ئايال

راشىدا ئابدۇسېمەتوۋا

ئايال دىگەن ئۇ ئۆمۈرنىڭ بىر گۈلى،

قەدىرلىسەڭ تاڭدا ئاتقان كۈن نۇرى

ئايال دىگەن يۈرىگى بار بېپايان،

مېھرى – شەپقەت ، مۇھاببەتنىڭ بىر كانى.

 

ئايال دىگەن ئوچىغىڭنىڭ يالقۇنى،

بەرىكەتنىڭ سوملاپ قويغان ئالتۇنى.

ئايال دېگەن ئۆينىڭ ئۆچمەس چىرىغى،

بىلىنمەيدۇ كەلسەڭ يولنىڭ يىراقى.

 

ئايال دىگەن پەرزەندلەرنىڭ ئانىسى،

قاق يېرىلغان تۈندە ئۇنىڭ ئۇيقىسى.

ئايال دىگەن تەۋىتىدۇ ئالەمنى،

قۇدرىتى ئۇ ئەللەي ئەيتقان بۆشۈگى.

 

ئايال دىگەن قەدىر قىلساڭ باھارىڭ،

ئۆمۈرىڭدە قوشلاپ ئۆتەر سىڭارىڭ.

ھايات دىگەن قار يامغۇرسىز بولمايدۇ،

گاھى قالقان بولۇپ يېپىپ تۇرارىڭ.

 

ئايال دىگەن   ئۇ ئۆمۈرنىڭ  بىر گۈلى،

پۇراپ ئالساڭ خۇش پۇراقنىڭ ماكانى.

ئويغىنىدۇ سېزىم تۇيغۇڭ يېڭىچە،

ئايال دىگەن ئابى ھاتاتنىڭ سۆيگۈنى.

 

ياركەنت شەھىرى 2023 ژىلى

جاۋاب يېزىش