بۇلدۇقلىغان ئۇيغۇر بۇلاق

نۇزۇگۇم

بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا، دەپ باشلىنىپتۇ يازغۇچى ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ ئوماق چۆچەكلىرى.»چۆچەك دېگەن ھېكايە شۇ ئېدى. بۇرۇن بۇرۇندا ئىكەن،دەپ گەپ باشلانسا چۆچەك دەيتتۇق. ئۇلا ئەمەس، ياغاچتىن ياسالغان قاچىنىمۇ چۆچەك دەيتتۇق. چۆچەك تېخى بىر شەھەرنىڭ ئسمى ئىدى». شۇنىڭ بىلەن ئوغلۇم بىلەن ئىككىمىز چۆچەكلەر دۇنياسىغا غەرق بولدۇۇق.بۇرۇننىڭ بۇرنىدا دېگەن سۆز چىقسىلا ئوغلۇم بۇرۇندا يەنە بىر بۇرۇن بار ئىكەن، بۇرۇن بۇرۇننىڭ ئچىدەمىكەن ياكى ئۈستىدەمىكەن، دەپ ئۆزىنىڭ بۇرنىنى تۇتقىنىچە پىخىلداپ كۈلەتتى. بىز مانا مۇشۇنداق خۇشاللىق بىلەن چۆچەكچى ئوماي ئانا بىلەن تونۇشتۇق. ئوماي ئانىنىڭ ئەتراپىغا ئولاشقان يۇلتۇزلاردەك بالىلار قاتارىغا قوشۇلدۇق. ئوغلۇم ئوماي ئانىنىڭ بۇلاق سۈيىدەك تۈگىمەس چۆچەكلىرىگە مەستانە بولدى.مەنمۇ كىتاب ئوقۇش ئارقىلىق «ئوماق تارىخچاقلار» نى ئوغلۇمغا تونۇشتۇرالىغانلىقىمدىن ئنتايىن خۇشال بولدۇم.
ئوماي ئانا بىلەن تېپىشماقتەك «مەڭگۈتاشلىق ئەل» گە بېرىپ، » ئۇيغۇر بۇلاق»نىڭ يۈرەككە داۋا سۈيىنى قانغىچە ئىچتۇق. «دۇنيانىڭ كىندىكى» بولغان گۇزەل ۋەتىنىمىزگە ئۇچۇپ بېرىپ، قەشقەرنىڭ نەزەردىن ساقلىنىش ئۈچۈن نەزەرباغ دەپ ئاتالغان بەرىكەتلىك باغلىرىلىرىنى، رەت- رەت رەستىلىرىنى، تېپىشماقتەك سىرلىق مەھەللىلىرىنى سەيلى قىلدۇق. ئىلى، كورلا، ئاقسۇ، كۇچا، ئارتۇچ، خوتەنلەرنى زىيارەت قىلدۇق. شېرىن شېكەر مېۋىلىرىگە ئىغىز تېگىپ «تىلىمنىڭ تەمى» دىن يەتكىچە ھوزۇرلاندۇق. ئوغلۇم زېرىكمىدى، مەنمۇ ھېچ ھارمىدىم. نېمە ئۈچۈن؟
شۇنى ھېس قىلدىمكى كەينى كەينىدىن ئاپتورنىڭ قەلىمىدىن ئۇرغۇپ چىققان بۇ ئوماق چۆچەكلەر، تارىخچاقلار، مۇنداق ئالاھىدىلىككە ئىكەن.

