ئەڭ ئىغىر ھەسرەتتۇر سىغىنىش دىگەن

گۈلنۇر ئابدۇرسۇل

ئەڭ ئىغىر ھەسرەتتۇر سىغىنىش دىگەن،
جۇدۇندا يىغلايدۇ كونا خىياللار.
زىمىستان ئاستىدا قالغان ياپراقتەك،
بىچارە كۆڭۈلنى يىرتىپ شاماللار.

ئەڭ ئىغىر ھەسرەتتۇر سىغىنىش دىگەن،
بىر مىنۇت بەزىدە ئۆتەر  مىڭ  يىللاپ ،
ھەر كىچە ياستۇقتا ئۆلگەن چۈشىمىز
بىخ ئۇرار  سەھەردە   ئۈمۈتنى چىللاپ.

ئەڭ ئىغىر ھەسرەتتۇر سىغىنىش دىگەن،
دات باسقان كۆڭۈللەر باھار سىغىنار
مۇزلىغان  كۈلكىلەر ، بوغۇلغان نەپەس.
ھۇقۇشتەك يالغۇزلۇق، سۇدا بوغۇلار…

ئەڭ ئىغىر ھەسرەتتۇر سىغىنىش دىگەن
قان تامچىپ قەلەمدىن شىئىر پۈتىدۇ.
جۇدالىق لەيلەيدۇ ياتنىڭ شەھرىدە،
يىراقتىن، ۋەتەندىن سالام كۈتىدۇ…

2025.10.5

جاۋاب يېزىش