ئەلۋىدا، دوكتۇر ھەكىمە ئەرشىدىن خانىم

دىلدار ئەزىز

ئۇ كەتتى، مەندە نۇرغۇنلىغان ئەپسۇسلارنى قالدۇرۇپ كەتتى. ئۇنىڭ ۋاپاتىدىن 2023-يىلى 10-ئايدىن خېلىلا كىيىن خەۋەر تاپقان بولساممۇ،  مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ئۆزەمنىڭ ھەكىمە ھەدەمگە بولسان تەزىيەرىمنى بىلدۈرۈشكە ئىمكانىيەت بولمىدى. بىراق يۈرىگىمدە بىر ئەپسۇس، بىر ۋىجدانى قەرىز ساقلىنىپ قالغان ئىدى. مانا ئەمدى ۋاقىتلىق بولسىمۇ قولۇمغا  قەلەم ئېلىشقا پۇرسەت تاپتىم.

مەن ھەكىمە ھەدەم بىلەن تۇنجى كۆرۈشكەن ۋاختىم، ئۇنىڭ لوندۇندە ئوقۇۋاتقان ۋاختى بولۇپ، ئۇ تەتىلدە ئۈرۈمچىگە كەلگەن چاغلار ئىدى، بىز ئۇستاز يازغۇچى ئابدۇللا تالىپنىڭ ئۆيىدە ئۇچۇراشقان ئىدۇق. شۇ چاغدا ئابدۇللا تالىپ ئۇستاز ماڭا تېلفون بىرىپ شۇنداق دىگەن:  سىز بۈگۈن كەچ يولدىشىڭىز بىلەن بىزنىڭكىگە  كېلىڭ، مەن سىزنى ئاجايىپ جاسارەتلىك بىر خانىم بىلەن كۆرۈشتۈرىمەن، دىدى. بىز ئابدۇللا تالىپنىڭ  ئۆيىگە دىگەن ۋاقىتتىن بالدۇر يىتىپ كەلدۇق ۋە  مەن ئابدۇللا تالىپنىڭ ئايالىغا ياردەملەشمەكچى بولۇپ ئاشخانا ئۆيگە كىردىم. بىراق ئۇستاز مىنى مېھمانخانىغا چاقىردى – دە ماڭا ھەكىمە خانىم ھەققىدە ئازىراق ئۇچۇر بەردى. ئۇستازنىڭ ھەر بىر ئېغىز سۆزىدىن ھەكىمە خانىمغا بولغان چەكسىز ھۆرمىتى ۋە قايىللىغى بىلىنىپ تۇراتتى.  بۇ سورۇنغا يەنە بىر قانچە پىشقەدەملەرمۇ تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، ئاساسلىق مېھمان يەنىلا ھەكىمە خانىم ئىدى.ئاخىرى ھەكىمەمۇ يولدىشى بىلەن يىتىپ كەلدى.

مەن بۇرۇن ھەكىمە خانىمنى پەقەتلا كۆرۈپ باقمىغان ئىكەنمەن. شۇكۈنى ئۇنىڭ سەمىمىي پاراڭلىرىدىن، ئاددى ۋە ماسلاشقان كىيىنىشىدىن، بىلىمگە ۋە ھاياتقا بولغان چەكسىز سۆيگۈسىدىن كۆپ ئىلھام ئالدىم. خۇددى قەلبىمدىكى قاغجىراپ قالغان  بوشلۇققا بىر پارچە ئوت تۇتاشقاندەك بولدى. ئەنە شۇ كۈندىن باشلاپ قەلبىمدە چەتئەلگە چىقىپ بىلىم ئېلىش ئىستىگى باشقىدىن قوزغالدى. بولۇپمۇ ھەكىمە خانىمنىڭ ھەر بىر ئېغىز سۆزىگە يۇغۇرۇلغان مىللەتپەرۋەرلىك ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك تۇيغۇسى مىنىڭ يۈرۈگىمدىكى ئوتنى باشقىدىن يالقۇنجاتتى. شۇنىڭدىن كىيىن ماڭا ھەكىمە خانىم بىلەن نۇرغۇن قىتىم ئايرىم سۆھبەتلىشىش پۇرسەتلىرى بولدى. ئۇ ئۆزىنىڭ يۇرتى  ۋە بالىلىق ھاياتى توغۇرسىدا بولۇپمۇ ئۈنىۋېرسىتنى پۈتتۈرگەندىن كىيىن ئۆزى ئوقۇغان كەسىپ بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى بولمىغان بىر خىزمەتكە تەخسىم قىلىنىپ، ئاقسۇنىڭ چۆل جەزىرلىرىدە ئىگىز مۇمغا يامىشىپ تېلفون سىمى باغلاش ۋە ئۇنى ئاسراش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشقا مەجبۇر بولغانلىقى، بۇ جەرياندا يەنە نۇرغۇن خورلۇققا ۋە دەپسەندىچىلىككە دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، ھېچقايسىسىغا بوي سۇنماستىن ، ئاخىرى يۇقۇرى ئۆرلەپ ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرشكەنلىگىنى سۆزلەپ بەرگەن ئىدى. ئۇنىڭ ئۆز ھاياتى ھەققىدە سۆزلەپ بەرگەنلىرى ماڭا قاتتىق تەسىر قىلغان بولۇپ، ئوخشاشلا ئايال بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، قىسمەتلىرىمىزمۇ  ئوخشاش ئىدى، شۇڭا ئۇنىڭ سۆزلىرىنىڭ تەسىرى  مىنىڭ كىيىنكى ھاياتىمغىمۇ ئۆلگۈلۈك تەسىر كۆرسەتكەن ئىدى.

