ﺭﺍﺷﯩﺪﺍ ﺳﺎﺋﯩﺘﻮﯞﺍ.ﺋﺎﺑﺪﯗﺳﯧﻤﻪﺗﻮﯞﺍ
ﻣﯧﻨﻰ ﺳﯚﻳﻤﻪ ﺋﺎﻣﺎﻟﺴﯩﺰﻟﯩﻘﺘﯩﻦ،
ﺋﯜﮔﻪﻧﻤﯩﮕﯩﻦ ﺳﺎﺧﺘﺎ ﺳﯚﻳﮕﯜﮔﻪ.
ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﯩﻐﯩﻦ ﺋﯚﺯﻩﯕﻨﻰ ﺋﯚﺯﻩﯓ،
ﺩﺍﻍ ﺳﺎﻟﻤﯩﻐﯩﻦ ﺷﻪﺑﻨﻪﻡ ﻛﯚﯕﯜﻟﮕﻪ.
ﻣﯧﻨﻰ ﺳﯚﻳﻤﻪ ﺋﺎﻣﺎﻟﺴﯩﺰﻟﯩﻘﺘﯩﻦ،
ﺋﯩﺸﻪﻧﭽﯩﻤﻨﻰ ﻗﯩﻠﻤﺎ ﻣﯩﯔ ﺩﺍﻧﻪ.
ﺳﯚﻳﮕﯜ ﺑﯩﻠﻪﻥ ئويناشما ﮪﻪﺭﮔﯩﺰ،
ﻛﯚﻳﺪﯛﺭﻣﯩﮕﯩﻦ ﻣﯧﻨﻰ ﻣﯩﯔ ﭘﺎﺭﻩ.
ﭼﯩﻦ ﺩﯨﻠﯩﯖﻨﻰ ﺋﯩﺰﮪﺎﺭ ﺋﻪﻳﻠﯩﮕﯩﻦ،
ﺋﯚﺯ ﺧﯩﻠﯩﯖﻨﻰ ﺗﺎﭘﻘﯩﻦ ﺑﯧﻐﯘﺑﺎﺭ.
ﺑﯘ ﺋﯚﻣﯜﺭﺩﻩ ﺋﯩﻜﻜﯩﻼ ﺳﯩﺰﯨﻖ،
ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﺍﻧﻤﯩﻐﻰ ﺑﺎﺭ.
ﻣﯧﻨﻰ ﺳﯚﻳﻤﻪ ﺋﺎﻣﺎﻟﺴﯩﺰﻟﯩﻘﺘﯩﻦ،
ﻳﺎﻟﻐﺎﻥ ﮊﯛﻛﻨﻰ ﺋﺎﺭﺗﻤﯩﺴﯘﻥ ﻛﯚﯕﻠﯜﯓ.
ﺳﯧﻨﯩﯖﺴﯩﺰﻣۇ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ ﻛﯜﻧﯜﻡ،
ﺋﯩﭽﻤﯩﺴﻪﻣﻤﯘ ﺳﯜﻳﯩﻦ ﺳﯚﻳﮕﯜﻧﯩﯔ.
2021- يىلى قازىغىستاننىڭ ياركەنت شەھرىدە يېزىلىدى