يېڭى ……

ئايگۈل  « تامچە»

يېڭى كىيىمنى تەستە كىيەلەيتتۇق بۇرۇنلاردا،
يېڭى نەرسىلەر بىزدىن  يىراقتا ئىدى خىلىلا.
ئەمما ھەركۈنكى يېڭى- يېڭى مېھىرلەردە باقىدىغان كۆزلەر ھەمراھ ئىدى بىزلەرگە.
يېڭى دېسە ھەيران قالاتتۇق، يېڭىنىڭ قىممتى بولاتتى، شۇڭىمۇ ئالدىراپ كونا بولمايتتى.

يېڭىنىڭ قەدرى كونىدىن بېسپ چۈشەتتى بىر زامانلار.
يېڭىغا نىم بولغانكى بۇ يىللار،
كونىنىڭ قىممتى يېڭىدىن ھەسسە-ھەسسە ئۈستۈن.
ئالدقراپ سۇسلاشقىلى تۇردى ئۇ يېڭىچە تۇيغۇلار؟!ئەجىبا يېڭىغا نىمە بولدى؟

يېڭىلىق بىرەلمىدىمۇ ئارمانلارغا،
يىڭى سۆيگۈ بېغىشلىمىدىمۇ ئىنسانلارغا،
يېڭىچە تۆكۈلمىدىمۇ ئىمكانلارغا؟..
بەلكىم يېڭى كونىنىڭ ئورنىنى پۈتۈنلەي ئېگەللەشتىن چارچىدى، سەۋەب ئۇ كونىنىڭ ئورنىنى باسالمايدىغىننى چۈشۈنۈپ يەتتى.

يېڭى ھايات، يېڭى ماكان ، يېڭى ئىنسانلار ھەممىسى كونىنىڭ ھەسرىتىدە، قايتۇرۋالماقنىڭ ئويىدا، قايتماقنىڭ كويىدا…
ھەممىگە قايتىش نېسىپ بولسۇن يېڭىنىڭ قوينىدا،
يەنە شۇ كونىغا…

يېڭى يىل، يىڭى ئاي ، يېڭى كۈن

2026-1-1

جاۋاب يېزىش