ئابىدە ئابباس نەسرىن
قەلبىم غۇچچىدە گۈللەرگە تولاتتى،
بېغىمىزنىڭ ھىدى يۈرۈكۈمگە ئاقاتتى،
ئاقار يۇلتۇزلار تاڭغا ئۇلىشىپ كېتىدىغان پاراڭلىرىمىزغا ساقىيتى،
يېشىل كۆينىكىم ھوشۇقۇمغا كېلەتتى،
ئۆرۈمە چېچىم رومال ئىچىدە پىنھان ئىدى.
قۇرئان ئوقۇۋېتىپ ھاياجانلىناتتى:
راستىنلا، شۇ زاتنىڭ ئىسمىنى تىلىمغا ئېلىش شەرىپىدىمۇ مەن ئەجىبا ؟!…
سەجدىلىرىم نۇردىن بۇلاق ئىدى،
پىشانەم تېگەتتى، ئىچىم ياناتتى،
ئىلاھى سۆيگۈ كۆزلىرىمدىن تاشاتتى.
دادامنىڭ تاماق يەۋاتقاندا سۈننەتكە ئۇيغۇن ئولتۇرماسلىقىنى،
ھەدەمنىڭ پاشنىلىق ئايىغىنىڭ ئاۋازىنى،
ئاكامنىڭ موتسىكىلىتقا دۇئاسىزلا مىنگەنلىكىنى،
قوشنىلىرىمنىڭ تەشەھھۇدتىن كېيىن زىكىر- تەسبىھسىز يۈزەكىيلا تۇرۇپ كېتىشىنى ئەيىپلەيتتىم.
ئەتىرگە ئوخشاش تەسۋىرلەپ بىلدۈرگىلى بولمايدىغان بىر سېزىمنى تۇيغاندا، ئۇزۇندىن – ئۇزۇن يىغلىۋالاتتىم…
دۇنياغا ئايروپىلاندا ئولتۇرغان كىشى يەر يۈزىگە نەزەر سالغاندەك قارايتتىم.
بەخت، قىممەت بېرىدىغىنى «ھىدايەت »دەيتىم.
مەدرىسە بىلەن ئۆيۈم، رەببىم بىلەن مېنىڭ ئوتتۇرامدىكى يول ئىدى.
تەھەججۇدلىرىمدا سورىغان تىلىكىمنى،
ئەزھەردە دەرس ئاڭلاپ ئولتۇرغان بىر چۈشتىن كېيىن تۇيۇقسىز ئېسىمگە ئالدىم.
يىللار كېيىن ئىجابەت بولغان دۇئايىمنىڭ ھەيرانىدىن سىلكىنىپ كەتتىم.
پارتامدا تۇرغىنى ئىلگىرى يوشۇرۇپ يۈرۈپ دەرسلىك قىلغان كىتاپلار،
ئولتۇرغىنىم ئازادە سىنىپ،
، مەشھۇر دىني ئۇنۋېرستىت قەلبىمدە «ساقچى بىلىپ قالارمۇ ؟ كېلىپ قالارمۇ؟ ئاڭلاپ قالارمۇ ؟..» ئەندىشىسىدىن باشقا يەنە ئاللىقانداقتۇر نەرسىلەر بىللە يوق تۇراتت…
ئىستانبۇل