قەيسەر ئايال

دىلدار ئەزىز

ئۇ جىمغىنا كىتىپ قالدى. ھەتتا بۇ ئالەم بىلەن، ئاتا ئانىسى ۋە دوسيارەنتلىرى بىلەن خوشلىشىقىمۇ ئۈلگۈرەلمىدى. ئۇ تۇرمىدىن بۇ دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېلىنگەن چاغدا، ئۇ ھاياتنىڭ ئاخىرقى تىنىقلىرىنى تىنىۋاتقان ئىكەن. مەن بۇرۇن بۇ تۈرۈك ئادۋوكار خانىمنى تونۇمىغانلىغىم ئۈچۈن تولىمۇ ئەسۇسلاندىم. ئۇمۇ نۇرغۇن كىشىلەرگە ئوخشاش ئۆز ھاياتىنى مىللىتى ۋە خەلقىنىڭ ئادالىتى ۋە ئەركىنلىگى ئۈچۈن بېغىشلىغان بولسىمۇ، بىراق خەلقى ۋە مىللىتى ئۇنىڭ ھايات ماماتىغا ئانچە پەرۋا قىلىپ كەتمىگەن پىداكار خانىم ئىدى. مەن  بۇ جاسارەتلىك  خانىمنى كىچىكىپ بولسىمۇ تونۇشقا ئۈلگۈردۇم، ئۇ توغۇرسىدا ناھايتى كەم ئۇچۇرايدىغان خەۋەرلەردىن  بىلدىم. ئۇئۆزىنىڭ  32 يىللىق ھاياتىنى تۇركىيە دۆلەت تۈزۈلمىسىدىكى ئادالەتسىزلىكلەرنى تۈزەش ۋە خەلققە ھەقىقى ئادالەت تەلەپ قېلىش ئۈچۈن ئاتىغان بولۇپ، ئۆز خىزمەتداشلىرى يولسىزلارچە تۇتقۇن قىلىنغاندىن كىيىن ئۇنىڭ سەبىر چېكى تاشقان، ئۇ تۇرمىدا 238 كۈنلۈق ئاچلىق ئىلان قىلىش جەريانىدا ئۇنىڭ ئېغىرلىقى ئاران 32 كىلوگىرامغا چۈشۈپ قالغان بولۇپ، شۇنداقتىمۇ ئۇ ئاچلىق ئىلان قىلىشنى توختاتمىغان. ئۇنىڭ بۇ ھىكايىلىرىنى خەۋەرلەردىن كۆرگەندىن كىيىن، مىنىڭ روھىيىتىمگە قاتتىق تەسىر قىلدى. مەن ئۇنى قانچە كۆپ چۇشەنگەنسىرى  ئۇنىڭ مىنىڭ قەلبىمدىكى ئوبرازى شۇنچە يۈكسېلىشكە باشلىدى..

ئۇنىڭ ئىسمى  ئەبرۇ تىمتىك ، ئۇ تۈركىيەدىكى داقلىق ئادۋۇكاد. ئۇ تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنسان ھەقلىرىنى دەپسەندە قىلىپ يۈرگۈزگەن  ئادالەتسىزلىگىگە، تۈركىيەدە ئاياللار ھوقوقىنىڭ  ئېغىر دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىغا ، شۇنداقلا نۇرغۇنلىغان ئۆزىگە ئوخشاش ئادۋۇكادلارنىڭ قانۇنسىز ھالدا تۇتقۇن قىلىنغانلىقىغا  نارازىلىق بىلدۈرگەنلىگى ئۈچۈن  تۇتقۇن قىلىنغان،  ئۇ تۇرمىدا ھۆكۈمەتنىڭ بۇ قىلمىشلىرىغا  ئاچلىق ئىلان قىلىش ئارقىلىق داۋاملىق نارازىلىق بىلدۈرگەن. ئۇ ئاچلىق ئىلان قىلغان 238 جى كۈنى  ھالسىزلىنىپ ھاياتىدىن ئايرىلغان .

