ﺭﺍﺷﯩﺪﻩم ﺋﺎﺑﺪﯗﺳﯧﻤﻪﺗﻮﯞﺍ
ﯞﻩﺗﻪﻥ ﺩﻩﭖ ﻗﯘﺭﺑﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻳﺎﺷﻼﺭﻧﻰ،
ﺩﯗﺋﺎﺭﯨﻤﯩﺰﺩﺍ ئەسلەپ ﺋﯚﺗﻪﻳﻠﻰ،
ﯞﻩﺗﻪﻧﺪﻩ ﺋﻮﻥ ﺋﯜﭺ ﮊﯨﻠﻼﺭ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ،
ﻗﺎﻥ ﮊﯨﻐﻼﭖ ﺗﯚﻛﯜﻟﮕﻪﻥ ﺋﺎﻧﺎ ﻳﺎﺷﻠﯩﺮﻯ.
ﺋﻮﻗﻘﺎ ﺗﯘﺗﯘﻟﺪﻯ ﻣﯩﯖﻠﯩﻐﺎﻥ ﻳﺎﺷﻼﺭ،
ﺟﺎﻟﻼﺕ «ﻛﻪﺳﭙﯩﻨﻰ» ﻗﻮﻟﻼﻧﺪﻯ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ،
» ﻳﺎ ﺋﺎﻟﻼ «ﺩﻩﻳﺴﻪﻥ ﻳﺎﯞﯗﺯﻟﯩﻐﯩﻐﺎ،
ﺩﻩﮪﺸﻪﺕ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﻯ ﯞﻩﺗﻪﻥ.
ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ ﺋﯩﺰﺩﻩﭖ ﺋﯚﻟﮕﻪﻥ ﻳﺎﺷﻼﺭﻧﯩﯔ،
ﺋﯩﺴﻤﯩﻨﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﻘﺎ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﺋﯚﺗﻪﻳﻠﻰ،
ﺳﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﻥ، ﺑﯩﺰ ﺷﯘﻧﻰ ﻗﯩﻠﻤﯩﺴﺎﻕ،
ﻣﯩﻠﻼﺗﻨﯩﯔ ﻏﯘﺭﯗﺭﯨﻦ ﺗﯩﻚ ﻛﯚﺗﯩﺮﻩﻳﻠﻰ.
ﮪﻪﺭ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﯞﻩﺗﻪﻥ ﺩﻩﭖ ﺯﺍﺭﻻﻳﺪﯗ ﭼﻮﻗﯘﻡ،
ﯞﻩﺗﻪﻧﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﺶ ﺯﯗﻟﻤﻪﺗﺘﯘﺭ ﺑﯩﻠﺴﻪﯓ،
ﺋﺎﺗﺎ-ﺑﻮﯞﯨﻤﯩﺰ ﻛﻪﺗﻤﻪﻧﻨﻰ ﭼﯧﭙﯩﭗ،
ﯞﻩﺗﻪﻧﮕﻪ ﺳﺎﺩاﻗﻪﺕ ﺳﺎﻗﻠﯩﻐﺎﻥ ﺑﯩﻠﺴﻪﯓ.
ﯞﻩﺗﻪﻥ ،ﺩﻩﭖ ﻗﯘﺭﺑﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻳﺎﺷﻼﺭﻧﯩﯔ،
ﺯﺍﻳﻪ ﻛﻪﺗﻤﻪﻳﺪﯗ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﻣﭽﻪ ﻗﯧﻨﻰ،
ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯚﻟﻤﯩﺪﻯ ﺋﯚﻟﻤﻪﻳﺪﯗ ﮪﻪﺭﮔﯩﺰ،
ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﻗﻪﻟﺒﯩﺪﻩ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻧﺎﻣﻰ.
2022-يىلى 5- ئىيۇل كۈنى
ﻳﺎﺭﻛﻪﻧﺖ ﺷﻪﮪﯩﺮىدە يېزىلدى