىنى…
يۇرەك قانماس..قانداقمۇ باسسۇن؟
ئۆز ئانىنىڭ ئوتلۇق ھىدىنى…
ئىزدەپ يۈرەر مەھەللە كويدىن،
بىللە باسقان توپا يوللاردىن،
قويغا ئوت ئالغان  ئۈزۈملۈك باغدىن،
سۇ توشۇپ ھارغان زەيلىگەن كۆلدىن،
كۆزلىرىگە كۆرۈنۈپ كېتەر،
ئىشىك ئالدىدا ئولتۇرۇپ كۈتەر..
چىقىپ كەلسە مىھرىبان چىراي،
تويدىن يانغان ئايال توپىدىن…
يورۇتسىكەن قاراڭغۇ كەپە..
ئويغاتسىكەن يېتىم چۈشىدىن،
سۆيۈندۈرسە چوڭقۇر دىلىدىن.

ئانا مىھرى،
ئايلاندۇرار ھايات  چاقىنى،
مىھىر تۆكەر،
ئىسسىتىدۇ  كائىنات،
ئوزۇقلىنار تۇپراق ھەم خەمەك.
.ئانا كۈلسە دۇنيامۇ كۈلەر..
پەرىشانلىق، غەملەرنى سۆكەر،
يۆگەك كەبى باغرىدا يۆگەر…
نە ھاجەت قوياشتىن ئۈنچىلەر تەرمەك !

جاۋاب يېزىش