سىزمىدىن مەدەنىيەت روجەكلىرىگىچە

 

زۇلھايات ئۆتكۈر

 بىر مەدەنىيەتنىڭ ئۇزۇنغىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىشىدا مەدەنىيەتنىڭ تارقىلىشى ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئۇيغۇرلار تارىختىن بۇيان مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنىڭ ناماياندىسىنى يارىتىپ كەلگەن مىللەتتۇر.

قازاقىستانلىق داڭلىق ئۇيغۇر رەسسامى ھاشىم قۇربان ئەسەرلىرىدە قويۇق مىللىي پۇراق بىلەن مودېرنىزىملىق ئۇسلۇب يارىتىش بىرىككەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ناھايىتى يۇقىرى بەدىئىي قىممەتكە ئىگە ۋە تۇرمۇش پۇرىقى كۈچلۈك بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى ۋە ئىجتىمائىي ھاياتى ئاساسىي تېما قىلىنغان. 

رەسسام ھاشىم قۇربان رەسىم ئىجادىيىتىدىن باشقا يەنە قاپاق سەنئىتى ئىجادىيىتىنىڭمۇ ئاۋانگارتلىرىدىن بىرى بولۇپ،  كۆپلىگەن ئەسەرلەرنى ۋۇجۇتقا چىقارغان . رەسسامنىڭ قاپاق سەنئىتى ئىجادىيەت ئەسەرلىرى نەپىس ۋە كۆركەم بولۇپ، ئۇيغۇر تارىخى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيەتىنىڭ كۆركى بولغان ئۆرپ ئادەت،ئېتىقادلىرىمىزنى قاپاق ئۈستىگە مۇجەسسەملىگەن. ئۇ ئۆزىنىڭ ئەركىن تەپەككۇرى ۋە يۈكسەك ماھارىتى بىلەن ، ئاددىي قاپاق ئۈستىگە ئۇيغۇرلارنىڭ  ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى، تارىخىي قەھرىمانلىرى، ياشاش مۇھىتى قاتارلىق مەزمۇنلارنى قوندۇرۇشتا مۇۋەپپەقىيەت قازانغان.رەسسامنىڭ بۇ خىل ئۆزگىچە قاپاق سەنئىتى ئىجادىيىتى قازاقىستان«گېننىس» رېكوردى قامۇسىغا تاللانغان.

     ھاشىم قۇربان 1957 – يىلى تاشكەنتتە تۇغۇلۇپ، كېيىن ئۆزبېكىستان سەنئەت ئۇنىۋېرسىتېتىنى تاماملىغاندىن كېيىن، 1981 – يىلىدىن ئېتىبارەن قازاقىستاندا ياشاپ كەلمەكتە. رەسسام 2005- يىلى قازاقىستان بويىچە «ئىلھام» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئەسەرلىرى كۆپ قېتىم دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا مۇكاپاتلانغان. رەسسام  يەنە 2013 -يىلى، لوندوندا ئۆتكۈزۈلگەن سەنئەت كۆرگەزمىسىدە 3 -دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشىپ شەرەپ قۇچقان. ئۇ قازاقىستان رەسساملار ئاكادېمىيىسىنىڭ ئەزاسى، قازاقىستاننىڭ «تۆھپىكار» شەرىپىگە مۇۋەپپەق بولغان. رەسسامنىڭ ئەسەرلىرى قازاقىستان مۇزىيى، ئامېرىكا، گېرمانىيە، پايونىيە، فرانسىيە، شىۋېتسىيە ۋە شىۋېتسارىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە بەزى شەخس ۋە مۇزىيلارنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا ساقلانماقتا.

2020  -يىلى ئاپرېلدا رەسسامنىڭ يەنە بىرقانچە پارچە يېڭى ئەسىرىنى كۆرۈش پۇرسىتىگە مۇيەسسەر بولدۇق . يېڭىدىن ئۇيغۇر سەنئەت ئالبۇمىغا قوشۇلغان بۇ ئەسەرلەرمۇ رەسسامنىڭ يۈكسەك تەسەۋۋۇرى ۋە يۇقىرى ماھارىتىدىن روياپقا چىققان ئەسەرلەر بولۇپ، مېنى ئىختىيارسىز ھالدا ۋەتەننىڭ قوينىغا تاشلاپ، ئۇيغۇر مەدەنىيەتىنىڭ ھەر بىر روجەكلىرىگىچە باشلاپ باردى. بۇ بىر يۈرۈش سېرىيە رەسىملەردىن ئۇيغۇرلارنىڭ بىناكارلىق، ھويلا –ئارام مەدەنىيەتى، تۇرالغۇ ، يېمەك –ئىچمەك، كىيىم-كېچەك مەدەنىيەتى شۇنىڭدەك ئېلىم –بېرىم ، مۇراسىم ،ئۆرپ-ئادەتلىرى مۇجەسسەملىنىپ ياسالغان دۇنيانىڭ مىكرو  ھالىتىنى كۆز ئالدىمدا نامايان قىلدى:

     شەھەر-يېزا، كوچا- كويلىرىمۇ خۇددى خەلقىدەك بەرداش بۇ يۇرتىمىزنىڭ  ھەر بىر مەھەللىسى، ئىماملارنىڭ مەسچىت قۇببەلىرىدىن كېلىۋاتقان زىكىر-تەلقىنلىرى، مېھىرلىك پىشايۋانلاردىن كېلىۋاتقان سەبىي بالىلارنىڭ قوڭغىراقتەك كۈلكىلىرى،مۇشۇ مەھەللىلەردىن يېتىشىپ چىققان زاتلارنىڭ سەمەرىلىك ئىزلىرى، ھەسرەتتە ئۆتكەن جاپاكەشلەرنىڭ  غېرىپ كۈلبەلىرى، بىرلىكتە غازاڭدا كاۋاپ قىلىشىپ يېگەن دوستلارنىڭ تونۇش ئېرىقلىرى، ئاشىق –مەشۇقلارنىڭ سېھىرلىك دۆڭلىرى ، غەزەلچىلەرگە سايىۋەن بولۇپ كەلگەن چىنار دەرەخلىرى ، ساتار ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇرىدىغان دەرتمەنلەرنىڭ پىنھان ئۆگزىلىرى ئىشقىلىپ ھەممىسى رەسسامنىڭ قولى بىلەن ئۆزىگە تەئەللۇق جايىنى تاپقان ئىدى.

2018   -يىلى رەسسام ھاشىم قۇربان شىۋېتسىيە پايتەختى ستوكھولمدا بىر قېتىملىق رەسىم كۆرگەزمىسى ئۇيۇشتۇرۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولۇپ، شىۋېتسىيەدە بىر ھەپتىلىك زىيارەتتە بولىدۇ. مەن بۇ جەرياندا رەسسام بىلەن كۆرۈشۈش ۋە ئۇنى زىيارەت قىلىش پۇرسىتىگە مۇيەسسەر بولدۇم. شۇ ۋاقىتتا، رەسسام ماڭا ئۆزىنىڭ ئىلھام بۇلىقىنىڭ كۆپىنچە ۋەتىنىمىزنىڭ شەھەر-يېزىلىرىدىن، تاغۇ-دەريالىرىدىن كېلىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى. شۇڭا ئەسەرلىرىدە «ئوتۇن يۈدۈپ كېتىۋاتقان دېھقان»، ھېيتكاھ مەسچىدىنىڭ ئالدىدا» دوغاپ ئىچىپ ئولتۇرغان شاپ بۇرۇت يىگىت» ياكى » تونۇر بېشىدا نان يېقىۋاتقان ئانا»لارنى ئۇچراتقىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى. 