1. تەسەۋۋۇرغا باي

ئاپتور بالىلارنى جەلپ قىلىشنىڭ سېھرىنى بىلىۋالغان بولۇپ، بۇ سېھىر دەل تەسەۋۋۇرنىڭ كۈچى ئىكەن.بالىلارنىڭ قانۇن،قائىدە ۋە بەلگىلىمىلەرنىڭ چەكلىمىسىدىن خالى بىغۇبار قەلبى چەكسىز كەتكەن تەسەۋۋۇر دۇنياسىغا تولغان ۋە ئىنتىلگەن ھالەتتە بولۇپ، بالىلارنىڭ يۈرەك سوقۇشىنى ،ئىنتىلىشىنى بىلىۋالغان ئاپتور بۇ سېھىرلىك ئاچقۇچ بىلەن بالىلارنىڭ قەلبىنى ئەپچىللىك بىلەن ئاچالىغان.ۋە بۇ بىغۇبار لىكىن بىلىشكە تەشنا قەلبلەرگە ئۇيغۇرلىقنىڭ گۇزەل ھېس- تۇيغۇلىرىنى سىڭدۇرمەكچى بولغان.. بۇ بىر يۈرۈش كىتابلار يېزىلىش ئۇسلۇبى جەھەتتە دەرسلىك كىتاپلارنىڭ شەكىل ۋە ئۇسلۇب جەھەتتىكى تار رامكىسنى بۆسۇپ چىققان. ئاپتور بالىلارغا خاس ئەركىن تەپەككۇر ۋە تەسەۋۋۇرنىڭ سېھرى كۇچى بىلەن بالىلارنى بىلىم بىلەن لىققىدە تولغان ئاجايىپ سىرلىق بىر دۇنياغا باشلاپ كىرگەن.
» بۇرۇننىڭ بۇرۇنىدا جاھاننىڭ ئىسمى تۇخىمەك ئىكەن. ئۇ ئاسماندا لەيلەپ تۇرار ئىكەن. زىمىن، دېڭىز، ۋە ئورمانلار تۇخىمەككە تىقىلغان ئىكەن. تۇخىمەككە يەنە شامال، تۇپراق، ئوت ۋە ھاۋالار سولاقلىق ئىكەن… بىر كۈنى تۇخىمەك قاتتىق يۆتكەلگەن ئىكەن ئۇنىڭ ئاغزىدىن …» دەپ تەسۋىرلەپتۇ ئاپتور. بالىلارنى جەلپ قىلىشتا بۇنىڭدىنمۇ ياخشى، گۈزەل تەسۋىر بولمىسا كېرەك. دەل مۇشۇ مەزمۇننى ئاڭلىغان بالىنىڭ تەپەككۇرى قاناتلانماي قالامتى ۋە ئۇنىڭغا مەپتۇن بولماي تۇرالامتى؟ چوڭلارمۇ ئوقۇشنى ئانچە خالاپ كەتمەيدىغان تارىخىي بىلىملەر بۇ كىتابلاردا ئۆزگىچە ئۇسلۇب ۋە تەسەۋۋۇرنىڭ كۇچى بىلەن چۆچەكلەر دۇنياسىغا مۆكتۈرۈلگەن تۇرسا، بالىلار بۇ ئوماق تارىخچاقلارنى ئىزدىمەي قالامتى؟.» مەڭگۈ تاشلىق يوللار»، » تېشى تاغ، ئىچى باغ» «سىرلار شەھرى» ۋە » ئۇۋىسىز قالغان كاككۇك» نىڭ ھېكايىلىرى ئۇلارنى قىزىقتۇرماي قالامتى؟

