ئاپتورى: گۈل
سېغىنىشنىڭ رەڭگى ساپ- سېرىق ،
يېلىنجايدۇ چوغدەك يۈرەكتە.
كۆز يەتمەيدۇ، ۋە ياكى قەدەم،
سىغىنساممۇ كىرمەيدۇ چۈشكە .
سېغىنىشنىڭ تەمى بەك قىرتاق،
شۇرۇلدايدۇ ئاچچىق قان تەندە،
جىسمىم يۈرەر يات ئەلدە لەيلەپ،
ئوي – خىيالىم كىزەر ۋەتەندە.
يېزامدىكى بىر تۈپ دەرەخمۇ،
يىغلىتىدۇ مىنى نەچچە تۈن.
لاي- لاي ئېتىپ ھەيدىگەن خامان،
ئۇپۇقلارغا تۇتاشقان يۇلغۇن…
تونۇر بېشى، مىھىرلىك خوشنام،
لاي ئېرىقتا ئوينىغان ئوغول.
يەرگە چۈشكەن بىرتال ياپراقمۇ،
يۈرىكىمنى تىترىتەر دىر-دىر.
ئاتىسىدىن ئايرىلىپ بىر يىل،
يىغلايدىكەن مۇساپىر مىڭ يىل.
يېتىمسىراپ ، مۇڭلىنىپ ئۆتتى،
قانلىق ياشتا بۇ مىسكىن كۆڭۈل.
2025.7.28