 

«مېنىڭ يېزام» ناملىق رەسىمدە ھەممىمىزگە ئۆزىمىز ياكى ئەجداتلىرىمىز تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان يېزىلارنى ئەسلىتىدىغان ، قەشقەر ئۆيلىرىگە تەقلىد قىلىنغان بىر مەنزىرە تەسۋىرلەنگەن بولۇپ، رەسىمدىكى ئاددىي ئۆيلەر، شالاڭ ئاھالىلەر، پاكىز ۋە رەتلىك ھويلىلار ئادەمگە ھۇزۇر بەخش ئېتىدۇ ۋە بىزنى ئىختىيارسىز ھالدا بۈگۈنكى دۇنيادىكى شاۋقۇن-سۈرەندىن مۇستەسنا، جىنايەت ياكى زۇلۇمدىن خالى، روھى ۋە جىسمى پاكلىق بابىدا تاۋلانغان ئىنسانلار ئارىسىغا باشلاپ بارىدۇ. 

 بىر ئەل، بىرەر شەھەردىكى مەدەنىيەت ئاۋۋال شۇ يەردىكى بىناكارلىقتا ئىپادىلىنىپ دىققەتكە سازاۋەر بولىدۇ. 

ۋەتىنىمىز ئەزىزانە قەشقەرنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئىزلار ، تارىخىي تۇرلار ۋە ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈشلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، قەشقەرنىڭ قەدىمىي ئاھالىلىرى مىلادىيەنىڭ ئالدى-كەينىدە كۆچمەنلىكتىن ئولتۇراقلىشىپ ياشاش دەۋرىگە كىرىپ بولغان . بۇنىڭدىن مەلۇمكى، قەشقەرنىڭ بىناكارچىلىقى ناھايىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگىدۇر. قەشقەردىكى ئۈچ مىرۋان مىڭ ئۆيى، يەنى توققۇز ھوجرا-قەشقەر قەدىمكى زامان بىناكارچىلىقىنى تەتقىق قىلىشتىكى ئەڭ تىپىك نامايەندىدۇر. (قارا قۇتلۇق :47) شۇ زامانلاردىكى ئۇيغۇر بىناكارلىقى شۇ دەۋرلەردىكى دىنىي ئېتىقاد بىلەن زىچ باغلىنىشلىق، چۈنكى بىناكارلىقتا دىنىي ئېتىقاد ئامىللىرى ناھايىتى روشەن ئەكس ئەتكەن بولىدۇ.ئەلۋەتتە يەنە سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ئامىللارمۇ قوشۇمچە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ۋەتىنىمىز ئەزىزانە قەشقەرنىڭ بىناكارلىق قۇرۇلۇش ئالاھىدىلىكى

ھويلا- ئاراملىق، باغ-باراڭلىق، پىشايۋان –سۇپىلىق، دەھلىز- دالانلىق، ئايۋان سارايلىق، كۆپ خانىلىق، ئەۋرەز- قازناقلىق، تۆر-پەگاھلىق، تەكچە- مېھرابلىق، ۋاساجۈپ- ۋاسادەميانلىق، لىم- ناۋالىق، ئەگمە ئىشىك-دېرىزىلىك، كۆركەم نەقىشلىك، سوقما تاملىق، سىلىق سۇۋاقلىق، ئېغىل- قوتانلىق بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولۇپ، ( راھمان: 101) بۇ خىل ئۇسلۇبلارنىڭ شەكىللىنىشىدە جۇغراپىيەلىك شارائىت، ئىقلىم كىلىمات، ئانتروپولوگىيەلىك مەنبە يەنى كۆپ خىل مەدەنىيەتلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچراشتەك ئالاھىدىلىكلەردىن باشقا، يەنە شۇ خەلقنىڭ گۈزەللىك قارىشى، تەبىئەت ۋە ئالەم چۈشەنچىلىرى، مىللىي سەنئەت ماھارەتلىرى ئىستىخىيلىك ھالدا كىرىشىپ كەتكەن بولىدۇ. 

     ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغاندىن كېيىن ، بىناكارلىق قۇرۇلۇشى ئىسلام ئۇسلۇبى ۋە باشقا ئۇسلۇبلارنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشتەك ئۇسلۇبلار يارىتىلىپ ، تارىختىكى ئەڭ شاۋكەتلىك دەۋرلىرىنى تارىخ بېتىگە يازدى. قاراخانىلار دەۋرىدە ، زور تۈركۈمدە بىناكارلىق ئۇستىلىرىنىڭ يېتىشىپ چىقىپ ، يىپەك يولىنى بويلاپ، ئەتراپتىكى ئەللەرگە بېرىپ بىناكارلىق ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغانلىقى مەلۇم. پارس خەلقىنىڭ جاھانكەزدى شائىرى شەيىخ سەئىدى(1203-1293) نىڭ ئەينى ۋاقىتتا قەشقەرگە كەلگىنىدە شەھەرنىڭ مەدرىسە-مەسچىتلىرىنى ئارىلاپ، ئوردا ئىشىكى جامىئە مەدرىسەسىنى كۆرۈپ ھەيران قالغانلىقى ۋە تالىبىل ئىلىملەر بىلەن ھەمسۆھبەتتە بولغانلىقىدەك بىر ۋەقە بىزگە قەشقەرنىڭ قەدىمكى بىناكارلىق مەدەنىيەتىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. سەئىدىيە خانلىقى ۋە ياقۇپبەگ دەۋرىدىمۇ شەھەر قىياپىتىدە زور ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىپ، نۇرغۇنلىغان ھەشەمەتلىك ئوردا-سارايلار، مەدرىسە-مەسچىتلەر،  مونچا، رابات ۋە تۇرالغۇ ئۆيلەر بەرپا قىلىنغان. شۇ ۋاقىتتىكى قۇرۇلۇشلاردىن پەخر بىلەن تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغان مەشھۇر ھېيتكاھ جامىئەسى، ئافاق خوجا مازىرى، ھەزرەت مەدرىسەسى، ئەنجان مەسچىتى ، ئىسكەندەر ۋاڭ گۈمبىزى قاتارلىقلار. 

ۋېنىتسىيەلىك ساياھەتچى ماركو پولو 1271-يىلى ۋېنىيسىيەدىن يولغا چىقىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا ئارقىلىق 1275-يىلى قەشقەرگە سەپەر قىلىدۇ. شۇندىن كېيىن  

تارىختا ئاز بولمىغان سەيياھلار، تەۋەككۈلچىلەر، تىل تەتقىقاتچىلىرى، مىسسىئونېرلار، جاھانكەزدىلەر ۋە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ئارقا-ئارقىدىن بۇ زېمىنغا ئاياق باستى. قەشقەر بەزىدە ئەجنەبىيلەرنىڭ شەرقتىكى «جەننىتى» گە ياكى «بوستانلىقتىكى گۆھىرى» گە ئايلانسا، بەزىدە رەقىپ مەيدانىغا ئايلاندى. ھەر خىل كىىشلەر قەشقەرنى ئۆز مەقسەتلىرىگە يېتىشتىكى ئوخشىمىغان قورال قاتارىدا كۆرۈپ ، ئوخشىمىغان نەتىجىلەر بىلەن خۇلاسىلاندى. ماركو پولودىن كېيىن چۇقان ۋەلىخانوف، كوروپاتكىن، روبېرت شاۋ، سۋېن ھېدىن ، كاتارىن ماكارتنىي، گۇننار ياررىڭ، نوشرۋان نائوشېف… قاتارلىق تارىخ بېتىدىن ئورۇن ئالغان كىشىلەرمۇ قەشقەر ھەققىدە چوڭقۇر يالدامىلارنى قالدۇرۇپ، قەشقەرنىڭ تارىخى، سىياسىي، ئىجتىمائي ۋە ئاۋامنىڭ تۇرمۇشى ھەققىدە قىممەتلىك خاتىرىلەرنى يېزىپ قالدۇرغان.

