ئاسىيە ئابدۇلئەخەت
ئۇيغۇر ئۈچۈن ھۆرلۈك ئىزدەش ئىستىكىم،
ئۇيغۇر ئۈچۈن سۆزلەي دېسەم چەكلەندىم،
ھۆرلۈك ئىزدەپ كىرگەن مۈشكۈل يوللاردا،
يىقىلسام ھەم يارىلانسام، ئۆلمىسەم،
ئۇيغۇر ئۈچۈن يەنە شۇنداق سۆزلىسەم،
ئۆلگەندىنمۇ بەتتەر گەپتە بەتلەندىم!
بەتلەندىم ئەمما يەنە قايتمىدىم،
ھۆرلۈك ئۈچۈن مېڭىۋەردىن قاچمىدىم،
يوللۇرىمنى توسقان داۋان ، تاغلاردىن،
داغدام ئۆتتۈم، ھەيۋىتىدىن قايمىدىم،
ئۇيغۇر بولۇپ ياشاشتىن ھەم تانمىدىم،
داۋان كەبى قۇرۇق گەپتىن زېرىكتىم.
ياشاۋەردىم مەنزىل ئۈچۈن ھارمىدىم،
چۈنكى ئۇنى ئۆزۈم بىلىپ تاللىدىم،
قانداق قىلاي مەنزىلىم بەك يىراقكەن،
توردا مەۋھۇم ئەرۋاھلاردىن زېرىكتىم.
زېرىكمىدىم ئۆز يولۇمدىن ھېچ زامان،
ئەمما يولۇم توسقانلاردىن زېرىكتىم.
زېرىكمىدىم تەقدىرى كاج ئۇيغۇردىن،
ئەمما غەيۋەت- شىكايەتتىن زېرىكتىم.
چارچىمىغان قارلىق جۇدۇنلاردىمۇ،
ياكى بوران، يامغۇر، شىۋىرغاندىمۇ،
دات – پەندىيات دېيىشكىلا ئاز قالدىم،
ئۇف! تۈگىمىگەن جاھالەتتىن زېرىكتىم.
2020-يىلى گوللانىيە