گۈلناز ئابدۇقادىر
( قەيسەر مىجىت تەرجىمىسى)
قەيەردىن كەلدىڭ سەيياھ؟
دەپ سورىما مېنىڭدىن.
مەن كەلدىم بەكلا ئۇزاق يەردىن.
نىچۈن ئايلىنىسەن دۇنيانى،
ئىيتقىنا، مەقسىدىڭ زادى نىمە؟
بايلىق، شەرەپ، تەلەيمىكىن دىمە،
ئۇلار مەن ئۈچۈن ئەمەس ھىچنىمە !
ئۇنداقتا كىزىسەن نىچۈن؟
قەلبىڭنىڭ ئىستىگى زادى نىمە؟
بۈركۈتتەك پەرۋاز ئەيلەپ،
پايانسىز ئاسماندا شۇڭغۇيمەن!
بۈركۈتتەك دىدىڭمۇ ئۆزۈڭنى،
ئوچۇقراق ئىيتساڭچۇ قېنى.
ئەركىن، چۈشەكسىز ئۇچقۇم بار،
سۈرمەك ئۈچۈن ھاياتنىڭ ھوزۇرىنى.
يەنىچۇ، يەنە نىمە ئۇ سىنى ئۇخلاتمىغان؟
قايسى چۈش ئۇ سەن كۆرۈپ قانمىغان؟
شاۋقۇن سالسام دەيمەن گويا،
ئىقىن سۇدەك گۈزەل جىلغىدىن چىققان!
ئىقىن سۇ، قەلبىڭنىڭ تېۋىشىمۇ؟
شۇنداق، ئۇ بىر تاتلىق سادا.
گويا بىر ئاساۋ تۇلپار چىقىرىدىغان،
بىپايان يايلاقتا شامالدەك تىز چاپقاندا.
ھۆرلۈكنىڭ چاقىرىغىمۇ ئۇ،
قەلبىڭنى تېنچ قويمايۋاتقان؟
دەل شۇ، مىنى تېمتاس قويمايۋاتقان،
راكىتا كەبى ئالەمنى ئايلىنىۋاتقان.
راكىتادەك ئالەمگە شۇڭغۇشمۇ؟
قەلبىڭنى بۈيۈكلۈككە تەلپۈندۈرگەن؟
كائىناتنى كىزىپ چىقماق بولۇپ،
پۈتۈن چەكلىمىلەرنى بۆسۈپ ئۆتكەن؟
نىمە، ئۆيۈڭنى زادى سىغىنامسەن؟
قىرىق يىل ئۆتتى، يەنىلا سەيياھمەن، ئۈگىنىۋاتىمەن.
كەينىڭدە قالغان يەرلەرنى سىغىنامسەن؟
ئۇلار ھەر زامان قەلبىمدە، توختىماي ياد ئېتىمەن.
ئىيتقىنا، نىمە ئەقىل تاپتىڭ شۇنچە ئىزدىنىپ؟
ھاياتنىڭ سىنىغى -ئەركىنلىك ۋە ئازرۇ ئىكەن يەتتىم بىلىپ!
ئىيتقىنا، قاچان بولدى قىلىسەن جاھان كىزىشىڭنى؟
يۇلتۇزلار پارلىسىلا، داۋام قىلىمەن نۇرغا تەلپۈنۈشۈمنى.
زادى نىمە ئىزدەيسەن بۇ چەكسىز ئالەمدە؟
مەيىن شامالدەك ھوزۇرلۇق يىيىلسام دەيمەن ھەر يەرگە!
باسقان يولۇڭ، قالدۇرغان ئىزىڭدىن قىلامسەن پۇشايمان؟
ئۆتمۈشنىڭ ئۆزى ھىكايە، كىلەچەك ئارزۇغا باي تۇرسا، مېنىڭدە نە پۇشايمان؟
زادى قايتىپ كىتەمسەن، سەپەرنى باشلىغان يىرىڭگە؟
بەلكىم بىر كۈنى، دۇنيانىڭ بۈيۈك پىلانى،
سۆيگەن ماكانىمغا ئىلىپ كەتسە كىتىمەن،
شۇ چاغقىچە، كىزىمەن داۋاملىق،
بولۇپ ھەر زامان قەلبىمگە سادىق!
سۆيۈملۈك قەلبىم، نىمە ئۇ زادى سەن تاتلىققىنە پىچىرلاۋاتقان؟
ئەركىنلىك ۋە ئارزۇ -بۇ ئىككىسى سېنى پۈتۈن قىلغان!