2. ئۆزلۈك ۋە ئۇيغۇر روھىغا تويۇنغان
.
بىزنىڭ ھەر كۈنى دىگۈدەك بالام كەچتە تىرناق ئالساق بولمايدۇ، چوڭلارنىڭ ئالدىدىن ئۆتسەك بولمايدۇ، بىراۋنى ئۆلدى دېسەك بولمايدۇ. دېگەندەك ۋەز نەسىھەتلىرىمىز دائىم بىرلا ئادەمنىڭ ئاغزىدىن بىر خىللا شەكىلدە تەكرارلىنىۋەرگەچكە بالىلار بۇ ۋەز نەسىھەتلەردىن زېرىكتى. چۈنكى ئەتراپىمىزدا بىزگە ھەمدەم بولىدىغان بوۋا- مومىلار، ھامما- تاغىلار، ۋە ئۈلگە بولىدىغان دوستلار يوق .ھەسەلنى يەۋەرسە ئەمەن تېتىغاندەك، توغرا ۋە پايدىلىق سۆزلىرىمىز بالىلارغا خاس تىلدا ،باراۋەر مۇئامىلىدە، قوبۇل قىلارلىق شەكىلدە ئىيتىلمىغاچقا، بالىلارنىڭ بۇ قۇلىقىدىن كىرىپ، ئۇ قۇلىقىدىن چىقىپ كەتمەكتە. يازغۇچى ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ بۇ كىتابلىرىدا ئۇيغۇر روھىنى،ئۆزلۈكنى بالىلار قوبۇل قىلىدىغان ئۇسلۇب ۋە شەكىلدە ئۈنۈملۈك ئىپادىلىگەن بىز بۇ كىتاپلارنى بالىلىرىمىز بىلەن ئوقۇش ئارقىلىق بالىلاردا ئۇيغۇر روھىنى، ئۆزلۈك ئىڭىنى يېتىلدۈرەلەيمىز. «ئوماي ئانىنى ئۆلدى، دېمەيمىز. ئۇ كۆككە ئۇچۇپ چىقىپ كەتتى ئۇچۇپ كەتتى، دەيمىز»، » بايراققا ئەگەشكەنلەر ھايات قاپتۇ. ئەگەشمىگەنلەر ھالاك بوپتۇ»، «كىشىلەر بۆرە باشلىغان يولدا قۇت بار،ئۈمىد بار دەپ سۆيىنىپتۇ.ھەممەيلەن بۆرە ئىزىنى بويلاپ مېڭىپ كۈچكە تولۇپتۇ «، » بىز خۇددى توقاچ ناندەك مۇشۇ تونۇردىن چىققان. ئۇيغۇر بۇلاقتەك مۇشۇ يەردىن ئو خچىغان، تۇنجى ئۇيغۇر خۇددى كۆكتىن تامغان يامغۇردەك، يەردىن ئۈنگەن يۇلغۇندەك مۇشۇ تۇپراقتا يارالغان دەپ يېزش ئارقىلىق بالىلارغا نۇرغۇن ئۇچۇرلارنى يەتكۈزگەن.

3. تارىخىي بىلىملەرگە باي.

كىتاپلار مول تارىخىي بىلىملەرگە تويۇنغان بولۇپ، خېلى مۇرەككەپ تارىخىي ۋەقەلەر ۋە ھادىسىلەر چۆچەكلەرگە يۈكلىنىپ، ئوماق تىللار بىلەن چۈشىنىشلىك قىزىقارلىق شەكىلدە چۈشەندۈرۈلگەن
-.بالىلار ۋەزنى ئىغىر، مۇرەككەپ، قۇرغاق تارىخىي كىتاپلارنى ئوقۇشقا قىزىقامادۇ؟
– ياق قىزىقمايدۇ . ھەتتا بىز چوڭلارمۇ خېلى زورۇقىمىز.
– بالىلار سېھىرلىك چۆچەكلەرگە قىزىقامدۇ ؟
بۇنى سوراش ھاجەتسىز .ئەلبەتتە ئاجايىپ قىزىقىدۇ. دەل مۇشۇ نوقتىنى بىلگەن ئاپتور ئۇيغۇرلارنىڭ كېلىپ چىقىشى، ياشىغان دەۋرلىرى ۋە جايلىرى، كەشپىياتلىرى، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، دۇنيا مەدەنىيىتىگە قوشقان تۆھپىلىرىنى ئىنتايىن ئۇستىلىق بىلەن چۆچەك شەكلىدە قىزىقارلىق ئەكس ئەتتۈرۈگەن.
» ئۇيغۇر دېگەن سۆزنى ئالېكساندىر 2300 يىل بۇرۇن تارىخقا يازدۇرغان ئىكەن. ئۇ تارىخىي كىتاپلاردىن ئۇيغۇرلار ھەققىدە يېزىلغانلىقىنى ئوقۇپتۇ ۋە ئۇيغۇرلارنى بويسۇندۇرماقچى بوپتۇ.،رىمدىكى ئۇيغۇر بازىرىدىن ئەسكەرلىرىگە ئالتايدا تاۋلانغان تۆمۈر، تۇرپاندا ياسالغان ئېگىز چاقلىق ھارۋا، قەشقەردە قۇيۇلغان توپ، ئىلىدا تىكىلگەن ئۆتۈكلەرنى سېتىپ ئاپتۇ.» بۇلار بىلەن تولۇق قۇراللىنىپ ئۇيغۇرلارغا قارشى ئۇرۇشقا ئاتلىنىپتۇ. لىكىن شۇنچە قىلىپمۇ ئۇنىڭ دۇنياغا داڭقى كەتكەن قوشونى ئۇيغۇرلارنى يېڭەلمەپتۇ. ئالېكساندىر تارىخچىلىرىغا مۇنداق يېزىشنى بۇيرۇپتۇ: «دۇنيا بىلسۇنكى،ئۇلار ئۇيغۇرلاردۇر. ئۇلار ئوقنى ئالدىغا قانداق ئاتسا كەينىگىمۇ شۇنداق ئاتىدۇ. باشقىلارنى قۇل قىلمايدۇ ھەم ئۆزىمۇ باشقىلارغا قۇل بولمايدۇ…» . بۇ تەسۋىرلەر بالىلاردا ئۆزىگە، مىللىتىگە بولغان غورۇر ، ئىشەنچ، ھۆرمەت ۋە سۆيگۈ تۇيغۇسىنى ويغاتماي قالمايدۇ.

