تاشلاندۇق چۈش

رەناگۈل غوپۇر

(2)

          لالە گۇاڭجۇنىڭ بازارلىرىنى كۆرۈپ ئاغزىنى ئېچىپلا قالدى. ئەييۇھانناس! ئادەمدىن باشقىسىنى ساتامدۇ نىمە؟ ئادەم دىگەن مىغ – مىغ، بىر- بىرسىگە سوقۇلماي مېڭىش مۇمكىن ئەمەس. ئۇ زامانلاردا نەق پۇل سودىسى قىلىدىغان بولغاچقا ، ھېلىقى ئۆزى مەينەت، خەجلىسە لەززەت قەغەز قولدىن قولغا ئۆتۈپ پۈرلىشەتتى. ئەتتىگەنلىرى دۇكاندارلار دەسلەپ قىلغان پۇلىنى دۇكاندىكى پۈتۈن مالغا ئۇرۇپ چىقىپ، يەرگە تاشلاپ دەسسەپ ئاندىن قوينىغا ياكى بېلىدىكى سومكىسىغا سالاتتى. ھەممىلا دۇكاندا بايلىق ئەۋلىياسىنىڭ بۇتى بولۇپ، ئۇنىڭ ئالدىدىكى كىچىك ئۈستەلدىكى يىمەكلىك كۈندە ئالماشتۇرۇلاتتى. كۈجە كۆيدۈرۈلەتتى. دۇكاندار ۋە خىزمەتچىلەر شۇ بۇتقا تازىم قىلىشاتتى. لالە مۇشۇلارنى كۆرگەچ، قۇلاققا ئۇرۇشقاندەك ئاڭلىنىدىغان يەرلىك تىلدا سۆزلىشىدىغانلارنىڭ ئارىسىدا ، بەتبۇي پۇرايدىغان دۇكانلاردا، ئۆزى «مۇشۇ ماڭىدۇ» دىگەن ماللاردىن ئېلىپ ئۈرۈمچىگە قايتتى. ھەم بىراقلا ئۆتكۈزۈپ تەڭگە تەڭ پايدىغا ئېرىشتى. ئۇنىڭ ئەكەلگەن مودا كىيىم ، ئاياق ، سومكىلىرى بىلەن گىرىم بويۇملىرىنى ئىشلەتكەن ئاچىسىنىڭ ئاغزى بېسىقتى. سىڭلىسى ئوقۇش قوراللىرى بىلەنلا گول بولدى. دادىسى بىلەن ئاكىسىمۇ لالەنىڭ غەيرىتىگە ئاپىرىن ئوقۇدى. شۇندىن باشلاپ يىگىرمىگە قەدەم قويمىغان لالە « كۇلىچى » بولۇپ قالدى.

