چىمەنگۈل ئاۋۇت
ئوتى يامان دەيمىز قىزلارنى، ئوت سالىدۇ، جانغا جاھانغا.
قىزىل گۈلدەك قىزىرىپ تۇرۇپ،ئايلىنىدۇ مەشۇق جانانغا.
ئوتى يامان دەيمىز قىزلارنى، سۈزۈك سۇدۇر دەريادا ئاققان.
سۇ چاچسىمۇ تۇتىشىدۇ ئوت، ئۇ نان گويا ئانىلار ياققان.
ئوتى يامان دەيمىز قىزلارنى، كېلىن بولار ئاجايىپ لىۋەن.
گۈل پۇرايدۇ ئۇنىڭ ھويلىسى، خۇلىم خوشنا تاپسىمۇ ئىۋەن.
ئوتى يامان دەيمىز قىزلارنى، قەينى ئانىسىمۇ ئېرىيدۇ قەندەك.
كوتۇلدىسىمۇ-غوتۇلدىسىمۇ، تاقلاپ يۇرگەچكە يەنە جارەندەك.
ئوتى يامان دەيمىز قىزلارنى، جۇپتى بىلەن بىر جان، بىر تەندەك.
ئۆي غېمىنى، تۇرمۇش غېمىنى، ئۇ بىلىدۇ تاتلىق بىر تەندەك.
ئوتى يامان دەيمىز قىزلارنى، ئانا بولۇپ كۆيىدۇ ئوتتا.
ۋايسىمايدۇ، باش ئەگمەيدۇ ھەم، پىژغىرىمدا ۋە ياكى جۇتتا.
ئوتى يامان، دەيمىز قىزلارنى، ئوتى بىلەن تاۋلار ئۆمرىنى.
ساتالايدۇ تىرىكچىلىك دەپ، تويلىقىغا ئالغا زىرىنى.
ئوتى يامان دەيمىز قىزلارنى، قىلنى قىرققا يېرىپ ياشايدۇ.
ئۇ بىر دۇنيا چەناردەك جۇۋان، ئۇنىڭ ئۈچۈن قۇشلارمۇ ھەتتا كۆزلىرىنى ياشلايدۇ.
2026-يىلى 8-مارت
