چابىش ئۇغلى ئۆمەر بەكرى
مەن 2021- غا قۇرۇق قول كىرىدىغان بولدۇم، دەپ كۆوڭلۈم يېرىم بولىۋاتقاندا، بەختىمگە يارىشا بۇنىڭدىن ئۈچ ئاي بۇرۇن مەن ئۇچراتقان بىر ئانىنى يەنە قايتا ئۇچراتتىم. مەن ئۇنىڭ روھىدىن بىلگە قاغاننى، ئاتىللانى ،مەھمۇد قەشقەرىنى، يۈسۈپ خاس ھاجىپنى، ئابلەيخاننى، ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنى، ئوسمان باتۇرنى،غەنى باتۇرقاتارلىقلارنى تۇققان، تاھارەتسىز بالا ئېمىتمەي ،ھارام لوقما بەرمەي، ئادالەت، ھۈرلۈككە جان پىدا قىلىدىغان، ۋەتەنپەرۋەرلەرنى تۇققان باتۇر ئانىنى قايتىدىن تاپتىم.
» ئۈرۈمچى5 – ئىيۇل قېرغىنچىلىغى»نىڭ قۇربانى، يولدىشىدىن، ئۇرۇق تۇققانلىرىدىن ئايىرلغان، ئىككى پەرزەنتكە ئانا ئۆيدە ھەم ئاتا ھەم ئانا بولۇپ ياشاۋاتقان، مىللىتى ئۈچۈن قولىدىن كېلىدىغان ھەممە ئىشلىرىنى ئۈن- تۈنسىز قىلىۋاتقان قەيسەر بىر ئانىنى قايتا يولۇقتۇرغىنىم ئۈچۈم مەن چەكسىز سۆيۈنۈش تۇيغۇسىغا چۆمدۈم..
بىز ئەسلىدە بۇنداق ئانىلارنى تۇرپاننىڭ تەكلىرىنى كۆمگەندە بىللە كۆمۈپ تاشلاپتىمىز؛ئاقسۇنىڭ پاختىسىنى تەرگىچە ئېتىزلىققا تاشلاپ كىتىپتىمىز؛ خۇتەننىڭ قۇملۇقلىرىدا، ياڭاقلىق باغلارغا، ئاتۇشنىڭ ئەنجۈرلۈك باغلىرىغا، قەشقەرنىڭ تۈگىمەس ھاشالار چېپۋاتقان ئۆستەڭلىرىگە تاشلاپ كىتىپتىمىز؛ ئۇلار ئازاراق بوشلۇققا، بىلىمگە ئېھتياجلىق ۋاقىتتا، ئېللىق مىھىرگە مۇھتاج بولغاندا، ئۇلارغا گۈل دەستە بىلەن كىتاپ ھەدىيە قىلىش ئورنىغا دەشنام، تىل -ئاھانەت ۋە تاپا – تەنىلەر بىلەن ئۇلارنى ئۆيىگە بەنىت قىپتىمىز. «تاماقنى ياخشى ئەت!باللارغا ياخشى قارا!» دەپ دۇشكەللەپتىمىز. شۇ ئانىلار كەچلىرى يولدىشىنى رازى قىلپ، كۈندۈزلىرى ئۆيدە مالايدەك خىزمەت قىلسا ، ئىتائەت قىلسا، ئۆيدىن تالاغا چىقمىسا، ئاندىن ياخشى خۇتۇن دەپ مەدھىيلەپ، ئۇلۇغ ئانىلارنى پۇتۇنلەي ئۆيگە بەنىت قىلىپ، بوغۇپ يوقۇتۇپتىمىز!
تارىخقا قاراپ باقايلى! ئەگەر سۆزۈمنى يالغان دىمەكچى بولسىڭىز، جاھان سورىغان ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئانىلىرىنىڭ، ئاياللىرىنىڭ ئورنىغا قاراپ بېقىڭ:
ھازىرقى زاماندا ئاياللارغا يۈكسەك ئورۇن بەرگەن يەھۇدىلەرنىڭ ئۆتكەن
ئىككى مىڭ يىللىق خارلىق ، دەپسەندىچىلىك، سەرسان- سەرگەردانلىق تارىخىدىن كىيىن، پۈتۈن يەھۇدىلار قىزلىرىنىڭ، ئانىلارنىڭ تەربىيەسىنى بىرىنچى ئورۇنغا قۇيۇپ، دۇنيانى ئاياللار قۇلى بىلەن تەۋىرتىۋاتىدۇ. دۇنيا ئىقتسادىنى شۇ بىلىملىك ئانىلار تۇغۇپ تەربىيەلىگەن بالىلارنىڭ قولى بىلەن كونتورول قىلۋاتىدۇ.
