تۇرسۇناي رېھىم
كونا يىلنىڭ پەنجىرىسى يېپىلدۇ، بۈگۈن كەچ،
يىڭى يىللىق ساليۇتلار ئېتىلىدۇ بۈگۈن كەچ،
مەركىزى ئىدىيە ئەيتىمىز خۇلاسىلاپ بىر يىلنى،
بىر ئابزاسقا بىر ئابزاس قېتىلىدۇ بۈگۈن كەچ.
ھايات بىزگە پەقەت كۆز قۇيرىقىدا قارىماس،
ئۇنداق بولسا، قوياشتىن نۇر ھارارەت تارىماس.
مىننەتدارلىق بولمىسا ئۆتمۈش بىزگە يارىماس،
قار ئۈستىگە چاچقۇلار چېچىلىدۇ،بۈگۈن كەچ.
تەل بولسىمۇ ھەممىسى تاپالمىدۇق خۇشاللىق،
مېھرى شەپقەت كەم بولدى،قەدەمدە بىر ئوساللىق،
ھەر كىشىنىڭ بولسىكەن مۇشاقىتى ئاسانلىق،
يىڭى يىللىق، يىڭى يول ئېچىلىدۇ بۈگۈن كەچ.
سامالاردا ئۇچىدۇ كۆك كەپتەردەك تىلەكلەر،
ئەجەپ تەسكىن تاپمىدى، يېنىپ يېنىپ يۈرەكلەر،
مۇراد تاپسۇن ئوغۇل قىز،بىر بىرىگە كۆيەكلەر،
بىر يېشىمىز ئۆمۈرگە قېتىلىدۇ بۈگۈن كەچ.
