(قىزىم بىلەن يازغان شېئىرلار)
مېھرىنسا ئىسمائل
ۋىسالە كۇراش
قۇياش ئېيتتى يۇلتۇزغا :
سەن باغرىمدىن چېچىلغان ئۇرۇق،.
يۇلتۇز ئېيتتى قۇياشقا:
مەن نۇرۇڭدا چاقنايمەن تولۇق.
قوياش ئاچتى غۇلاچلىرىنى،
يۇلتۇز چاچتى جۇلالىرىنى.
مۇڭدۇشۇش
ئانا : سەن مېنىڭ كەلگۈسىگە سوزۇلغان يولۇم.
قىز : سەن مېنىڭ چىداملىق، سولماس ئىرادەم.
ئانا: سەن مېنىڭ ۋىسالىم، خۇشپۇراق گۈلۈم،
قىز : سىەن مېنىڭ بەرگىمدە چاقنىغان شەبنەم.
ئانا : مەن يانسام گەر شام بوپ تۈنۈڭدە،
قىز : مەن ئاقىمەن ياش بوپ تېنىڭگە.
ئانا : مەن چاقنىسام قۇياش بوپ سەندە ؟
قىز : مەن پارلايمەن چولپان بوپ كۆكتە!
ئانا : يوللىرىڭغا پايانداز بولاي،
قىز : ھەر سۆيگۈڭدىن كۈچ- مەدەت ئالاي.
ئانا : قاناتلىرىڭ يېتىلگەن كۈنى،
ئۆز قولۇمدا كۆككە ئۇچۇراي!.