ياپونىيە گەرچە دۇپپىچىلىك كىلىدىغان كىچىك مەملىكەت بولسىمۇ، پيورىل خاربور ئاتوم ۋەقەسىدىن كىيىن، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە قىزلار تەربىيەسىنى بىرىنچى ئۇرۇنغا قۇيۇپ، شۇ بىلىملىك، قەيسەر ئانىلار ئارقىلىق يىڭى بىر ئەۋلات ياپونلۇقلارنى تەربىيەلەپ چىققىنى ئۈچۈن، بۈگنكى كۈندە دۇنيا مۇئارىپىنىڭ ئۈلگىسى، پەن تېخنىكا دۇنياسىنىڭ پاراۋوزى بوپ قالدى. ھازىر ياپونىيە دۇنيا ئىقتىسادى بويىچە ئۈچۈنچى ئورۇندا، پ پ پ بويىچە تۆتىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.
بۇ دۆلەت دۇنيادىكى ئەڭ كۆپ يېڭى ئېلېكترونلۇق مەھسۇلات سانائىتى ۋە پاتېنت ھوقوقى بار دۆلەت بولۇپ، دۇنيادىكى ئەڭ ئىجادچان ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ بىرى. ياپونىيە يەنە دۇنيادىكى ئاساسلىق قەرز نىسبىتى ئارقىلىق دۇندانى قەرىزدار قىلغان ئەڭ چوڭ ھەقدار دۆلەتلەرنىڭ بىرى.
بىز ئۇلۇغ ئانلىرىمىزنىڭ كۈچىمىز يەتكەنلىرىنى ئۆيلەرگە بەنىت قىلىپ ، كۈچىمىز يەتمىگەنلىرىنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەردە بازارغا سېلىنىشىغا، ،ئىستانبولدا، دۇبەيدە ئۇنۋىرىستلاردا ئۇقۇپ تۇرۇپ، ھەپتە ئارىلىقىدىكى ئىككى كۈنلۈك ۋاقىتىنى ئۆزىنىڭ ئەڭ پاك بولغان ئانىلىقىغا، ئاشۇ پادىشاھ، سىياسون، ئالىملارنى تۇغىدىغان ئانىلىق ھۇجۇدىغا ئەڭ مەينەت تامچىلارنىڭ تېمىشىغا سۈكۈت قىلدۇق. مانا بۈگۈنكى كۈندە، ئۆز قىزلىرىمىز، ھەدىلىرىمىزنىڭ، ئۇلۇغ ئانىلىرىمىزنىڭ خورلوقلىرىنى سۆزلەش ۋە ئاڭلاشتىن نومۇس قىلىپ، يەرگە كېرەي دىسەم يەر قاتتىق، ئاسمانغا چىقاي دىسەم ئاسمان ئىگىز، ئۆز گۆشۈمنى ئۆزەم يەپ، ئەڭ خار ھالەتتە، ۋەتىنىم بار تۇرۇپ ۋەتەنسىز، ئۆيۈم بار تۇرۇپ ماكانسىز ياشاشقا مەجبورمەن.
شۇ ئانىنىڭ سەزگۈرەشتىلىرى مىنى يۇقاتقان ئانامنى قايتىدىن تاپقاندەك تۇيغۇغا كەلتۈردى. جاھان كەزدىم. شۇنى كۆردۈمكى، بىزنىڭ ئۇيغۇر ، قازاقتەك، ئۆزبەك، قىرغىز ئانىلىرىدەك ۋاپادار، مېھرىبان، سەمىمى، گۈزەل ئانىلار دۇنيانىڭ ھېچ يىرىدە يوقكەن! شۇنداق ئانىلارنى باشقىلاردىن كۆرگەنلەر بولسا ئەيىتسۇن، مەن شۇنىڭغا سوغا- سالاملار يوللاي!
دۇنيا مەئيشىتى ئۇنى ئالدىيالمىغان، ئۆزىنىڭ ۋۇجۇدىدىكى مىللى غورورى، دىنى پاكلىقى ئۇلۇغۋار ئىرادىسى مىنى بەك خۇرسەن قىلدى.» بىزدە يەنىلا ئۈمۈد باركەن» دىگەن قارارغا كەلدىم ئاخىرىدا. بولمىسا بۇ ھالىمىزغا قاراپ غايىپ بولايلا، دەپ قالغان ئىشەنچ يالقۇنلىرى يۈرۈىگۈمدە ئوت بولۇپ قايتىدىن لاۋۇلداشقا باشلىدى….