لالە ئەمدى ئانىسىز ئۆزىنىڭ ئىشلىرىغا ئۆزى خوجا بولۇشقا باشلىدى. ئاكىسى بىلەن ھەدىسى ئوقۇۋاتقان مەزگىللەردە دادىسىغا ياردەملىشىپ ئۆينىڭ يۈكىنى يىنىكلەتتى. ئۇندىن كېيىن سىڭلىسىنى ئوقۇتتى. لالە يەنە ئۆزىنىڭ تويى ئۈچۈن پۇل يىغاتتى. دىلشات بىلەن مۇناسىۋىتى ياخشى داۋاملىشىۋاتاتتى. لالە تاتلىق خىياللارنى سۈرەتتى. دىلشات بىلەن نىكاھ ئوقۇتقىنىنى، ئاخۇنۇمنىڭ ئۈچىنچى قېتىم «ماقۇل كۆدىلىمۇ»  دەپ سورىغىنىغا دوستلىرىنىڭ زورى بىلەن « ماقۇل كۆردۈم» دەپ ئۈنسىز يىغلاپ تۇرىغىنىنى، دوستلىرىنىڭ تۇزغا چىلانغان ناننى كىم باشتا يەۋالسا ئۆيدە شۇنىڭ گېپى ئۆتىدۇ، دىيىشلىرى بىلەن چاينىماي يۈتۈپ قېقىلغىنىنى، قىز يۆتكىگىلى كەلگەن يىگىتلەر ئارىسىدا كېلىشكەن دىلشاتنىڭ تازىم قىلىپ ، ئۇنىمىسا قولىدىن تارتىپ ئېلىپ ماڭغىنىنى، دىلشاتنىڭ ئاپىسىنىڭ يۈزىدىكى چۈمبەلنى قايرىپ پىشانىسىگە سۆيگىنىنى، تانسا ئوينىغاندا « گوركى» ساداسى ئىچىدە دىلشاتنىڭ لەۋلىرىنىڭ يۈزىگە بىلىنەر بىلىنمەس تەككىنىنى، كەچتە يالغۇز قالغاندا دىلشاتنىڭ تاتلىق گەپلىرى، يېقىملىق ئەركىلىتىشلىرى…… نى خىيال قىلىپ كۈلۈمسىرەيىتتى. ئەمما دىلشاتنىڭ ئۆيىدە رېئاللىق قارىمۇ- قارشى پەدىدە داۋاملىشىۋاتاتتى.

خەلچەم ئاپپاي قار يامغۇر تۇتۇلۇپ ئۆيگە كىردى. « دىلشات،ھەي دىلشات ، ماياققا چىقە!» ئىككى قىزى ئاپىسىنىڭ ئىنىسىغا بۇنداق ۋاقىرىغىنىنى ئاڭلىمىغان. دىلشاتقا قوشۇلۇپ ئۇلارمۇ مېھمانخانا ئۆيگە كىردى:

« بالام، مەن بىر تاللا ئوغۇل دەپ كۆزۈمنىڭ قارچۇغىغا دەسسىتىپ چوڭ قىلىۋاتسام، خوشنا خۇلۇملار باشقىچە گەپنى قىلىپ يۈرۈيدىغۇ؟»

دىلشات پەرۋاسىزھالدا « نىمە دەيدۇ خوشناڭ ئاپا؟ » دەپ سورىدى. ئاپىسى تېخىمۇ چېچىلدى: « نى خەقلەر ماڭا قىزىنى كېلىن قىلىپ بېرەيلىمىكى دەپ ئاغزىنى تاتلىق قىلىپ يۈرسە، سېنى نەدىكى بىرسى بىلەن يۈرىۋاتىدۇ دەيدىغۇ؟ ئاپىسى بولمىسا مەيلى بالام. قازا دىگەن ھەممىگە بار. ئالىي مەكتەپنى ئوقۇمىغىنى ئاز كېلىپ ، كۇلىچىلىق قىلىدىغان قىزبالا ئىكەنغۇ؟ ئەمدى مەن-زە، كېلىنىم كۇلىغا كەتكەن دەپ نەۋرە بېقىپ ئولتۇرامدىم؟ »

دىلشات :« ھىچنىمىدىن ھىچنىمە يوق قايسى نەۋرىنى باقىسەن؟ كۇلىچى بولسا نىمە بوپتۇ؟ ئاچىلىرىممۇ كۇلىنىڭكىنى ئالىمىز دەپ تاپىنى تېشىلەي دەيدىغۇ؟»