شۇنداق. ئۇ جىمغىنە كىتىپ قالدى. ئۇ تۇرمىدىن ئەكىلىپ تاشلانغان دوختۇرخانىنىڭ كارۋىتىدا، ھالسىزلانغان بەدىنىنى مىدىرلىتىشقىمۇ ئۈلگۈرمەستىن ئۇزۇن كىرپىكلىك قارا كۆزلىرىنى مەڭگۈلۈك يۇمدى.

شۇنداق، ئۇ 238 كۈن تاماق يىمىگەن ئىدى.ئۇنىڭ ئاچلىق ئىلان قىلىش ئارقىلىق ھۆكۈمەتكە نارازىلىق بىلدۈرىشى، تۈركىيەدە يوقۇلاي، دەپلا قالغان ئادالەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئىدى. بولۇپمۇ بۇ ئادالەتنىڭ بىر بىر ئىنسان ئۈچۈن، ئايال ئۈچۈن، بىر كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىسى ئۈچۈن، شۇنداقلا بىر دېموكراتىك دۆلەت ئۈچۈن نەقەدەر موھىم  ئىكەنلىگىنى بىلگىنىڭىزدە،  بولۇپمۇ سىزنىڭ  ئەركىن پىكىر بايان قىلىش  ھوقوقىڭىزقاتتىق چەكلىنىپ، ئادالەتكە ئەمەس، بەلكى زومىگەرگە  باش ئىگىشكە مەجبۇرلانغان ۋاختىڭىزدا،  سىز غورورىڭىزنىڭ خورلانغانلىقىنى، روھىيىتىڭىزنىڭ  دەپسەندە قىلىنغانلىقىنى ھېس قىلغان ۋاختىڭىزدا، ئاندىن ئەبرۇ تىمتىك خانىمنىڭ نىمە ئۈچۈن 238 كۈن ئاچلىق ئىلان قىلالىغانلىقىنى ھەقىقىي چۈشەنگەن بولاتتىڭىز.

ئەبرۇ تىمتىك خانىم ئادالەتسىزلىك ۋە ئاچلىقتىن كىتىپ قالدى. ئۇنىڭ كارا كۆزلىرى مەڭگۈلۈككە يۇمۇلدى. ئۇنىڭ يۈرىگىمۇ ئەمدى سوقۇشتىن توختىتى. مەن ئۇنىڭ ھاياتى توغۇرسىدا تېخى ئانچە كۆپ نەرسە بىلمەيمەن. بىراق مەن ئۇنىڭ پۈتۈن ھاياتى بىلەن چوقۇم تونىشىمەن. ئۇنى خۇددى بىر كونا دوستۇمدەك چۈشۈنىشكە تېرىشىمەن. چۇنكى ئۇنىڭ چەيسەرلىگى، ئادالەتپەرۋەرلىگى مىنى تۈرۈك خەلقى توغۇرسىدا قايتا ئويلۇنۇشقا ئۈندىمەكتە.

بەزى ئىنسنالار باركى، ئۇلار ھاياتلىغىدا جىمجىت ياشايدۇ، قىلغانلىرىنى بازارغا سېلىپ شەرەپ تاپمايدۇ. بىراق ھاياتىدىن ئايرىلغاندىن كىيىن كىشىلەر ئۇنىڭ ھايات ۋاختىدا قىلغان ياخشى ئىشلىرىنى خۇددى جاۋاھىرەتلەرنى يىپقا ئۆتكۈزگەندەك يېغىپ كېلىپ ئۇنىgمەدىيەھلەشكە باشلايدۇ. خۇددى «بەزى كىشىلەرنىڭ شانۇ شەۋكىتى  ئۆلگەندە ئاندىن  باشلىنىدۇ» دىگەندەك.

جاۋاب يېزىش