ئانام» ئالتۇندەك پاقىراپ ياشا بالام، ئاتاڭ ئۈمىدىنى ئاقلاپ ياشا!» دەپ ھايات دۇئاسىنى بەرگەن، ئۆز يولدىشىنىڭ ھەتتا ئۆلتۈرۈلۈپ قەيەرگە كۆمۈلگەنلگىىنمۇ ھەم بىلمەيدىغان بۇ ئانىنىڭ سۇنماس روھى مىنى يىڭى يىلغا يىڭى قەدەم بىلەن يىڭى ئانام بىلەن كىرگەندەك مەن ئۈچۈن ئەڭ چوڭ سوغا بولدى.
ھەر بىرىمىزنىڭ ئۆيىمىزدە شۇ ئۇلۇغ ئانىلار تۇرۇپتۇ، بىرىمىزنىڭ قىزى بار، بىرىمىزنىڭ ئاچا – سىڭلىسى، بىرىمىزنىڭ ۋاپادار ئايالى. بىز ئۇلارنىڭ قۇسىقىنى ئەمەس مەنىۋىيىتىنى بىيتايلى، ئۇزۇقلاندۇرايلى! ئۇلار سىزنىڭ ئېللىق قۇلۇڭىزنى سۇنۇشىڭىزغا، ئەركەكتەك ئىشەنچىلىك قۇچىقىڭىزغا، تاغدەك ئىشەنچىلىك ئاتىلىق ، ئاكىلىق مېھرى مۇھەببىتىڭىزگە مۇھتاج!
ۋەتەندىكىلەرنى قۇتۇلدۇرۇش قۇلۇمىزدىن كەلمىدى ، ئىلاجىسىز ئىگىمزىگە تاپشۇردۇق. ئەمدى كۆز ئالدىمىزدىكى پەرىشتە كەبى ئاچا- سىڭىللىرىمىزنى بولسىمۇ، مەيلى ئۇلار قازاقىستان، قېرغىزستان، تۈركىيە ، ياۋرۇپا، ئامىركا، كانادادا بولسۇن، ياتنىڭ قوينىدا شۇ پىتى كىتىپ قالمىسۇن! تەسەللىنى، رۇھى ئوزۇقنى ئۆزگىدىن ئىزدىمىسۇن!
ئەگەر بىز مەسئۇلىيىتىمىزنى، ئەرلىك بۇرچىمىزنى تۇلۇق ئادا قىلالىغان بولساق، ۋەتەندە قىزلىرىمىز خىتاي تاپنىدا خارلانماس ئىدى، ئۇرۇش مەيدانلىرىدا، لاگىرلاردا دەپسەندە ، ۋەيرانە، خار ھالەتتە كۆز ياشلىرىنى ئېقىتماس ئىدى، تۈركىيەدە دەرنەكلەر ئالدىدا قاتار-قاتار ئۇچرەتتە ئالقان يېيىپ تۇرماس ئىدى. پەرىشتە سۈپەت قىزلىرىمىز ئاق سارايدا مىھمان كۈتمەس ئىدى!!
بىز ئەرلىك غورورىمىزنى، ئەسلىدىكى ئۆزلىكىمىزنى ساقلىيالىغان بولساق، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ئاياللىرىمىز باشقا مىللەت قوينىغا ئۆزىنى ئاتماس ئىدى!!! گپىم بەلكىم قوپال كەنكەندۇ. بىراق سىز بىرەر قوغدىغۇچىسى يوق ئايال بىلەن سىردىشىپ، ئۇنىڭ دەردىنى ئاڭلاپ باقتىڭىزمۇ؟ ئۇلاردىن بىرەرسىنى ئىزدەپ، دەردىڭىز نىمە، دەپ سوراپ باقتىڭىزمۇ؟ ئۇنىڭدىن بۇ تار كوچىلارغا كېرىپ قېلىشقا نىمە سەۋەپ بولدى، دەپ سوراپ باقتىڭىزمۇ؟ ئەسلى ئۇلار پۇلغا خۇمار ئەمەس! ئۇلار ھىسياتقا ئاشىق ئەمەس، ئۇلار بۇزۇق ئەمەس، ئەسلى بىز بۇزۇق! ئۇلارنىڭ قەدىر قىممىتىنى بىلمىگەن بىز ئەخمەق!! مەن ھىچكىمنى ھىچنىمە دىيەلمەيمەن. پەقەت ئۆزەمگە بۇ جاۋابلارنى بەردىم. خالاس ! يازغانلىرىم سۆز ئىگىسىنى تاپار بەلكىم! ھەقىقەت مۇشۇنداق ئاچچىق! بىزنىڭ ئۆزىمىزنى ئۇيغۇر، قازاق دەيدىغانغا يۈزۈمىزمۇ قالمىدى! كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئىگەمنىڭ ئالدىغا بارغاندا قانداقمۇ ئانىلىرىڭىزغا، قىزلىرىمىزگە كەلگەن مۇشۇ خورلۇق ئۈچۈن ئاللاھ ئىگەمگە نىمە دەپ جاۋاپ بېرەمەن ؟!!!