     19-20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا قەشقەردىن بىناكارلىق مۇتەخەسىسلىرى ۋە ئۇستىلىرى يېتىشىپ چىقىپ، روسىيە، ئەنگىلىيە، شىۋېتسىيە قاتارلىق ئەللەرنىڭ قەشقەردىكى كونسۇلخانىلىىرىنى ياساش قۇرۇلۇشىغا قاتناشقان. بۇ ئىمارەتلەر ھازىر قەشقەر چىنباغ ۋە سەمەن مېھمانخانىلىرىدا تىپىك ئابىدە بولۇپ ساقلانماقتا.

شىۋېت مىسسىئونېرلىرىنىڭ قەشقەر ۋە يەكەندىكى پائالىيەتلىرى تەسۋىرلەنگەن «ئەگرى –توقاي يوللار-شەرقىي تۈركىستاندىكى 25 يىل» ناملىق كىتابدا قەيت قىلىنىشىچە، مىسسىئونېر جون ھېگبېرينىڭ كۈندىلىك خاتىرىلىرىگە ئاساسەن، ئەنگىلىيە كونسۇلخانىسىنىڭ قايتا قۇرۇلۇشىدا پۈتۈنلەي ئۇيغۇر ئۇستاملار ياردەم قىلغان ئىكەن. 

«قەشقەردىكى ئەنگىلىيە كونسۇلخانىسىنىڭ قۇرۇلىشى پۈتۈپ قالاي دېگەن چاغلار بولۇپ، .بۇ ۋاقىتتا ئېكسپىدىتسىيە سەپىرىدە بولىۋاتقان ۋېنگىرىيەلىك داڭلىق ئارخېئولوگ، ئوتتۇرا ئاسىياشۇناس سىر ئاۋرېل ستەيىن قەشقەرگە كېلىپ بۇ يېڭى سېلىنغان كونسۇلخانىغا چۈشىدۇ.ئۇ بۇرۇن بىر  قېتىم بۇ كونسۇلخانىغا كەلگەنىدى.ئۇ ھازىر بۇ قۇرۇلۇشنىڭ بۇرۇنقىدىن ياخشى سېلىنغانلىقىنى كۆرۈپ ماڭىمۇ كۆپ ياخشى تەرىپىنى قىلدى.

ئۇنىڭ بۇ ھەقتە ھىندىستان ۋە  شەرقىي تۈركىستاندىكى خەلقلەر ئۈستىدىكى سېلىشتۇرمىسى ۋە خۇلاسىسى مېنى ھەيران قالدۇردى.ئۇ ئۇيغۇرلار ھەققىدە مۇنداق باھالارنى بەرگەن ئىدى:

   »ئۇيغۇرلاردا ئىپتىدائىيلىقنىڭ بارلىق شەكىللىرى مەۋجۈت بولۇپ،تىرىشچان ۋە تەرەققىيپەرۋەر كېلىدۇ، بۇ خىل خاراكتېرنى ھىندى خەلقى ئارىسىدىن ئۇچراتقىلى بولمايدۇ.مەسىلەن، مەن سەپەردە بىرەر يەرلىك ئۇيغۇرنىڭ ئائىلىسىدە قوناقتا قالسام، ئۆزۈمنى ناھايىتى بەھۇزۇر ھېس قىلىمەن، تاماقلىرىنى بىمالال يىيەلەيمەن، بىر ياۋروپالىق ئۈچۈن ھىندى ئائىلىسىدە تۇرغاندا بۇ خىل شارائىتتىن ھوزۇرلانغىلى بولمايدۇ.

 گەرچە قۇرۇلۇش ئەڭ ئىپتىدائىي ئەمگەك ۋاستىلىرى ۋە ئاددىي ئۇسۇل بىلەن ئېلىپ بېرىلسىمۇ، بۇ زېمىندىن قول ھۈنەرۋەنچىلىكنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئىزنالىرىنى تاپقىلى بولىدۇ.ئۇيغۇرلار پەقەتلا تەربىيىلەش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا مۇھتاج. »(ھۆگبېرىي:85)

بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغىنىمىزدا ھەممىمىزنىڭ بىراز چوڭقۇر نەپەس ئېلىۋېلىپ ئاندىن ئويلىنىپ بېقىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. گەرچە ئەجنەبىيلەرنىڭ بىر مىللەتكە بەرگەن باھاسى بىر تەرەپلىمىلىك بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا مەلۇم مەنىدىن ئالغاندا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى بىر قىسىم مىللىي خاراكتېرىنى يورۇتۇپ بەرگەن. ئۇيغۇرلارنىڭ تۇغما ئەقىللىق، ھۈنەر –كەسىپنى سۆيىدىغان، كەڭ قوساق ۋە مېھماندوست تەرەپلىرى بىلەن بىرلىكتە ، ئاسان قانائەت تاپىدىغان، ھورۇن ۋە ئالغا ئىلگىرلەشنى خالىمايدىغان بەزى پاسسىپ خاراكتېرلىرىمۇ تارىخىي خاتىرىلەردىن ئورۇن ئالغان. 

ئۇيغۇرلار تارىختا دېھقانچىلىققا ئەڭ بالدۇر قەدەم قويغان مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، مەيلى تېرىم مەدەنىيەتىدىن بۇرۇن ياكى كېيىن بولسۇن، ئەڭ بۇرۇن تۇرالغۇ مەدەنيەتىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئۆزىگە خاس شەكىلدە تەرەقققىي قىلدۇرۇپ كەلگەن. 

ئۇيغۇرلار تارىختا چېدىر، گەمە، كەپە، ساتما، ، كېمىر ئۆي قاتارلىق تۇرالغۇ ئۆيلەرنى ياساپ، ئۆز ئېھتىياجلىرىنى قاندۇرۇپ كەلگەنلىكى مەلۇم. 

قەشقەر ئۆيلىرى تىلغا ئېلىنغاندا ئۇستاز ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ مۇنۇ ساتىرىلىرىنى ئەسلەپ ئۆتۈش كۇپايە:« قەشقەر ئىمارەتلىرىدىكى ھەر بىر خىش ئۆتمۈش قىسمەتلىرى قاچىلانغان تۆت چاسا پىلاستىنكا، ئۇنى ئىماندىن پۈتكەن قۇلاق بولمىسا، ھېچكىم ئاڭلاشقا مۇيەسسەر بولالمايدۇ….قەشقەر ئىمارەتلىرىدىكى ھەر بىر خىش بىر يۈرەكتۇركى، بىر-بىرى بىلەن جىپسىلىشىپ زور بىر قەسىرنى بەرپا قىلىشقىنىدا،  تۇتاش ھالدا سوقۇپ تۇرىدۇ….»