4. تىلى گۈزەل، مول ۋە چۈچۈك

كىتابتا يەتمەكچى بولغان مەقسەت بۈيۈك، مەزمۇن مۇرەككەپ، كۆپ قىرلىق بولسىمۇ ئاپتور يۇقۇرقى ۋاستلاردىن سىرت يەنە ئۇيغۇر تىلىنىڭ گۈزەللىكى، چۈچۈكلىكى ۋە موللىقىدەك ئەۋزەللىكىدىن ھەيران قالارلىق دەرىجىدە پايدىلانغان. بالىلارغا چۈشىنىشلىك بولۇش ئۈچۈن مەنىداش سۆزلەرنى ئورۇنلۇق ھالدا ئوخشىمىغان جايلاردا پەرقلىق تەكرارلاش ئارقىلىق بالىلارنىڭ كاللىسىغا ئورنىتىشقا ئەھمىيەت بەرگەن. ۋەقەلىك چۈچۈك بالىلار تىلىدا ئوماق تەسۋىرلەنگەن.وخشىتىش، جانلاندۇرۇش،ۇسۇللىرى بىلەن بالىلارنى ئۇيغۇرلار دۇنياسىغا باشلاپ كىرگەن.

5. ۋەتىنىمىزنىڭ يەر- جاي ناملىرى، ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى ، تارىخىي مەشھۇر شەخسلەر بالىلارغا سۆيۈملۈك بىر شەكىلدە يەتكۈزۈلگەن.