«تاش چۈشكەن يېرىدە ئەزىز» دەپ بىكار ئېيتىلمىغان بولسا كېرەك. مەن دۇنيا تەۋرىتىدىغان ئانىلىرىمىزنىڭ سىماسىنى كۆردۈم، ئۆچەيلا دىگەن شامنىڭ ئۆچمەيدىغانلىقىغا قايتا ئىشەندىم.
مەن ئۈمۈدنى خەلقئارا تەشكىلات ۋە دۆلەتلەرگە ئارتىپتىمەن، ئەسلى ئۈمۈد ئۆز ئانلىرىمىزدا ، ئۆز قىزلىرىمىزدا ئىكەن.
ئەسلىدە ئۆز پەرزەنتلىرىنى ۋەتەن ، ئادالەت، ھۈرلۈك ئۈچۈن قۇربان بولۇشقا يولغا سالالايدىغان ئانىلار سىزنىڭ يېنىڭىزدا، سىزنىڭ ئۆيىڭىزدە، سىزنىڭ ئەتراپىڭىزدا ئىكەن. پەقەت ئۇلارنى تونىيالايدىغان كۆز بىزدە بولماپتۇ.
ئانىلار، ئاياللار يېغلىسا ئالەم يىغلايدۇ ئەزىزلەر. ئادەم ئاتامغا، ھاۋا ئانامنى ئەركىشىنىڭ ئەگرى قوۋۇرغىسىدىن زىمىنغا خەلىپە، زىمىن ئىگىسى قىلىپ بىللە ياراتمىدىمۇ؟بىز ئۇلارغا ئۆزىگە لايىق ھۆرمەت، ئىھتىرام ئاتا قىلالمىدۇق. ئۇلارنى ئۆز ئورنىغا قويالمىدۇق. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئۆز تۇپرىغىمىزغا، ئۆز ئائىلىمىزگە ، ئاياللىرىمىزنىڭ ئىززەت ئابرويغا، ئۆز غورورىمىزغا ئىگە چىقالمىدۇق.
مەن يىڭى يىلغا يۇقاتقان ئانامنى تىپىپ، دادىل ۋە ئىشەنچلىك قەدەملەر بىلەن كىرمەكچى! ھەممە ئەزىزلەرنىڭ ۋەتەنگە، گۈزەل يۇرتىغا بولغان سېغىنىشلىرى، ئاتا- ئانا، قېرىنداشلىقنىڭ ئېللىق مېھرى مۇھەببەتىگە بولغان تەشنالىغىنىڭ قانچىلىك ئاچچىق ۋە قانچىلىك ھەسرەتلىك بولىدىغانلىقىغا مەن گۇۋاھ! بىز ئۇلارغا نىمە بەرگەن بولساق، بىزمۇ شۇنىڭغا ئېرىشتۇق! ئەمدى بەس!
ئەمدى بىز ئاياللىرىمىزغا، ھەمشىرىلىرىمىزگە سۆيگۈ، مۇھەببەت، ئېللىق قول، ھەقىقى ئەركەكنىڭ ئىشەنچكە تولغان قۇچىغىنى بېرەيلى! بىز ئەرلىك ئورنىمىزنى تاپايلى!
يىڭى يىلدا تورت يىيش ئەمەس، يېڭى كىيىم كېچەك كىيىش ئەمەس، بەلكى ئانلىرىمىزغا، قىزلىرىمىزغا ئىسسىق قۇينىمىزنى ئاچايلى! ئۇلارغا ئېللىق چېرايىمىز بىلەن ئۇلارنىڭ ھاياتىغا ئىشەنچ ئاتا قىلايلى! ئەگەر بىز شۇنداق قىلالىساق، ئۇلار چۇقۇم بىر كۈنى ئەڭ داڭلىق ئالىم، ئەڭ داڭلىق سىياسىيون، ئەڭ داڭلىق لىدىر، ئەڭ باي مىليونىرلارنى تۇغالايدۇ!! ئانىلار – قىزلار ئەڭ يېڭى بىر قىياپەتتە 2021- يىلىنى ئىشەنچ بىلەن كۈتۈۋالسۇن! بۇنىڭ ئۈچۈن بىزدىن كىتىدىغىنى ۋۇجۇدىمىزدىكى مېھرى – مۇھەببەت ھەم ئازغىنە ھالال مىھنەت تەرىمىز. خالاس.
2020- يىلى دىكابىرنىڭ 31- كۈنى، تاڭ سەھەردە.
نورۋىگىيە