كىيىن ئۇ يەنە بىر نەچچە قىتىم كەلدى، ۋە ھەر قىتىم كەلگەنلىرىدە ئۇنىڭ دىسىرتاتسىيە ياقىلىشىغا لازىم بولغان نۇرغۇن كىتاپلارنى بىرلىكتە ئىزدىدۇق. شۇ جەرياندا بەزىدە ئۇنىڭ ئۆيىدە ۋە بەزىدە بىزنىڭ ئۆيدە مېھمان بولدۇق ۋە مۇڭداشتۇق. ئۇ دىسىرتاتسىيەسىنى ياقىلاپ، دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشىپ ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندە، مەنمۇ ئۇنىڭ ئۇچۇن ئۇرۇمچىدىكى بىلىملىك ئاياللارنى، ئۇيغۇر ئايال رەھبەرلەرىنى مېھمانغا چاقىرىپ ئۇنى قىزغىن مۇبارەكلىدۇق. بۇنداق قىلىشتىكى مەقسىدىم بىر تەرەپتىن ئۇنى داغدۇغىلىق كۈتىۋېلىش بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇنىڭ بۇنىڭدىن كىيىنكى يولىنىڭ تېخىمۇ داغدام بولىشى ئۈچۈن يول ئېچىش، ئىدى. ھەكىمە ھەدەمنىڭ كىيىنكى ئىشلىرىمۇ دەل مەن ئويلىغاندەك داغدام بولدى. ئۇ ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مۇئارىپ نازارىتى تاشقى ئىشلار باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىغى بولدى. بۇ ئورۇن يەنە ئۇيغۇر بىلىم ئىگىلىرىنى چەتئەتگە ئوقۇشقا چىقىرىش ئىشلىرىغا مۇناسىۋەتلىك ھالقىلىق جاي بولۇپ، ھەكىمە خانىمنىڭ قولى بىلەن تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇشىغا يول ئېچىش ئىمكانىيىتى تۇغۇلغان ئىدى. مانا شۇنىڭدىن كىيىن ھەكىمە خانىممۇ مەنمۇ ئالدىراش بولۇپ كەتتۇق. ئالاقىمىزمۇ بۇرۇنقىدەك كۆپ بولمىدى. دۇنيا ئاياللار قۇرۇلتىيى تۇنجى قىتىم بېيجىڭدا ئېچىلغان چاغدا، ھەكىمە خانىم ئۇيغۇر ئايال ۋەكىللىرى قاتارىغا شۇ يېغىنغا قاتناشتى. مەن ئۇنى چىن كۆڭلۈمدىن تەبىرىكلىدىم. بىراق ئۇنىڭغا قوشۇمچە يەنە تەرجىمانلىق ۋەزىپىسىمۇ يۈكلەنگەن ئىدى.

ھەكىمە ئەرشىدىن خانىم بىزدىن ۋاقىتسىز ئايرىلدى، ئۇ تېخى ياش ئىدى، ھەرقانداق بىر ئىنسانغا ئوخشاش ئۇنىڭ يەنە نۇرغۇنلىغان ئارزۇ – ئارمانلىرى بار ئىدى. گەرچە ئۇ ھەممە ئارزۇ ئارمانلىرىغا يىتەلمىگەن بولسىمۇ، بىراق  ئۇ يەنىلا ئۆز ھايات مۇساپىسىنى نۇرلار بىلەن چاقنىتالىدى. ئۇ ھاياتىدا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قەلبىگە ۋەتەنپەرۋەرلىك، مىللەتپەرۋەرلىكنىڭ ئوتلىرىنى، بىلىمگە بولغان ئىشتىياقىنى يالقۇنجىتىپ كەتتى، نۇرغۇن ئۇيغۇر ياشلىرىنى چەتئەلدىكى ئالىي بىلىم يۇرۇتلىرىدا بىلىم بۇلىغىغا چۆمۈلۈپ، ھايات قىممىتىنى تېپىشىغا يول ئېچىپ بەردى.

دوكتۇر ھەكىمە ئەرشىدىن خانىمنىڭ مۇكەممەل بىر ھاياتىنى ئىشىنىمەنكى،  كۈنلەرنىڭ بىرىدە بىزنىڭ ياشلىرىمىز چوقۇم ياخشى  ئۈگۈنۈپ، ئۇنىڭ ھاياتى ھەققىدە مۇكەممەل دەستانلارنى يېزىپ چىققۇسى.

ئەلۋىدا ھەكىمە ھەدە، سىز مەڭگۈ مىنىڭ ۋە  بىزنىڭ قەلبىمىزدە ياشايسىز. ياتقان جايىڭىز جەننەتتە بولسۇن!

جاۋاب يېزىش