« باشقىلار نىمە بولسا ئۆزىنىڭ ئۆيىدە . مېنىڭ ئۈيۈمگە ئۇنداق قىزبالا كېلىن بولالمايدۇ» جىدەل شۇنىڭدىن باشلاپ تۈگىمىدى. تالاغا چىقسا، كىرسە ئاپىسى « كۇلىچى، تەربىيسىز» دەپ دىمىگەن ھىچنىمىسى قالمىدى. يا دادىسى يا ئاچىلىرى ئۇنىڭ تەرىپىنى ئالمىدى. قېرىشقاندەك تۇرۇپلا لالە بىلەن ئۇرۇشۇپ قالدى. دىلشات بىر ئامال قىلىپ لالەنى ئىچكىرگە بارمايدىغان قىلىمەن ، دەپ قەستەن لالەنى ئىزدىمىدى. ھېلىتىن بۇنداق قىلسا كېيىن ئېىشىۋالىدۇ، دەپ لالەمۇ ئۇنى ئىزدىمىدى. شۇ ۋاقىتتا لالە يەنە گۇاڭجۇغا ماڭىدىغان بولۇپ قالدى. تەييارلىق پۈتكەندە شېرىكىنىڭ ئىشى چىقىپ قالدى. ئېلىپ بولغان بېلەت قايتۇرۇلمايدۇ. لالە بۇرۇن نەچچە ماڭغان يول بولغاندىن كېيىن، دەپ ئۆزى يالغۇز يولغا چىقتى. چىقتىيۇ بىر نەچچە يىلغىچە قايتىپ كېلەلمىدى.

يېشىل پويىزنىڭ كارۋاتلىق ۋاگونى. ھەرخىل ئاۋاز، ھەر خىل پۇراق، سىرىتتىكى زېرىكىشلىك چۆلنىڭ مەنزىرىسى قوشۇلۇپ لالەنىڭ ئىچىنى سىقاتتى. ئۇ سەپەرداشلىرىغا قارىدى. ھەر خىل مەقسەتتە يولغا چىققان كىشىلەر. گۇاڭجۇغا پويىز ئالمىشىش توغرا كېلەتتى. ئۇ ۋاقىت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن پاراڭ باشلىغان ئۇدۇل كارۋاتتىكى ياش خىتاي قىز بىلەن تونۇشۇپ قالدى. بۇ قىز دادىسى بىلەن دورا ئۆسۈملۈكى ئالغىلى ماڭغانكەن. ئۇنىڭ دىيىشىچە ئۇنداق نەرسىلەر ۋەتەندە بەك پۇل بولىمىش. لالە بۇ قىزنىڭ ھەرخىل سەزگۈرەشتىلىرىنى قىزىقىپ ئاڭلىغاچ ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى سۆزلەپ بەردى. ئانىسىدىن كىچىك ئايرىلغان ئىككى قىز كۆز ياش قىلىشىپ ياخشى دوست بولۇپ قالدى. پويىز ئالمىشىدىغان جېڭجۇغا يەنە بەش سائەت قالدى. خىتاي قىزى مۇشۇ يەردە قالاتتى. شۇنىڭ بىلەن ئىككىسى خوشلىشىدىغان گەپلەرنى قىلىشقاچ ئولتۇردى. قىزنىڭ دادىسى ئۇلارغا ئىچىملىك، شىمىشكە ئېلىپ بەردى. لالە ئۇسساپ تۇرغاچقا ئىچىملىكنى بىر كۆتۈرۈپ ئىچىۋەتتى. ئاندىن قاتتىق كەلگەن بىر ئۇيقۇدىن پەقەت كۆزىنى ئاچالماي بېشىنى كىچىك ئۈستەلگە قويۇپلا ئۇيقۇغا كەتتى. باھار، لالە شۇ ئۇيقۇ بىلەن ھاياتىنىڭ ئەڭ قارا باسقان چۈشتەك قىسمىنى باشلاپ كەتتى.

