چۈش

راھىلە كامال

ئۇ چاغلاردا مەن بەك كۈلگۈنچەك ئىدىم،

كۆپ ئىشلار ماڭا يېڭى ۋە قىززىق بىلىنەتتى.

قۇشلارنىڭ ئۈركۈپ پۇررىدە ئۇچىشىغا ،

يەرگە ئىڭىشسەك ئىتلارنىڭ بەدەر قېچىشىغىمۇ كۈلەتتىم.

ھەممىدىن قىززىقى سېنىڭ چۈشلىرىڭ ئىدى..

ئاجايىپ چۈشلەرنى كۆرەتتىڭ!

ئۆزۈڭ ئېرىشمەكچى بولغان،

ئىگەللىمەكچى بولغاننىڭ ھەممىسىنى چۈشۈم، دەپ تۇرىۋالاتتىڭ.

سەن چۈشلىرىڭنى ئۆرۈيتتىڭ،

مەن تەبىر بېرەتتىم.

سېنى خۇش قىلىش ئۈچۈن،

چۈش تەبرى كىتابلىرىنى سېتىۋالاتتىم،

«كۆك ئاسماندا ئۇچۇپ چۈشەپتىمەن» دېگىنىڭدە.

«بىسسىمىللاھ، دە «-دىدىم.

ھەم چوڭ باشلىق بولغۇدەكسەن، دەپ تەبىر بەردىم.

«بىر دەريادا چۈمۈلۈپ چۈش كۆردۈم » دېدىڭ ،

«رىسقلىق، ئامەتلىك بولىسەنكەن»دەپ تەبىر بەردىم.

چۈشۈڭ چۈش بولسۇن، يۈسۈپ ئەلەيھىسالام يار بولسۇن!

دەپ قوشۇپ قويغۇنىمدا خۇشال بولغانتىڭ.

بىز چۈشلەرگە ئىشىنەتتۇق.

«قارا، چۈشۈمدە ئايىقىمنى يۈتتىرىپ قويۇپ،

ئىزدەپ تاپالماي ،بەك قىينىلىپتىمەن»دېدىڭ سۇلغۇن..

جىممىدە بوپ قالدىم.

چۈش كىتابىدا ئاياقنى ھەمرا، سۆيگۈ دەپ ئىزاھلاپتىكەن.

بىر كۈنى بىر قاراڭغۇ قەپەسدە ئولتۇرۇپ چۈشىگىنىڭنى دېدىڭ،

يۈرىكىم ئاغدى،

«بولدى ئۆرۈمە،

بىر داڭگالنى بېشىڭدىن ئايلاندۇرۇپ يىراققا تاشلىۋەت» دېدىم.

سەن سۇمباتلىق، ئەقىللىق ئىدىڭ.

رەڭدار ياغلىق، گۈللۈك كۆينەكلەرگە بەك ئامراقتىڭ.

كۈنچىلىكىمگە باقماي ،

سەندىن ئايرىلىپ قېلىشتىن قورقۇپ،

چۈشلىرىڭنى ئۆرۈپ يۈرىۋەردىم.

بىر كۈنى بىرى ماڭا پوچتىدىن بىر پاي پايپىقىڭنى ئەۋەتىپتۇ،

پايپاقتىن « يەنە بىر پېيى مەندە» دېگەن خەت چىقتى..

سېنىڭ چۈشلىرىڭگە ، تېتىقسىز تەبىرلىرىمگە ئۆچ بولدۇم،

سېنىڭ پۇتىڭنى قىستايدىغان ئايىقىڭ بولۇشنى خالىمىدىم.

شۇندىن كېيىن چۈشلىرىڭنى ئاڭلىمىدىم،

مېنى يىتتۈرۈپ قويدۇڭ،

كېيىنكى چاغلاردا،

سېنىڭ ماڭا گەپ قىلىۋاتقان ھالىتىڭنى،

مەڭىزلىرىڭنى خىرە چۈشەپ يۈردۈم.

بىر كۈنى سېنى كوچىدا، ئادەملەر ئارىسىدا كۆرۈپ قالدىم،

چاچلىرىڭ پاخپايغان، پەشلىرىڭ ئىگىز-پەس ئىدى.

قوغۇندەك تىلىنىپ كەتتىم ئەپتىڭدىن،

كۆزلىرىمىز ئۇچراشقاندا ،

يۈزۈڭدىكى سۇس كۈلكىنى كۆرۈپ

، «ھە، بۇ ياكى بىرىنىڭ ھەسرىتىدە

ياكى چۈشىنىڭ ھەۋىسىدە» دەپ ئۆزۈمنى ئالدىدىم.

ئۇزۇن زامانلاردىن بېرى سېنى چۈشەپ باقمىغان ئىدىم،

بۈگۈن سەھەر كۆرگەن چۈشۈمدىن قارا تەرگە چۆمۈپ ئويغاندىم.

چۈشۈمدە سەن بىر قارا ئۆينىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرغۇدەكسەن،

ناھايىتى كۆپ موردىلار تاملارغا يۆلەپ قويۇلغۇدەك،

سەن يەنە چۈش ئۆرۈۋاتقۇدەكسەن،

«مېنى ئويغىتىۋەت، ئويغىتىۋەت ! » دەپ ۋارقىراۋېتىپسەن.

سېنى ئويغاتماق بولۇپ يەرنى تەپتىم،

تاملارنى ئۇردۇم، چېقىرىدىم….

لېكىن يېنىڭغا كېلەلمىدىم.

سەن قارا چۈشتە، قەپەسدە قالدىڭ،

ھېچ ئويغىنالمىدىڭ.

جاۋاب يېزىش