ئاپتورى: Michael Moore مىكال موورې
دىلدار ئەزىز تەرجىمىسى
مېنىڭ MAGA مىللىتىگە دەيدىغان ئىككى كەلىمە سۆزۈم بار:ھەرگىز ئۆلمەڭ. سىزنىڭ ترامپقا بولغان مۇھەببىتىڭىز ۋە ساداقەتمەنلىكىڭىز ھاياتىڭىنى بېغىشلاشقا ئەرزىمەيدۇ. سىلەرنىڭ ئىچىڭلەردىكى 73 مىليون كىشى ماسكا تاقاشنى ۋە ئىجتىمائىي ئارىلىق ساقلاشنى رەت قىلدى ، ئۇنداق بولغانىكەن، بۇ كېسەلنى يوقىتىش مۇمكىن ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى نۇرغۇنلىرىڭلا كەلگۈسى ئۈچ ئاي ئىچىدە ئۆلىسىلەر. سىىزنېمىشقا جۈپتىڭىزنى ، ئاتا-ئانىڭىز ۋە بوۋا-مومىلىرىڭىزنى ، بالىلىرىڭىزنى مۇشۇ كىسەل بىلەن يۇقۇملاندۇرماقچى بولىسىز؟ ھازىرغا قەدەر ، سىزنىڭ غەزىۋىڭىزنى، نەپرىتىڭىزنى ۋە سۈيقەست نەزەرىيىسىنى توردا ھەمبەھىرلىشىڭىزگە قارىماي ، سىزنىڭ بۇ تارقىلىشچان كېسەلنىڭ ھەقىقىي مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى بىلىدىغانلىقىڭىزنى بىلىمەن. چۇنكى سىز كالۋا ئەمەس. ھازىر ئامرىكىدا ھەر 37 سېكۇنتتا بىر ئادەم ئۆلۈپ كېتىۋاتىدۇ. سىزنىڭچە بۇ نېمىدىن دىرەك بىرىدۇ؟ ئەگەر شۇ تاپتا بازا تەشكىلاتىدىكىلەر ھەر 37 سېكۇنتتا بىر ئامېرىكىلىقنى ئۆلتۈرۈشكە باشلىغان بولسا ،ئۇ چاغدا ئامرىكا قانداق تەدبىر قوللانغان بولاتتى؟ نېمىشقا بۇئۆلۈمنى توختىتىش ئۈچۈن ھېچ بولمىغاندا بىرەر تەدبىر قوللىنىلمايدۇ؟ Covid-19 نى يوقۇتۇش ئۈچۈن سىز ۋە مەن بىرلىكتە ، قول تۇتۇشۇپ نېمە ئىش قىلىمىزكىرەك؟ ئاناڭىزنىڭ ئۆلۈمىنى، ئوغلىڭىزنىڭ ئۆلۈمىنى كۈتىشىمىز كىرەكمۇ؟ سىزنىڭ ئاغىزىڭىزدىن» ئامرىكا خەلقى ئۈچۈن بۇ يوقۇتۇش يىتەرلىك» دەيدىغان ئېنىق بىر جۇملە گەپ چىقىپ باقتىمۇ؟ چۈنكى مەن سىلەردە يۇقۇردىن تۆۋەنگە قارىتىلغان بىر باغلىنىشنىڭ بارلىقىنى بىلىمەن.شۇنى بىلىپ قېلىڭكى، ئەگەر سىز بۇ ۋىروسنى يوقتۇرىۋالسىڭىز بەش ھەپتە كېسەل بولۇپ كارىۋاتتا خۇددى ئىتتەك يېتىپ قالىسىز ، ئۇنىڭدىن كىيىن ، ئۆمۈر بويى تەم ۋە پۇراش سېزىمىڭىزنى يوقىتىسىز. ھاياتىڭىزدىكى تەڭپۇڭلۇقىڭىزمۇ مەڭگۈلۈك بۇزۇلىدى ، بۇنداق بولغاندا قايتا ماڭالمايسىز. مۇشۇ كىسەلنى يوقتۇرىۋالغان نۇرغۇن كىشىلەر ئۆلمىگەن تەقدىردىمۇ ميىپ بولۇپ، ھاياتىنىڭ كىيىنكى قىسمىنى ميىپلىقتا كارۋاتتا ئاخىرلاشتۇرىدۇ.سىزقاچان «ئائىلەمدىكىلەرنى ئلىپ سىياسەت ۋە سىياسۇنلار بىلەن دوزاقتا ياشىشىنى خالايمەن !» دىيەلەيسىز؟