قاتتىق ئۇسسۇزلۇق، يېرىلىپ كېتىدىغاندەك ئاغرىۋاتقان باش، بوشىشىپ كەتكەن بەدەن. لالە كۆزلىرىنى ئاران ئاچتى. يەنە يۇمۇپ يەنە بىر ئاچتى. بۇ قەيەر؟ غۇۋا نۇر يورۇتۇپ تۇرغان قازناقمۇ ، گەمىگە ئپخشايدىغان بىر يەر. توپا تام، ياغاچ سۇپا. سۇپىنىڭ ئۇدۇلىدا بىر قوپال ياغاچ ئۈستەل، ئىككى مايماق ئورۇندۇق. ئۈستەل ئۈستىدە بىر نەچچە ئەسكى چىنە. ئۈستەل ئۈستى بىر قەۋەت توپا. نۇردا چاڭ توزاڭ ئۇچۇپ يۈرگىنىنى كۆرگىلى بولىدۇ. لالە دەرھال ئېسىگە كېلىپ ئورنىدىن تۇرۇپ كەينىگە قارىدى. توپا باسقان ، شالتاق ،ئالقاندىن چوڭراق دەرىزە. پۈتۈن يورۇقلۇق شۇنىڭدىن كىرىۋاتاتتى. ئۇ سەكرەپ چۈشۈپ قوش قاناتلىق ئىشىكنى تارتتى. ئېچىلمىدى. ئىشىككە سىىرتىدىن يوغان قۇلۇپ سېلىنغان. ئىشىك يوۇچغىدىن بىر بەتبەششىرە يۈز، تۈشۈكتەك كۆز، پاناق بۇرۇن، كالاچ ئېغىز، سارغايغان چىش، پاخپاخ  چاچ بىر خىتاي ئەر ھىجىيىپ مارىدى.

لالە بۇ چىراينىڭ بەتبەششىرلىگىدىن چۆچۈپ كەينىگە داجىدى. بەتبەششىرە بىرسىنى چاقىرىپ بىر نىمىلەرنى  دەپ كولدۇرلاپلا كەتتى. بىردەمدە خىتاي موماي بىلەن بوۋاي ئىشىك تۈۋىگە پەيدا بولدى. ئۇلار يەرلىك تىلدا بىر نەرسىنى مەسلىھەتلەشكەندەك قىلىۋاتاتتى. ئاخىرى موماي ئىشتان بېغىغا ئېسىغلىق ئاچقۇچنى چىقىرىپ ئىشكنى ئاچتى. لالە ئۆزىنى تالاغا ئاتتى. ئۇ ھويلىدىكى يەردە تۇرغان ئۆزىنىڭ چامادان سومكىسىنى كۆرۈپ ئۇنى ئېلىپلا دەرۋازىغا ماڭدى. ئەمما دەرۋازا يەنە قۇلۇپلاغلىق ئىدى. ئاڭغىچە ئۈچ خىتاي كېلىپ ئۇنى تارتىشتۇرۇپ بىرنىمىلەرنى دىيىشكە باشلىدى. لالە سومكىسىنى ئېچىپ قارىدى. ئىچىدە پورتمىلى يوق تۇراتتى. لالە بۇلارغا ئۆزىنىڭ  ئوغرىغا ئۇچرىغىنىنى ، دەرۋازىنى ئېچىۋەتسە ساقچىغا بارىدىغىنىنى دىدى. ئەمما بۇ ئۈچ خىتاي ياق دەپ باشقا گەپنى قىلاتتى. بۇ گەپلەرنى تەستە چۈشىنىۋاتقان لالە ئۆزىنىڭ 7000 يۈەن خەلق پۇلىغا ئەشۇ بەتبەششىرىگە خوتۇن قىلىپ سېتىپ بېرىلگىنىنى بىلدى. لالە بېشىغا بىرسى كالتەك بىلەن بىرنى قويغاندەك ئاغرىق بىلەن يەر جاھان پىرقىراۋاتقاندەك ھىس قىلدى يۇ ، ھۇشىدىن كەتتى. بۇ ئۈچ خىتاي يەنە لالەنى كۆتىرىپ ئابايقى گەمە ئۆيگە ئەكىرىپ ئىشىكنى قايتا سولاپ قويدى.

(داۋامى بار)

جاۋاب يېزىش