 ئۇيغۇر تۇرالغۇلىرى يالغۇر بىناكارلىق سەنئىتى جەھەتتىلا بىزگە مىراس بولۇپ قالماي، بەلكى پۈتۈن بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيەت قاتلىمىنىڭ  جۇغلانمىسى ، پۈتۈن بىر مىللەتنىڭ ئەدەپ-ئەخلاق مىزانلىرى ۋە ئادىمىيلىك پىرىنسىپلىرىنىڭ كۆزنىكىدۇر. بۇ ئۆيلەرنىڭ ئىچىدە ئېتىقاد، غۇرۇر ۋە كىملىك ئەقىدىسى ساقلانغان. مەنىۋىيەت ۋە روھىيەتتىكى بايلىقىمىز جەۋلان قىلىپ تۇرىدۇ. 

 رەسىمدىكى قوش قاناتلىق دەرۋازىلارنى كۆرگىنىمدە «بۆكۈخان رىۋايىتى» دىكى :

«… قاراقۇرۇم تاغلىرىدىن ئېقىپ چىقىدىغان تۇغلا، سېلىنگا دەريالىرىنىڭ قوشۇلىدىغان جايىدا قاملانجۇ دەيدىغان بىر جاي بار ئىكەن. ..كۈنلەرنىڭ بىرىدە، ئۇشتۇمتۇتلا دۆڭدىن بىر ئىشىك ئېچىلىپتۇ.ئۇ ئىشىكتىن قارىسا دۆڭنىڭ ئىچىدە خۇددى ئوتاۋ (كىگىز ئۆي) گە ئوخشاپ كېتىدىغان بەش ئېغىز ئۆينىڭ بارلىقىنى، ھەر بىر ئۆيگە بىردىن كۈمۈش سەگەنچۈكنىڭ ئېسىلغانلىقىنى …كۆرگىلى بولىدىكەن» دەپ تەسۋىرلەنگەن مەنزىرىنى كۆرگەندەك بولدۇم.

ئۇيغۇرلار 11-ئەسىردە يېزىلغان تۈركىي مىللەتلىرىنىڭ قامۇسى سانالغان «تۈركىي تىللار دىۋانى» دىمۇ  ئىشىك ،دەرۋازا ھەققىدە ئىزاھاتلار بېرىلگەن بولۇپ، مەھمۇد كاشىغەرى دەرۋازىنى ھازىرقى تۈرك تىلىدىكى «قاپى» سۆزىدىن پەرقلىق ھالدا «قاپۇغ» دەپ ئاتىغان. ئىشىكنى بولسا «ئەشىك» دەپ ئاتىغان. ئىشىك ۋە بوسۇغا قىلىنىدىغان ياغاچنى «ئەشىكلىك يىغاچ» ، دەرۋازىنىڭ يان ياغاچلىرىنى «قاپۇغ ياڭاقى» دەپ چۈشەندۈرگەن. 

مەھمۇد كاشىغەرى يەنە 11-ئەسىردىكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئۆيلىرىنىڭ ياسىلىشى ،ئۆيلەرنىڭ بۆلەكلىرى، ئورۇنلاشتۇرىلىشى، بېزىلىشى، سەرەمجانلاندۇرىلىشى ھەققىدىمۇ چۈشەنچە بەرگەن .(394:گەنچ:2010)

خىتايلارنىڭ سېپىل ۋە دەرۋازىزىغا بولغان ئىشتىياقى تا ھۇن دەۋرىدىن تارتىپ ، ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈن سەددى چىن سېپىلىنى ياساشتىن باشلانغان بولۇپ، ئۇزۇن تارىخ مابەينىدە ئۆزلىرىنى تۈرك قەۋملىرىنىڭ ھۇجۇمىدىن قوغداش ۋە ئۆز تېرىتورىيىسىنى مۇستەھكەملەش، ئىگىلىۋالغان زېمىنلىرىنىڭ قولدىن چىقىپ كەتمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئىزچىل تۈردە ئۆز شەھەر دەرۋازىلىرىنى چىڭىتىپ ۋە يېڭىدىن قۇرۇپ تۇردى.

 قەشقەر خىتايلار تەرىپىدىن ئىككىگە بۆلۈنۈپ ، خىتايلار ھۆكۈمرانلىقىدىكى رايونغا دەرۋازا بېكىتىلىپ ، يەرلىك شەھەر خەلقىگە بولغان كونتىروللۇقىنى تېخىمۇ چىڭىتىۋاتقان دەۋردە ، شۇ خەنچېڭ دەپ ئاتالغان يېڭى شەھەر دەرۋازىسى بارلىققا كېلىدۇ. 

قەشقەر شەھىرىنىڭ ھەر قايسى تارىخىي دەۋرلەردە تۇتقان ئورنى ۋە نامى ھەرخىل بولۇپلا قالماستىن، بەلكى شەھەرنىڭ كۆلىمى، سېپىل دەرۋازىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ نامىمۇ ھەر خىل بولۇپ كەلدى. قەشقەر شەھىرى بىنا بولغان 1000 نەچچە يىلدىن بۇيان، «كۈيبالىق»، «ئوردا كەنت»، «سۇلى»، «كاشىغەر»، «قەشقەر» دېگەندەك ناملار بىلەن ئاتىلىپ كەلدى. شەھەر «ئىچكىرىدىكى شەھەر»، «تاشقىرىقى شەھەر»، «يۇمىلاق شەھەر»دىن ئىبارەت 3 بۆلەككە بۆلۈنگەنىدى.