ئاپتور كىتابلىرىدا پېرسۇناجلارغا مەشھۇر تارىخىي شەخسلەرنىڭ ئىسىملىرىنى بېرىش ئارقىلىق بالىلارنىڭ قەلبىگە ئۇلارنىڭ ئوبرازىنى ۋە نام شەرىپىنى تەبىئىي بىر شەكىلدە ئورناتماقچى بولغان.
«مەڭگۈتاشلىق ئەل «دە بالىلارنى ئوماي ئانىغا ئەگەشتۈرۈپ ۋەتەننىڭ تاغ -دەريالىرى، چۆل- بوستانلىرى، يۇرت – مەھەللىلىرىنى كەزدۈرۈش ئارقىلىق ئۇلارغا ۋەتەننى تونۇتۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بالىلارنىڭ ۋەتەننى كۆرۈش تەشنالىقىنى قاندۇرغان.
يىغىپ ئېيتقاندا » ئوماق تارىخچاق»، » مەڭگۈتاشلىق ئەل». » دۇنيانىڭ كىندىكى «. «تىلىمنىڭ تەمى» قاتارلىق بۇ بىر يۈرۈش كىتاپلار ئۆزىنىڭ تەسەۋۋۇرغا بايلىقى، ئۇيغۇر روھىغا تويۇنغانلىقى، تارىخىي بىلىملەرگە موللىقى، تىلىنىڭ چۈچۈكلىكى ۋە گۈزەللىكى بىلەن بالىلىرىمىزنى ئۇيغۇر قىلىپ تەربىيەلەشتىلا ئەمەس بەلكى ئۆزىمىز ۇچۇنمۇ مۇھىم بىر ئەڭگۈشتەر بولالايدۇ. كىتاپلارنىڭ ھەر بىر بېتى، ھەر بىر ئابزاسلىرىدا كىشىگە زوق ئاتا قىلمايدىغان، نەپ بەرمەيدىغان بىرمۇ سۆز يوق بولۇپ، قايسى بەتنى ئىچىپ،قايسى قۇرنى ئوقۇيلى چوقۇم مەن ھېس قىلغان بۇ ئالاھىدىلىكلەرنىڭ ھەممىسىنى تاپالايمىز. شۇنداقلا ئاپتورنىڭ بۇلدۇقلىغان بۇلاقلاردەك ئوخچۇپ تۇرغان ھېس تۇيغۇلىرىدىن، مول تەسەۋۋۇرلىرىدىن، مىللىتىگە، ۋە كەلگۈسى ئەۋلادلارغا بولغان كۈچلۈك مۇھەببەت تۇيغۇسىنى ھېس قىلالايمىز .بۇنىڭدىن باشقا يەنە بىز، بۇ كىتاپلارنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن ئاپتورنىڭ قانچىلىك ئىزدەنگەنلىكىنى، قانچىلىغان كېچىنى ئۇيقۇسىز ئۆتكۈزگەنلىكىنى، كەلگۈسى ئەۋلاد لىرىمىز ئۈچۈن قانچىلىك ئىغىر لېكىن گۈزەل بىر مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئىلىپ ئۇنى ئۇتۇقلۇق ئادا قىلغانلىقىنىمۇ ھېس قىلىپ يېتىمىز.
ئاخىرىدا شۇنى قىستۇرۇپ قويۇشنى لايىق كۆردۈم.
كىتابتىكى مەزمۇنلارنىڭ چېتىلىش دائىرىسى كەڭ، ۋەزنى ئىغىر بولغانلىقى سەۋەبلىك ئاپتور تىل ۋە ئىپادىلەش ئۇسلۇبى جەھەتتىن كۆپ ئىزدەنگەن بولسىمۇ يەنىلا بالىلارنىڭ تېز قوبۇل قىلىشىغا توسالغۇ بولىدىغان ئامىللار مەۋجۇت. بۇنى ئەلبەتتە ئىچكى تاشقى ئامىللاردىن تەڭ ىزدەشكە توغرا كېلىدۇ.
مەسىلەن ئوغلۇم 11 ياش. گەرچە ساۋادى چىققان بولسىمۇ. بۇ كىتابنى ئۆزى ئوقۇپ چۈشەنگىدەك سەۋىيەدە ئەمەس. مەن ئوقۇپ بېرىشىم كېرەك بولدى. بۇ ئەلبەتتە تاشقى ئامىل لېكىن مەن ئوقۇپ بەرگەن تەقدىردىمۇ قايتا -قايتا چۈشەندۈرۈشكە، ئاپتورنىڭ قايسى ۋاستە ئارقىلىق نىمىنى ئوتتۇرىغا قويماقچى ئىكەنلىكىنى ئىزىپ ئىچۈرۈشكە توغرا كەلدى.
يەنە بىر جەھەتتىن كىتاپتا تارىخىي يەر جاي ناملىرى ۋە كېلىپ چىقىشىمىز توغرۇلۇق بىر تەرەپلىمىلىك مەۋجۇت. تەكلىماكان توغرۇلۇق ئوخشاش بولمىغان قايىل قىلارلىق بىر نەچچە خىل قاراش بار . لېكىن ئاپتور كىتابىدا تەكلىك ماكان دېگەن مەنىسىنىلا چۈشەندۈرگەن. بالىلارنىڭ قەلبىگە دەسلەپتە ئورنىغان نەرسە شۇ پېتى قالىدۇ. مېنىڭچە تەكتى ماكان دېگەندەك باشقا مەنالىرىنىمۇ تەڭ بىلدۈرۈش زۆرۈر.

جاۋاب يېزىش