تويۇڭ بولىدۇ

گۈلنۇر ئابدۇرسۇل

تويۇڭ بولىدۇ قىزىم،
ئالتۇن تەخت ئۆيۈڭ بولىدۇ،
ماڭا ئوخشاش،
يەپ تۈگۈمەس غىمىڭ بولىدۇ…

قازان بىشى بېغىڭ بولىدۇ،
بىرنى ئىككى قىلىش،
يوقنى بار قىلىش،
بىرنى ئون قىلىش
قىشنى ياز قىلىش
كۈنۈڭ بولىدۇ…

يۈزۈڭدە كۈن جۇلالايدۇ،
ئۆيۈڭدە نۇر غىلىلدايدۇ،
بەزى كۈنلىرى،
ھۇقۇش سايراپ ئۈمچىيىسەن،
توي قىلمىسام بوپتىكەن دەپ.

قازناق ئۆيدە تۆكىلىسەن…،
ھەممە نەرسە جۈپ -جۈپ تۇرسا،
جىنىم قىزىم ،
سەن يالغۇز تىكەندەك ئۆتەلمەيسەن…
قەدرىڭنى بىلسىكەن، دەيمەن،
مەن ئەزىز بىلگەن كەبى،
بېشىدا كۆتۈرسىكەن دەيمەن،
مەن كۆتۈرۈپ ياشىغان كەبى.

بارلىقىم قىزىم،
تويۇڭ بولىدۇ،
قولىغا تىكەن كىرمىسىكەن دەيمەن.
ئاش ئىتىۋىتىپ،
نازۇك بارماقلىرىڭنى،
پىچاق كەسمىسىكەن دايمەن.
مەن ئالىيىپ قاراپ باقمىغان كۆزلەرگە،
ھومىيىپ قاراپ سالمىسىكەن دەيمەن…
بىر يىلنىڭ تۆت پەسلى بولغىنىدەك،
بىر ئۆينىڭمۇ تۆت پەسلى بار.
راھەت يازلىرى،
سالقىن كۈزلىرى،
زىمىستان قىشلىرى.
بىدە كۆكى تىرىپ چۆچۈرە يەيدىغان،
ئىللىق ئەتىيازلىرى…قازان چۆمۈچكە تېگىپ كىتىدىغان جۇدۇنلۇق ئاخشاملىرى..
ھەر پەسىلىدە باھار بولغايسەن،
ئۆي- سەن بىلەن باھار بولىدۇ.
ھەر يولۇڭدا ئامان بولغايسەن،
يول، سەن بىلەن ئىپار  تارايدۇ…

مۇشۇنداق چىرايلىق تىلەكلىرى بولىدۇ،  ئانا دىگەننىڭ، قىزلىرى ئۈچۈن..
ساق – سالامەت، بەردەم بولوڭلار، قىزى بار ئانىلار …

2025.2.13

جاۋاب يېزىش