مىلادى 893- يىلى چاقماق دەرياسىغا كەلكۈن كېلىپ قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ پايتەختى خانئۆينى ۋەيران قىلىۋەتكەندىن كېيىن، سۇتۇق بۇغراخان ھازىرقى قەشقەر شەھىرىنىڭ ئورنىنى پايتەخت قىلىشقا تاللىغان ۋە بۇلاق بېشى دېگەن جاينىڭ جەنۇبىدىكى دۆڭلۈكتە ئوردا قۇرغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شۇ جاينى مەركەز قىلىپ ئوردىنىڭ ئەتراپىنى چۆرىدەپ 4-5 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا ئايلانما سېپىل سوقتۇرۇپ شەھەر بىنا قىلغان. بۇ شەھەرنىڭ نامىنى ئوردا كەنت دەپ ئاتىغان. ئوردا كەنت دەپ ئاتالغان بۇ شەھەرنىڭ غەرب، شەرق، شىمال، جەنۇب تەرەپلىرىدىن 4 دەرۋازا ئېچىلغان، بۇ دەرۋازىلار ئوردا ئىشىكى، قاراقىر دەرۋازىسى، سۇ دەرۋازىسى ۋە توققۇزئاق دەرۋازىسى دەپ ئاتالغان. دەرۋازا نامى بىلەن ئاتالغان يەر ناملىرىدىن يەنە قۇم دەرۋازا، تۆشۈك دەرۋازا قاتارلىقلار بار.
تارىختا چىڭ سۇلالىسى قەشقەرنى ئالغاندىن كېيىن مەخسۇس قوشۇن تۇرغۇزۇش ئۈچۈن يېڭىدىن بىر شەھەر بىنا قىلىش زۆرۈر بولۇپ قېلىپ سېپىل سوقتۇرۇپ، ھازىرقى يېڭىشەھەرنى بىنا قىلغانلىقى دەلىللەنگەن .بۇ رايوننىڭ ئەسلى ئىسمى قاراقىر بولۇپ ، مۇسۇلمانلار شەھىرى يەنى ھازىرقى قەشقەر شەھىرىنىڭ يەتتە چاقىرىم غەربىگە (خىتاي شەھىرى) سېلىنىدۇ. بۇ شەھەردە ھەربىي، مەمۇرىي ئەمەلدارلار ئولتۇراقلاشتى، سودا رايونلىرى بەرپا قىلىندى. كونا شەھەر بىلەن يېڭىشەھەر ئايرىلغانلىقتىن، ئۇيغۇرلار قەدىمكى قەشقەر شەھىرىگە ئۇدۇل قارىتىپ بىنا قىلىنغان بۇ شەھەرنى ‹يېڭىشەھەر›دەپ ئاتىدى.
دەرۋازىلارنى ئەينى چاغدا ھۆكۈم سۈرگەن ئىستىبدات ھۆكۈمران-ئەمەلدارلارنىڭ ئۆزلىرىنى قوغدىشى ۋە ھۆكۈمرانلىقىنى مۇستەھكەملىشى ئۈچۈن خىزمەت قىلغان. دەرۋازىنىڭ ئېچىلىش-تاقىلىش ۋاقتىنى ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بەلگىلەيتتى. بەلگىلەنگەن ۋاقىتتىن كېيىن قالغان كىشىلەر دەرۋازىدىن كىرەلمەيتتى ياكى چىقالمايتتى، بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلاردىن جەرىمانە ئېلىناتتى ھەتتا ئۇلار دەرۋازا يېنىدىكى قاراڭغۇ ئۆيلەرگە سولاپ قويۇلاتتى. 1953- شىۋېتسىيەلىك مىسسىيونېر جون تۆرنكىۋىست قالدۇرغان كۈندىلىك خاتىرىگە ئاساسەن،شەھەر دەرۋازىلىرى قەشقەر ئەتراپىدىكى18 چوڭ كىچىك بازارلارغا تۇتىشاتتى.ئادەتتتە ھەر پەيشەنبە كۈنى بازار كۈنى بولاتتى. ۋە ئومۇمەن كەچ سائەت 9 دىن كېيىن شەھەر دەرۋازىلىرى تاقىلىپ كېتەتتى.يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى دەرۋازىلارنى ئېلىپ تاشلاپ، سېپىللارنى چېقىشقا باشلىدى، 1960- يىللارغا كەلگەندە قەشقەر شەھىرىنى ئوراپ تۇرغان ئايلانما سېپىل ئاساسەن تۈگىدى، سېپىل ئورنىغا ھەر خىل قۇرۇلۇشلار، زامانىۋى بىنالار سېلىندى. 
جون تۆرنكىۋىست خاتىرىسىدە پۈتۈن قەشقەر شەھىرىنى خۇددى چۈمۈلە ئۇۋىسىغا ئوخشىتىپ تەسۋىرلەيدۇ. سېپىلنىڭ ئىگىزلىكى 10-12 مېتىر ئەتراپىدا،تام تېگىنىڭ قېلىنلىقى 12-18مېتىر ئەتراپىدا بولۇپ، تامنىڭ ئىككىلا تەرىپى ئىككى مېتىر ئىگىزىلىكتىكى رىشاتكىلار بىلەن تورالغان. ئارىسىدا زەمبىرەك توپى پاتقۇدەك جاي بولۇپ، پۈتۈن شەھەرنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈن شۇنداق ئورۇنلاشتۇرالغانىدى.شەھەر دەرۋازىسى پىشخىش ۋە تۆمۈردىن ياسالغانىدى.ھەر بىر دەرۋازا تۆت چاسا شەكىللىك قوش ئىشىكلىك دەرۋازا ئىدى.لېكىن دەرۋازىلار ئۆزارا بىر بىرىگە قارىمايتتى ۋە پاراللېل ھالدا جايلاشمىغانىدى.بۇنداق ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ سەۋەبى ئەمەلىي ۋە يەنە خىتايلار ئارىسىدىكى بەزى ئەقىدە ئېتىقادلارنى كۆزدە تۇتقانلىقتىن ئىدى.ئەمەلىي بولۇشىنىڭ سەۋەبى، ئەگەر ئۇرۇش ۋەزىيىتى شەكىللىنىپ قالغاندا، دەرۋازىلارنىڭ كۆزگە ئاسان چېلىقىشى ئۈچۈن بىر بىرىگە پاراللېل جايلاشتۇرۇلماي، بومباردىماندىن قېچىشقا قولاي بولۇشى ئۈچۈن، كۆزگە چېلىقىدىغان يەرگە _ بۇلۇڭغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانىدى.يەنە بىر سەۋەبى خىتايلار يامان روھتىن قورقىدىغان بولۇپ، ھىچقايسى دەرۋازا بىۋاستە كىرىش ئېغىزىغا تۈز جايلاشمىغان.گۈللۈككە تۇتىشىدىغان دەرۋازىنىڭ ئالدىدا بىر بۇتخانا بار.خىتايلارنىڭ چۈشەنچىسىدە يامان روھلار بۇلۇڭ پۇشقاقلاردا ياشىيالماسمىش، شۇڭا يامان روھلار كەلگەندە دەرۋازا ئارقىلىق ئۇلارنىڭ يولىنى توسايدىكەنمىش. قاتمۇ قات دەرۋازىلارنى قۇرۇپ ، شەھەرنى شۇنداق قورقۇنچ ۋە دەككە دۈككىدە قولىغا ئالغان بولۇپ، شۇندىلا خەنچېڭنى تارىختىكى ياقۇپ بەگ بىلەن بولغان ئۇرۇشقا ئوخشاش ئۇرۇشلاردا مۇستەھكەم قوغداش ئۈچۈن شەھەر دەرۋازىسىنىڭ رولى ئىنتايىن چوڭ دەپ ھېس قىلاتتى. ( تۆرنكىۋىست: 53)

شۇ قاناتلىق دەرۋازىلاردىن ھاسىل بولغان مەھەللىلەر قانچىلىغان بەرنا يىگىت ، ئۇز قىزلارنى قوينىغا ئېلىپ پەپىلەپ يېتىشتۈرگەن بولغىيتتى؟   ئەركىن ئۆسۈپ چوڭ بولغان يۇرتىدا ئەسكەرلەر، ساقچىلار يېغىپ كەتكەن كۆرۈنۈشلەرنى ۋە خەلقىنىڭ بوزەك قىلىنىۋاتقان ھالىتىنى كۆرۈپ، گەرچە سەبىي قەلبىگە داغ چۈشكەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى ئوتنى ئۆچۈرەلمەيتتى، غۇرۇرىنى سۇندۇرالمايتتى. 

 شۇ قاناتلىق دەرۋازىلار ئالدىدا بېشىغا ئاق لېچەك سالغان، پۇتىغا مەسە كىيگەن ئانا ئارزۇ دەريالىرىغا مۇشتاق بولۇپ، يىراق قىرلارغا ماڭغان ئوغلىنى قۇچاغلاپ تۇرۇپ ئۇزىتىپ قويغان. شۇ ئوغۇلمۇ يەنە شۇ دەرۋازا ئالدىدا پوتىسىغا قىسىۋالغان قىزىل گۈلنى شەھلا كۆزلۈك، يىپەك روماللىق مەشۇقىنىڭ چېكىسىگە قىسىپ قويۇشقا نائېل بولۇپ ۋىسال قۇچقان. 