شۇ نىڭ ئۈچۈن بۈگۈن مەن قولۇمنى سىزگە ، قوشنامغا ، ئامېرىكىلىق بۇرادەرلىرىمگە سۇندۇم. بۈگۈن مىنىڭ بۇنداق قىلىشىم سىزگە بولغان مۇھەببەتىم ۋە ھۆرمىتىم ئۈچۈن، سىزنىڭ ھاياتنى چوڭقۇر مېھرىڭىز بىلەن سۆيىدىغانلىقىڭىزغا ئىشەنگەنلىگىمدىن بولىۋاتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن سىزگە شۇنداق تەۋسىيە قىلىمەنكى، ماسكا تاقاشنى رەت قىلماڭ، ئىجىتىمائى ئارىلىقىمىزنى ساقلاشقا قارشى تۇرماڭ. بۇ مەڭگۈلۈك ئەمەس! ئەگەر ھەممىمىز بۇنى پەقەت ئۈچ ئايلا داۋاملاشتۇرالىغان بولساق (ھەمدە ئامالنىڭ بارىچە ئۆيدە تۇرغان بولساق) ، ئەھۋال بۇ دەرىجىگە بارمايىتتى . بىر نەرسە ھەممىمىزگە ئىنىق بولسۇنكى، ۋىرۇسنىڭ نىشانى پەقەت بىرلا – ئۇ بولسىمۇسىزنى ئۆلتۈرۈش – ئۇنداقتا ۈىروسنى يوقۇتۇش ئۈچۈن دەرھال ھەرىكەتكە كېلىش سىزنىڭ مەجبۇرىيىتىڭىز ئەمەسمۇ؟ ! كېلىڭ دوستۇم، بىز بۇنى قىلايلى! شۇڭا مەن سىزگە بۇ مۇھەببەتنامەمنى يازدىم. خاتىرجەم بولۇڭ – بۇ قانداقتۇ مۇھەببەت خېتى ئەمەس. ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا ، مەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى بەزىلەرنىڭ ئىرقچىلىق ۋە كۆپىنچە چۇشەنمەسلىكتىن بولىۋاتقان سىياسىي ئېتىقادىڭلارنى ياقتۇرمايمەن. ئەمما بۇ سىزنىڭ قىممەت قارىشىڭىز ياكى سىياسىتىڭىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئەمەس! ئۇ ياشاشقا مۇناسىۋەتلىك! بۈگۈن بىر نەچچە مىنۇت ۋاقىت سەرپ قىلىپ مېنىڭ RUMBLE ئۈندىدارىمنى ئاڭلاڭ،ئۇنىڭ ئىسمى: «مايكول مورنىڭ MAGA مىللىتىگە قىلغان مۇراجىئىتى: سىزنىڭ ئۆلۈشىڭىزنى خالىمايمەن».
ھەممىدىن مۇھىمى ، سىز Covid-19 بىلەن ئۆلۈپ كەتسىڭىز ، مېنىڭ ئېشىكىمگە كىم تېپىدۇ؟! ھېچكىم! سىزمۇ بىلىسىز ، بۇنداق قىلىش پەقەتلا توغرا ئەمەس.
ئەگەر ۋاختىڭىز يەتسە بۇ ئۇلانمىدىن ختىمنىڭ ئاۋازلىق نۇسخىسىغا قولاق سلىڭ. بۇ ھەقسىز. سىزنى ئاللاھ ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن! ھازىرقى بۇغا پەسلىدىن ھوۇرلىنىڭ!
Please listen to my podcast letter to you. It’s free on:Apple: https://apple.co/rumbleSpotify: https://spoti.fi/2JnTgN1Google: http://bit.ly/36k2m6iGod bless, and enjoy deer season!Michael Moore