يولنىڭ ئۇ تەرىپىدىكى ئايال

گۇلنىسا ئېمىن 
كىشىلەر توختاشنى بىلمەيدىغان يولنىڭ
قول بىلەن تۇتقىلى بولمايدىغان ئۇ تەرىپىدە.
چاچلىرىنىڭ دالدىسىدا
كۆكسىنى ئازابلارغا ئاچماقتا بىر ئايال.
ئۇ كۆرۈۋاتقان چۈشنىڭ قاناتلىرى ياپيېشىل .
ئۇ سىلاۋاتقان تاشنىڭ باغرى قۇپقۇرۇق،
ئۇ ئاڭلاۋاتقان سۆزلەرنىڭ ئىچى يوپيۇرۇق.
بىنالار ئۇنىڭ ئارقىسىدا تۇرۇپ پىچىرلايدۇ،
پەلەمپەيلەر ئامالسىز ھاسىرايدۇ،
يولنىڭ ئۆلگۈر ئۇ تەرىپى،
ئايالنىڭ تېنىنى سىلايدۇ.
سائەتنىڭ بۇزۇلغان ئىسترېلكىسى
ئۇنى يولنى خاتا تاللاشقا ئېلىپ بارىدۇ.
سەمىمى شەكىلگە كىرىۋالغان سۆزلەر
ئۇنى بېكىتىدىن ئېزىقتۇرىدۇ.
يولنىڭ ئۇ تەرىپىدە،
تالاي كۆزلەر ئۇنى يەيدۇ،
تالاي سۆزلەر ئۇنى يەيدۇ،
تالاي كېچىلەر ئۇنىڭدا قۇرتلايدۇ،
شەھۋەت تاملىرى ئۇنىڭ ئالدىدا ئىگىزلەيدۇ،
ئويۇپ قالغان ھەسرەتلىرىنى
ئۆزى يالغۇز يەيدۇ

جاۋاب يېزىش