 بۇ مەھەللىدىكى كوچىلاردىن زامانىسىدىن بېرى ھۈنەرۋەن – كاسىپلارنىڭ جار سېلىشلىرى، مۇڭلۇق دۇتار، راۋاپ سادالىرى، ئاشىقلارنىڭ يېقىملىق كۈيلىرى، ئانىلارنىڭ ئىللىق ئەللەي ناخشىلىرى ئۈزۈلۈپ قالمىغان. بۇ كوچىلار ئالەمگە مەشئۇل ئالىم – ئۆلىمالارنى قۇچىقىغا ئالغان، قوڭغىراق جاراڭلاتقان كارۋانلارنى باشقا ئەللەرگە ئۇزۇتۇپ مەدەنىيەت تارقاتقان، قانلىق جەڭلەردە ئاتلارنىڭ دۈپۈرلىگەن سادالىرىنى ئاڭلىغان ۋە غەلىبىلەرگە گۇۋاچى بولغان، ئارماندا كەتكەنلەرنى ئۇزۇتۇپ، يېڭىدىن دۇنياغا كۆز ئاچقانلارنى پەپىلىگەن كوچىلار ئىدى.

سۈبھى دەملىرىدە رەيھان پۇرايدىغان دىل ئارامى ھويلىلار ئەۋلادتىن –ئەۋلادقا ئۇيغۇرلارنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋىي مەدەنىيەتىنى ئۇچراشتۇرىدىغان سەينا بولۇپ كەلمەكتە ۋە نۇرغۇن مەدەنىيەت ئىختىرالىرىنى ھويلا ئارقىلىق گەۋدىلەندۈرۈپ كەلمەكتە.

بۇ سېرىيە رەسىملەرنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك مەۋجۈت بولغان ھويلا چىتلاقلىرىغا نەزەرىم چۈشكەن دەملەردە ، «تۈركىي تىللار دىۋانى» دا بەزى ئۆيلەرنىڭ ئالدىدا ھويلا ياكى كىچىك باغچىلىرى بولىدىغانلىقى، بوشلۇق دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان «ئەل» سۆزىدىن ئېلىنغان «قاپۇغ ئەلى» دېگەن سۆز «ھويلا » دېگەن سۆزنى ئىپادە قىلىدىغانلىقىنى ئەسلەپ ئۆتتۈم. بۇ ھويلىلار ئېھتىمال 11-ئەسىردىمۇ ھازىرقىدەك «چىت» دەپ ئاتالغان ۋە قاشا بىلەن قورشالغان ئىكەن. ( گەنچ: 398) ئۇيغۇرلارنىڭ ھويلا ئاراملىرىغا گۈل-چېچەك ، باراڭ، دەل-دەرەخ بەرپا قىلىش ئادىتى قەدىم تارىختىن بېرى داۋاملىشىپ كەلگەن بولۇپ، قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيەتى ھەققىدە مۇپەسسەل تەتقىقاتلارنى يۈرگۈزگەن ئۇيغۇرشۇناس گابائىن فون خانىم ئۇيغۇر ھويلا –ئاراملىرى ھەققىدە ئۆز خاتىرىلىرىدە قوجۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئۆي-ماكانلىرىنىڭ تولىراق ئىككى قانات ئىشىكلىك، ئىشىكنىڭ تۆپسىدە كىچىك راۋاقنىڭ بولىدىغانلىقى، ھويلىلار يېرىم تام بىلەن قوپۇرىلدىغانلىقىنى،ئۆيلەرنىڭ تاملىرىنىڭ ناھايىتى مۇستەھكەم بولۇپ، 50 سانتىمېتر ئەتراپىدا خىش ئۇل سېلىپ قوپۇرىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. يەنە بۇ خىل ئۆيلەرنىڭ پوللىرىنىڭ گۈللۈك ياغاچتا قىلىنىدىغانلىقى ياكى گىلەم سېلىنىدىغانلىقى ، كىشىلەرنىڭ 30سانتىمېتىر ئىگىزلىكتىكى سۇكا (بۈگۈنكى كۈندىكى سۇپا)  دەپ ئاتىلىدىغان ئۇزۇن ياغاچ ئورۇندۇقتا ئولتۇرىدىغانلىقىنىمۇ خاتىرىلەيدۇ. گابائىن خانىم يەنە«قوجۇ ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ تۇرمۇشى» ناملىق كىتابىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ ھويلىلىرىدا دەل- دەرەخلەر گۈللەرنى ئۆستۈرۈشتىن باشقا يەنە دېھقانچىلىق زىرائەتلىرى ۋە پىياز، سامساق، كەرەپشە قاتارلىق كۆكتاتلارنىمۇ تېرىيدىغانلىقى، چويلىلىرىدا ئات ئېغىللىرىنىڭ بارلىقى ، ئات، تۆگە قاتارلىق ئۆي ھايۋانلىرىنى باقىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.

«3 دەرۋازا» ناملىق رەسىمدە دەرۋازا ئالدىدا تەمبەل بىر كىشىنىڭ ئىت يېتىلەپ تۇرغان ھالىتىنى كۆرىمىز. مەھمۇد كاشىغەرى يەنە 11-ئەسىردىلا ئەجداتلىرىمىزنىڭ ئۆينىڭ مۇھاپىزەت قىلىنىشىغا ئەھمىيەت بەرگەنلىكى ھەققىدە توختىلىپ ، ئەينى ۋاقىتتا ئىشىكلەرنىڭ قۇلۇپلىنىدىغانلىقى ۋە بەزىدە ئوغرى –يالغاندىن ساقلىنىش ئۈچۈن كىلىتلەرنىڭمۇ كار قىلماي ، بەزى ئۆيلەردە ئىتلارنىڭ بېقىلىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان ۋە ئىتى بار ئۆيلەرنى «ئىتلىق ئەۋ» دەپ ئىزاھلىغان. (417: گەنچ:2010)

خىيال قەترەمدىكى 11-ئەسىرلەردىكى قەدىم ماكانىمىزنىڭ بىناكارلىق ئىشلىرىنى ھازىر دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدىغان ياۋروپا ئەللىرى بىلەن سېلىشتۇرساق، شىۋېتسىيەدە تۇنجى چېركاۋ 1100-يىللىرى سېلىنغان بولۇپ، بۇ ئۇلارنىڭ بىناكارلىق تارىخلىرىدا پەخرلىك ھالدا تىلغا ئېلىنىدۇ. ئۇلاردا تېخى 1300-يىلغا كەلگەندە ئاندىن مۇكەممەل شەھەرلەردىن ئۈچى بەرپا قىلىنغان. بىزنىڭ تارىخىمىزنى ۋاراقلايدىغان بولساق، 3000 يىل بۇرۇنلا ھەربىي، ئىجتىمائىي، مەدەنىيەت جەھەتتىكى باشقۇرۇشلىرى مۇكەممەل بولغان يارغول قاتارلىق شەھەرلىرىمىزنى بارماق بىلەن سانىيالايمىز. 1483-يىلى ياۋروپادا گېرمانىيىلىك گۇتېنبېرىينىڭ باسما تېخنىكىسىنىڭ كەشپ قىلىنىشىغا ئەگىشىپ، باسما تېخنىكىسى ئاندىن ياۋروپاغا تارقالغان. ئۇندىن بۇرۇن، ئۇلار تاش ئويما سەنئىتىنى قوللانغان بولۇپ، ئۇ ۋاقتىدىكى ئەسەرلىرى پەقەتلا دىنىي ئابىدىلەردىن ئىبارەت بولۇپ كەلگەن. تارىخىي ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇرلاردىكى تۇنجى باسما ئەسەر مىلادى 868-يىلى بارلىققا كەلگەن بولۇپ، قەغەزنى يۆگەپ تۈپلەش ئۇسۇلىدا باسما كىتاپ قىلىپ ئىشلەنگەن. ئەمدى ئەدەبىيات مىراسلىرىنى سېلىشتۇرىدىغان بولساق ،ئوتتۇرا ئەسىردە ياۋروپادا ئاساسەن مۇھەببەت داستانلىرى، قەھرىمانلىق قامۇسلىرى، دىنىي شېئىرلار ۋۇجۇتقا كەلگەن . بۇنىڭ بىلەن سېلىشتۇرساق ، بۇ دەۋردە بىزنىڭ ئەدەبىياتىمىزنىڭ ئەڭ گۈللەنگەن مەزگىللىرى بولۇپ، دۇنيا مەدەنىيەت خەزىنىسىدىكى ئىككى مۇقەددەس ئەسىرىمىز شۇ دەۋرنىڭ مەھسۇلى بولغان. ”قۇتادغۇبىلىگ” نى ئالىدىغان بولساق، ئۇ مۇھەببەت ياكى قەھرىمانلىق داستانى ئەمەس، بەلكى بىر پۈتۈن ئىجتىمائىي ھايات، دۆلەت قۇرۇلمىسى قاتارلىقلار بىلەن لېرىكىلىق ۋاستىلەر، پەلسەپىلىك تەپەككۈر ئۆزارا بىرىككەن دىداكتىك داستاندۇر.

