راھىلە كامال
دىكابىرنىڭ18ى, مەن پويىزدا ئىدىم،
بىرى ئىسمىمنى چاقىرغاندەك بولدى—
«ھە»، دەپ سالدىم.
ئالدىمدىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان،
ياشانغان بوۋاي،
ھاسىسى بىلەن سىرتنى كۆرسەتتى.
قار يېغىۋاتاتتى،
يەرگە چۈشۈپلا ئېرىۋاتاتتى.
قارنىڭ كۆزى يوقمىكىنە؟!
ئۆگزىلەرگە، ياپراقلارغا،
دېڭىزلارغا، ئېتىزلارغىلا ياغسا بولمامدۇ؟!
قار نەگە يېغىشنى ئۆزى تاللالمايدۇ،
ئاق پېتى يەرگە چۈشۈپ ،
پاتقاققا ئايلىنىدۇ ئاياقلاردا.
مېنىڭ كۆزۈم،مۈشۈكنىڭ كۆزى،
شىرنىڭ كۆزى ھەتتا پىتنىڭ كۆزى،
كۆرۈپ، ئىلغاپ دەسسەيمىز،
كۆرۈپ، چۆرۈپ يەيمىز.
دۇنيانىڭ يۈزى بار دەيدۇ،
كۆردۈم، ئۇدۇلدىن رەڭدار،
ياندىن قارا ئىكەن.
دۇنيانىڭ كۆزى بار دەيدۇ،
كۆردۈم، تېشىدىن شەھلا،
گۆھىرى يارا ئىكەن.
دەل شۇ كۈنى، قار ياققان كۈنى،
دۇنيانىڭ كۆزى كۆرمەستە،
بىر مەزلۇمنىڭ يۈزى كۈلمەستە،
كامال كەتتى.
كېتىشلەر بولۇپ تۇرىدۇ،
ئۆيدىن ئىشقا كېتىمىز،
غۇلجىدىن ئۈرۈمچىگە،
ياكى بىز ئاياللار كېتىپ قالىمىز ،
ئانىمىزنىڭ ئۆيىگە.
ھەتتا قىتئە ئاتلاپ كېتىپ قالىمىز،
غۇلجىدىن شىۋىتسىيىگە.
لېكىن كامال كەتتى،
ھەقنىڭ يېنىغا،
75 يىل ساقلاپ يۈرگەن ئۆزىگە.
كامالنىڭ ئالما، شاپتۇللىرى،
ئۆزىدەك ئەپىسەر ئۇستىخان يىگىتلىرى،
ساندۇق، ساندۇق كىتابلىرى،
قوشنىلىرىغا ياساپ بەرگەن كاڭ ئوچاقلىرى،
غۇنچە بوي ئاپاڭلار، دەپ ماختىنىدىغان
دىلكىشى، ھەمراھ،
ۋىلسىپىتىگە مىندۈرۈپ،
ئاپئاق قاردىن ئاق لىباسنى كىيدۈرۈپ،
ئۇزۇتۇپتۇ، بىزنى كۈتۈپ تۇرۇڭ ئۇ يەردە،
يەتكۈزۈڭ تەڭرىگە كۆرگەنلەرنى بۇ يەردە.
كامال كەتتى.
تۈن تەڭدىن ئاشتى،
سىزنى سېغىندىم.
سېغىنىشتىن يامغۇردەك يېغىلدىم.
ئاخىرقى قېتىم،
سىز كېتىشتىن خېلى بۇرۇن،
بىر سۆزىڭىز يادىكار قالدى.
<قىزىم يەرنى چىڭ دەسسەڭ!
مېنى يىغلىماي ئەسلەڭ>
كامال كەتتى،
مەندىن كەتمىدى.
50 يىل سۆيدۈم سىزنى،
بۇمۇ يەتمىدى.
ماقۇل يەرنى چىڭ دەسسەيمەن،
سىزنى يىغلىماي ئەسلەيمەن.
كۆزۈمدەك كۆزىڭىزنى ئەسلەيمەن.
شېئىردەك سۆزىڭىزنى ئەسلەيمەن.
نۇرغا ئاشىق يۈزىڭىزنى ئەسلەيمەن.
1945- يىللاردىكى كۆك ئاسماندەك
بالىلىقىڭىزنى،
1970-يىللاردىكى چەيلەنگەن
ياشلىقىڭىزنى،
1980- يىللاردىكى نامراتلىققا قىلغان
كۈرەشلىرىڭىزنى،
1990- يىللاردىكى
مېنى ئالىي مەكتەپكە ئۇزاتقاندىكى ھاياجېنىڭىزنى،
2000- يىللاردىكى باغرىڭىزدىن ئايرىلىپ،
كەتكىنىمدىكى ھىجرانىڭىزنى،
2018- يىلىدىكى ئۆلۈك تېلفۇنلار،
ۋەھىمە، ئەنسىرەش،
سېغىنىشلارنى،
18- دىكابىردىكى قارلىق كۈننى،
سىز ئىسمىمنى چاقىرغان،
يوللىرىمغا قارىغان،
سىز كەتكەن كۈننى،
ئېسىمدە ساقلايمەن.