ئاپتورى: ئېسىل
دىللار ئارام تاپماسمىدى بىزگە بىر كەلسەڭ باھار.
خۇش – يارقىن تاڭ ئاتماسمىدى بىزگە بىر كەلسەڭ باھار.
تۇتۇق كۈنلەر، بوغۇق ئۈنلەر، باھار دەپ ئۆتەر تۈنلەر،
قۇياش كۈلۈپ باقماسمىدى بىزگە بىر كەلسەڭ باھار.
تۈمەنمىڭ جان بولدى قۇربان يەتمەك ئۈچۈن ۋەسلىڭگە،
ئۇلار خۇشال ياتماسمىدى بىزگە بىر كەلسەڭ باھار.
ئىززەت ئۈچۈن تېپىرلايدۇ مەزلۇم بولۇپ ئەزىز خەلق،
بەخت ئىشىكنى قاقماسمىدى بىزگە بىر كەلسەڭ باھار.
قۇرۇپ كەتتى ئىلى، تارىم ساڭا تەشنا بىر ئەسىر،
پەلەك چاقماق چاقماسمىدى بىزگە بىر كەلسەڭ باھار.
سەندىن چىققان ئوغلانلىرىڭ كۈتەر پۇرسەت ھەر زامان،
پىلىككە ئوت ياقماسمىدى بىزگە بىر كەلسەڭ باھار.
كۆك ئاسماننى بۇلغاپ ياتقان دىنسىز زالىم، مەلئۇنلار،
ۋەيران بولۇپ قاچماسمىدى بىزگە بىر كەلسەڭ باھار.
سىنى چىللاپ يازالماستىن شائىر ھەتتا ھەسرەتتە،
شانلىق ئەسەر يازماسمىدى بىزگە بىر كەلسەڭ باھار.
قايتا – قايتا زەربىلەردىن ئېزىلگەن غېرىب يۈزلەر ،
كۈلۈپ چىراي ئاچماسمىدى بىزگە بىر كەلسەڭ باھار.
ياراتقان زات ئۆزۈڭ قادىر بىزلەر سەنسىز ئاجىزمىز،
قوبۇل ئەيلە دۇئالارنى بىزگە بىر كەلسۇن باھار.