ئۇيغۇرلار ئەڭ بۇرۇن ئىجتىمائىي ئۇرۇقداشلىق تۈزۈمىگە خاتىمە بېرىپ، تېرىقچىلىق ھاياتىنى باشلىغان مەدەنىيەتلىك خەلقلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. مۇقىم ئولتۇراقلاشقان مەھەللە ئىگىلىكى ئائىلە جەمەتچىلىكى ئارىسىدىكى قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋىتىنىڭ قويۇق بولۇشىنى تەقەززا قىلغان. شۇڭا ئۇيغۇرلار ئارىسىدا قوشنىدارچىلىقنى ئالاھىدە قەدىرلەيدىغان بىر خىل پىسخىك ھالەت يېتىلدۈرگەن. ئۇيغۇرلار قوشنىدارچىلىقنى ئۆزلىرىنىڭ بىر پۈتۈن ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ مەركىزىگە ئايلاندۇرۇپ ، ھەتتا تۇققانچىلىقتىنمۇ بەك مۇھىم بىلىپ ، قوشنىدارچىلىقنى ئەۋلاتمۇ ئەۋلات داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە. «يىراقتىكى تۇققاندىن ، يېقىندىكى قوشناڭ ياخشى»، « قولۇڭ مايلاشسا قوشناڭنىڭ ئۆتۈكىگە سۈرت»، «قوشنام ياخشى مەن ياخشى، تونۇر قىززىق نان ياخشى» دېگەندەك ماقال-تەمسىللەرمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك ھاياتىدا ئەكس ئېتىپ كەلگەن. قوشنىلار ئارا «سېنىڭ مېنىڭ » دېيىشمەيدۇ، تۆشۈك جابدۇقلىرى، ئىشلەپچىقىرىش سايمانلىرى كەم بولۇپ قالسا، ئۆزائارا ئۆتنە بېرىشىدۇ. پەرزەتلەرمۇ بىر ئۆينىڭ بالىلىرىدەك چوڭ بولۇشىدۇ.

بۇ مەھەللىلەردە كىشىلەر ھاياتىدىكى ئەڭ بەختلىك ياكى قايغۇلۇق كۈنلىرىنى قوشنىلار بىلەن بىرگە ئۆتكۈزىدۇ. توي-تۆكۈن، ئۆلۈم –يېتىم ئىشلىرى قوشنىلارسىز بولمايدۇ. 

ئاياللار ئەتكەن تاماقلىرىنى ياكى يېمەكلىكلەرنى تاۋاققا سېلىپ ،ئۈستىدىن چىرايلىق داستىخانلارغا ئوراپ «تاۋاق» ياسىشىدۇ ۋە بۇ «تاۋاق» لار ئۆيدىن ئۆيگە سۇنۇلۇپ، مېھىرلەر يۈرەكتىن يۈرەكلەرگە تارىلىدۇ . ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ تاۋىقى » شۇنچىلىك قۇدرەتلىككى، مۇزلارنى ئېرىتىپ ، كۆڭۈللەرنى خۇشنۇت قىلىدۇ، ئاداۋەتلەرنى يۇيۇپ، دوستلۇقنى چىڭىتىدۇ.  بىرەرسى ساقسىز بولۇپ قالسا قوشنىلار دەرھاللا «تاۋاق» كرگۈزۈپ قوشنىدارچىلىقنى يەتكۈزىشىدۇ، بۇ تاۋاقلار ھەرگىزمۇ قۇرۇق قايتمايتتى. «بار تاۋىقىم يان تاۋىقىم، بارمىساڭ، يانمىساڭ، ئوتتۇرىسىن سۇن تاۋىقىم» دېگەن سۆزلەرمۇ بىكارغا ئېيتىلغان ئەمەس؛ » نورۇز بايرىمىدا «9 خىل زىرائەت» تىن نورۇز ئېشى ئېتىش، 9 تاۋاقتا يېمىش كەلتۈرۈش؛ توي مۇراسىمىنىڭ ئالدى-كەينىدىكى ئادەتلەر، «چوڭ چاي»، «كىچىك چاي»، «مەسلىھەت چاي» «ئىسسىقلىق»، » چىللاق» ؛ ئۆلۈمنىڭ ئالدى –كەينىدىكى ئادەتلەر، نەزىر تاۋىقى قاتارلىق ئۆرپ-ئادەت ۋە مۇراسىملىرىمىزنىڭ ھېچقايسىسى»تاۋاقسىز» بولمايدۇ. 

گۇگۇم ۋاقتىدا ، كىشىلەر ئىشتىن ياكى ئەمگەكتىن قايتىپ، ئۆيلىرىگە كەلگەن ۋاقتىدا، ئۆي-ئۆيلەردىن بالىلار يۈگۈرۈپ چىقىپ » ئوينايدىغان بالا بارمۇ؟» دەپ ناخشىلارنى توۋلىشىپ، ئارقىدىن ئويۇنلىرىنى باشلىشىدۇ ياكى ھېكايە چۆچەكلەرنى ئېيتىشىپ ئۆزلىرىنىڭ دۇنياسىغا غەرق بولىشىدۇ. 

دىققەت بىلەن قارايدىغان بولساق،  ھاشىم قۇربان ئاكىنىڭ تۇرمۇش كارتېنىلىرى ئاساس قىلىنغان ئەسەرلىرىنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك تونۇرنى ئۇچرىتىمىز. ئەلمىساقتىن بېرى ، خەلقىمىز ئىچىدە يىقىلغانغا جان، ئاچقانغا دەرمان، يۈگۈرگەنگە كۈچ –قۇۋۋەت ئاتا قىلىپ كەلگەن نان ، نەسىلدىن نەسىلگە بىزگە ئوزۇق بېرىپلا قالماي، بەلكى يەنە بىزنىڭ روھىيىتىمىزنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، تىنىپ كەتكەن. ئۇيغۇر ئەنئەنىۋىي ئائىلە مەدەنىيىتىنىڭ بىر قىسمى بولغان تونۇر_ ئەجداتلىرىمىزنىڭ ئەقىل- پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى بولۇپ، يېمەك-ئىچمەك مەدەنيەتىدە مىللىي قول ھۈنەرۋەنچىلىك خاسلىقىنى مۇجەسسەملىگەن بىر مىراسىمىزدۇر.

