قاماقتىكى ئۇيغۇر يازغۇچى-پەرھاد تۇرسۇن

بەختىنۇر ئابدۇرەھىم خەۋىرى

ئۇيغۇرنىڭ پەخىرلىك يازغۇچىسى پەرھاد تۇرسۇننىڭ «شەھەر» ناملىق ئەسىرى شىۋېتچە نەشىر قىلىنىپ، رەسمىي تارقىتىلدى.

2025- يىلى 12- ئاينىڭ 7-كۈنى شىۋىتسىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تولىمۇ پەخىرلىك بىر كۈن بولدى. بۇ كۈنى ياۋروپادا تونۇلغان نۇرغۇن يازغۇچىلار، مۇخبىرلار، خەلقارا قەلەمكەشلەر جەمىيىتىنىڭ ئەزالىرى سىۈېنسكا قەلەمكەشلەر بىرلەشمىسىنىڭ تەكلىپكە بىنائەن چۈشتىن كىيىن سائەت بىر يېرىمدىن ئۈچكىچە بولغان ئارىلىقتا جەم بولۇشۇپ، بۇ تولىمۇ ئەھمىيەتلىك پائالىيەتكە قاتناشتى.

ئەڭ تەسىرلىك بولغىنى شۇكى،ئۆزىنىڭ ئىلغار ئىددىيەسى ۋە قەيسەرلىگى بىلەن خىتاي تەرىپىدىن» تەھدىت» دەپ قارىلىپ، 2018- يىلدىن بىرى خىتاي تۇرمىسىدا خورلىنىۋاتقان ئۇيغۇرنىڭ داڭلىق يازغۇچىسى پەرھاد تۇرسۇننىڭ «شەھەر» ناملىق ئەسىرىنىڭ شىۋىت تىلىدا نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلغىنى بولدى. ئۆزىنىڭ ئىجادى ئەمگىگى تۈپەيلىدىن خىتاي تۇرمىسىغا مەھكۇم قىلىنغان پەرھات تۇرسۇن ئۈچۈن سەھنىدە ئايرىم بىر ئۈستەل تەييارلانغان بولۇپ،ئۇنىڭغا پەرھات تۇرسۇننىڭ چوڭايتىلغان رەسىمى قويۇلغان ئىدى. يېغىندا پەرھات تۇرسۇننىڭ ھاياتى قىسقىچە تونۇشتۇرۇلدى ۋە ئۇنىڭ «دۈشمەن» ناملىق شىئېرى شىۋىت تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ، دىكلاماتسىيە قىلىندى.

پەرھاد تۇرسۇننىڭ «شەھەر» ناملىق رومانى يېغىن قاتناشچىلىرىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا سازاۋەر بولدى، شۇنداقلا ئوقۇرمەنلەرنى ئۆزلىرىگە قاتتىق جەلىپ قىلدى.

ئاخىرىدا بەختىنۇر ئابدۇرەھىم خانىم پەرھات تۇرسۇنغا ۋاكالىتەن ئۇنىڭ چوڭايتىلغان  رەسىمىنى تاپشۇرۇپ ئالدى. بەختىنۇر ئابدۇرەھىم خانىم  يەنە مۇشۇ پالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان سۈېنسكا قەلەمكەشلەر بىرلەشمىسىگە، رەھبەرلەردىن كېرستىن ئالماگارد خانىمغا، خانناھ نوردېن خانىمغا رەخمەت ئەيتىپ، ئۇلارنىڭ ئاۋازى بوغۇلغان، ئەركىنلىگىدىن مەھرۇم قىلىنغان ئۇيغۇر يازغۇچىسى ئۈچۈن قىلغان بۇ بۈيۈك خىزمىتى ئۈچۈن ئۆز رەخمەت تەشەككۇرىنى بىلدۈردى.

بۇ يېغىلىشتا يەنە  ئۆتكەن  بىر يىللىق خىزمەتلەر خۇلاسىلانغاندىن باشقا، 2026- يىللىق نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئەسەرلىرى ئەلگە تونۇلغان يازغۇچىلاردىن ئۈچ نەپەر كىشى  نامزاتلىققا تاللاندى. شۇنىڭ بىلەن بىر چاغدا ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرى ھەم ئەسەر ئاپتۇرلىرى جامائەتكە تونۇشتۇرۇلدى. ئاندىن يېغىن ئەھلىگە بىلەت تاشلاپ ئاۋازغا قويۇلدى. بۇ قىتىمقى ئاۋازغا قويۇشتا، ئاۋسترالىيەلىك ئايال يازغۇچى كۆپ سانلىق ئاۋاز بىلەن نامزاتلىققا تاللاندى.

جاۋاب يېزىش