«تۈركىي تىللار دىۋانى» دا يېمەك-ئىچمەككە ئائىت بايانلاردا،101  خىل يېمەكلىكنىڭ نامى تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 39 جۈملىدە نانغا ئائىت ئىزاھلار بېرىلگەن. نان يېقىشتا قوللىنىلىدىغان بەزى ئەسۋاپلار ۋە ناننىڭ چۇقمىن، قاقۇرغان، پوشكال ،كۆمەچ، چۆرەك ، ئاۋزۇرى، توقۇچ ، كۆۋشەك دەپ ئاتالغان تۈرلىرى چۈشەندۈرۈلگەن. (ئەزىزى:81)

تارىم ۋادىسىدىكى كىروران، نىيە خارابىلىرى ۋە تۇرپان، لاپچۇق ، ئىدىقۇت قەدىمىي شەھرى قاتارلىق جايلاردىن كۆپلەپ بۇغداي، ئارپا ، تېرىق ئۇنلىرىدىن قىلىنغان توقاچ نانلار تېپىلغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ قەدىمكى بۇغداي ئەۋرىشكىسى كۆنجى دەرياسى بويىدىكى قەۋرىستانلىقتىن تېپىلغان بولۇپ، يىل دەۋرى 4000 يىللار ئىلگىرىكى دەۋرلەرگە توغرا كېلىدۇ.(80: ئەزىزى)

ئۇيغۇرلار ياشىغان ھەرقانداق بىر يۇرتتا تونۇرنىڭ سىماسىنى ۋە بىز ئۈچۈن ئۇلۇغ بولغان ناننى تاپقىلى بولىدۇ. تونۇر ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىدا يالغۇر نان ، گۆش قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى پىشۇرۇش قورالى بولۇپلا قالماي بەلكى ئۇنىڭغا يەنە  قەدىمدىن بۇيان خەلقىمىزنىڭ ئېتىقاد-ئەقىدىسى، ئۇدۇم ئادەتلىرى سىڭدۈرۈلگەن . نان مۇقەددەسلىكنىڭ ، پاكلىقنىڭ سىمۋولى بولۇپ كەلگەن. خەلقىمىز ئىچىدىكى» يامان بولىدۇ» لارنىڭ ئىچىدە ناننى ئۇلۇغلاش مەقسىدىدە ناننىڭ ئۇۋاقلىرىغا دەسسىسە كۆزى كور بولۇپ قالىدۇ، تونۇرنىڭ يېنىدا تەرەت قىلىشقا بولمايدۇ ؛ تونۇردا كۆيۈپ كەتكەن ناننى ئۆيلەنمىگەن يىگىتلەر يېسە كور قىزغا ئۆيلىنىپ قالىدۇ دەيدىغان قاراشلار بار. ئىنسان ھاياتىدىكى ئەڭ ئۇنتۇلغۇسىز مىنۇتلار-نىكاھ مۇراسىمىدا،  ھالال جۈپلەرنىڭ ساداقىتى، سەمىمىيلىكى ۋە ۋىسال تېپىشىنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە قىز- يىگىتكە تۇزغا چىلانغان نان يىگۈزىدىغان ؛ بىرى سەپەرگە چىقسا، نان يوللۇق قىلىدىغان ، سەپەردە يېنىدىن ناننى ئايرىمايدىغان ئادەتلەر بار. ناننى يەنە ئىنسانلار بىر-بىرىگە بولغان ۋەدىسىگە گۇۋاھچى قىلىپ قەسەم ئىچىشنى «نان دەسسەپ بېرىش » دەپ ئاتايدىغان ئۇقۇممۇ بار. يەنە ۋەدىسىدە تۇرمايدىغان، «ۋاپاغا جاپا » قىلىدىغان كىشىلەرنى «نانكورلۇق قىلدى» دەپ ئاتايدىغان ئادەتمۇ بار. تونۇر ۋە نان ھەققىدىكى ماقال- تەمسىللەرمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىدىكى ھەر بىر ئۇششاق دېتاللارغىچە سىڭىپ كەتكەن:

ناننى تونۇر بېشىدا كۆرمەڭ، جۇۋاننى مەشرەپتە.

ناننى ئوخشاتقان تونۇرى، ئاشنى ئوخشاتقان ھۈنىرى.

ئاچنىڭ كۆزى ئەكمەكتە، توقنىڭ كۆزى ھېكمەتتە.

بىكار گەپتىن ئۇيقۇ ياخشى، ئارپا ناندىن زاغرا ياخشى.

ساما ناغرا بىلەن، قېتىق زاغرا بىلەن.

مالسىز ئەر بولماس، نانسىز ئۆي بولماس.

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە «نان تېپىپ يېمەك»، «نېنىنى تارتقۇزۇپ قويماق»، «نان بەرگەن قولنى چىشلىمەك» قاتارلىق ئىدىيوملارمۇ ئۇچرايدۇ.

رەسسامنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ قايناق ھاياتى، تىرىكچىلىك ئۇسۇللىرىنىڭ جانلىق كارتېنىسى بولغان ئەسەرلىرىدىنمۇ ھۇزۇر ئالغان بولدۇق. نۆۋەتتىكى مىللىىتمىزنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان پاجىئەلەر ۋە ئۆز تىلىمىز ، دىنىمىز ۋە كىملىكىمىزنىڭ قىرغىنچىلىققا ئۇچراش خەۋپى ئالدىدا، ئاشۇ مېھىرلىك ھويلىلىرىمىزدا ئەۋلادتىن –ئەۋلادقا مىراس بولۇپ كەلگەن ئۆرپ-ئادەتلىىرىمىزنى، قائىدە يوسۇن، ئۇدۇملىرىمىزنى  داۋاملاشتۇرۇش، ياش ئەۋلادلىرىمىزنىڭ مەنىۋىيىتىنى ئۇيغۇر روھى بىلەن قوراللاندۇرۇش ۋە ئۇلارنىڭ ئەخلاقىي مىزانلىىرىمىز ، ئىنساپ- دىنيانەت قاراشلىرىمىزنى ئۆگىنىشى ئۇيغۇرلارنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىق ئېتنىك تەركىبىنى تېخىمۇ يورۇتۇپ، ئۇلارنىڭ ئۇيۇشۇشچانلىقى ۋە جەڭگىۋارلىقىنى ئاشۇرۇشتا مۇئەييەن رول ئوينايدۇ دەپ قارايمەن. 

پايدىلانغان مەنبەلەر:

  1. ئوسمان مۇھەممىدى قارا قۇتلۇق،« قەشقەرنىڭ ئەنئەنىۋىي بىناكارچىلىقى» ، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى، 2015-يىل 1-سان
  2. ئابدۇكېرىم راھمان، «قەشقەر بىناكارلىق مەدەنىيىتى»، 2012
  3. <<På obanade Stigar-25år i Öst-Turkestan>>,1917
  4. رېشات گنچ، «تۈركىي تىللار دىۋانى»  دىن 11-ئەسىردىكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئىجتىمائىي مەدەنىيىتىگە نەزەر ، 2010، بېيجىڭ
  5. John Törnquist,<< Kashgar>>, 1925
  6. مۇرات ئەزىزى، «تۈركىي تىللار دىۋانى» دىكى نان مەدەنىيىتىمىزگە ئائىت بايانلار ھەققىد مۇلاھىزە، « شىمجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى»، 2006 –يىل 1-سان

 

مەزكۇر ماقالە «ئۇيغۇرلار» ژۇرنىلىنىڭ 2020-يىللىق 8-سانىدىن ئېلىندى.

 

 

 

جاۋاب يېزىش