ئاقىللار كېڭىشى

(ڧېلياتون)
دىلدار ئەزىز

– ئەپەندىلەر،» تۇخۇمنى قانداق يىيىش» توغۇرسىدىكى ئىلمىي مۇھاكىمە يېغىنىمىز ھازىر باشلاندى. دىدى يېغىن رەيىسى گېلىنى قىرىپ تۇرۇپ،- قېنىي ئالىم ئەپەندىلەر،كەڭ كۇشادا پىكىر بايان قىلىشايلى.
– توختاڭلا، توختاپ تۇرۇڭلا تەتقىقاتچى ئەپەندىلەر،- دىدى ئىشىككە ئۇرۇلغىنىچە ئالدىراش تالادىن كىرىۋاتقان باقايوف. ئاندىن ئۇ قولتۇقىغا قىستۇرىۋالغان سومكىسىنى شىرە ئۈستىگە قويدى-دە،تۇش يانچۇقىدىن تومۇر تاغىقىنى چىقىرىپ تاقىر بېشىدىكى خۇددى شورلاڭدا يىگىلەپ قالغان كۆچەتتەك نەچچە تاللا چېچىنى بىخارامان تاراپ چىققاندىن كىيىن ئالدىرىماي سۆزلەشكە باشلىدى. – ئەڭ يىڭى بازار ئۇچۇر مەلۇماتىدىن خەۋەر تېپىشىمىزچە، بۇ يىل بىزدە تۇخۇمدىن مول ھوسۇل ئېلىنىپتۇ. نەچچە يۇزمىليون توننا تۇخۇم ئىستىمالچىلارنىڭ ئىشتىيىنى ساقلاپ تۇرىۋېتىپتۇ. شۇنىڭ ئۇچۇن بىز بۇگۇن تۇخۇمنى قانداق يىيىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىشتىن بۇرۇن، تۇخۇمنىڭ زادى قانداق نەرسە ئىكەنلىگىنى كەڭ ئىستىمالچىلارغا بىلدۇرمىسەك بولمايدۇ. شۇ قاتاردا ئۆزىمىزنىڭمۇ بۇ ھەقتىكى كۆز قاراشلىرىمىزنى بىرلىككە كەلتۇرىۋېلىشىمىز كىرەك. چۇنكى بىز خەلقىمىزنىڭ نىمىنى قانداق ئىستىمال قىلىشىغا يىتەكچىلىك قىلىدىغان موھىم ئورگان.
-شۇنداق، – دىدى قېرىلىق يىتىپ،يۇزلىرى خۇددى شاپتۇل قېقىدەك قورۇلۇپ كەتكەن،ئىڭەكلىرى ۋە گەدەن گوشلىرى قاتلاشقان يېغىن رەئىسىي قېلىن ، گۆشلۈك كالپۇگىنى ئۆمەللەپ تۇرۇپ، – باقىيوف توغرى ئەيتىدۇ. ئەمىسە ئالدى بىلەن بىز شۇنى مۇھاكىمە قىلايلى. – ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا تازا كىرىلىپ بىرنى ئەسنىۋەتكەندىن كىيىن ئەتىراپىدىكىلەرگە قاراپ قويدى.
– تۇخۇم ئەسلىدە،- دەپ سۆزىنى باشلىدى يۇقۇرى گەرادۇسلۇق كۆز ئەينەك تاقاپ، قويۇق . پاقىراق ئاق چاچلىرىنى ئارقىسىغا چىرايلىق ياتقۇزۇپ تارىۋالغان ئالىم سۇپەت كىشى،-بىر تەرىپىي ئۇچلۇقراق، يەنەبىر تەرىپى ياپىلاقراق كەلگەن،سوقا تاشقىمۇ ئوخشاپراق كىتىدىغان نەرسە، – ئۇ سۆزلەۋېتىپ چەتئەل رەسساملىرى سىزغان تۇخۇمنىڭ رەسىمىنى ئىگىز كۆتۇرۇپ كۆپچۈلۈككە كۆرسەتتى-دە،شىرە ئۈستىگە ئالدىن تاييارلىۋالغان قېلىن بىر كىتاپنى ۋاراقلاپ تۇرۇپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى.- ئەجدادلىرىمىزنىڭ تارىخىي كىتاپلارغا پۇتۇپ قويغىنىغا ئاساسلانغاندا، تۇخۇم بىزنىڭ بۇ يۇرتتىن ئەڭ كۆپ چىقىدىكەن.- ئۇ چەتئەللىك سىزغان ھېلىقى رەسىمنى يەنە بىر قتىم ئىگىز كۆتەردى.- ئۇلار بۇنداق تۇخۇملارنى پاينەكتىن ئۇرۇپ چېقىپ يىگەن ئىكەن…..
-ياق، ئۇنداق ئەمەس،-دەپ ۋاقىرىدى كۆزلىرى يوغان كەلگەن،شاپ بۇرۇتلۇق، شىلەپە كىيىۋالغان بىر كىشى بايىقى ئالىم سۇپەت كىشىنىڭ سۆزىنى بۆلىۋەتكەن ھالدا،- تۇخۇم ھېچقاچان سوقا تاشقا ئوخشىغان ئەمەس،تۇخۇمنى پاينەكتىن چېقىپ يىگەنلىگى سىلەرنىڭ ئەجداتلىرىڭلارنىڭ دۆتلىگىدىن بولغاندۇ بەلكىم. – ئۇ سۆزلەۋېتىپ ئاغىزىنىڭ ئەتىراپىدىكى تۇكۇرۇك مەغزاپلىرىنى كەستۇمىنىڭ يىڭى بىلەن سۇرتىۋەتتى-دە،سۆزىنى داۋاملاشتۇردى.-تۇخۇم ئەزەلدىن يۇمۇلاق بولۇپ كەلگەن،بىزنىڭ يۇرتتا ئۇنى ئۇچ تەرەپتىن چېقىپ يەيدۇ.-ئۇ سۆزلەۋېتىپ قولىدىكى تاماكا قالدۇقىنى قىزىل سىرلانغان پۇلغا تاشلىدى-دە، ئارقىدىن ئاچچىق بىلەن كۇچەپ دەسسىدى.
-بۇمۇ توغرى ئەمەس، -دەپ ۋاقىراپ كەتتى كۆك كۆز،ئاق سېرىق،ئورۇق، قاڭشارلىق كەلگەن 50 ياشلار چامىسىدىكى بىر كىشى ھاياجانلانغان ھالدا،مەن تۇغۇلۇپ مۇشۇ ياشقا كىرگۇچە تۇخۇمنى پاينەكتىن ياكى ئۇچ تەرەپتىن چېقىپ يىگىنىنى كورمىگەنمەن.ئاتا بوۋىلىرىمىزنىڭ دەۋىرىدە تۇخۇم نەشپۇتقا ئوخشايىتتى.رەھمەتلىك چوڭ دادام تۇخۇمنى ئۇنىڭ ئوتتۇرسىدىن چېقىپ يەيىتتى.- ئۇ ھاياجانلانغىنىدىن ئىسەدىگىنىچە سۆزىنى داۋاملاشتۇرالماي قالدى-دە، پاكىز يۇيۇلۇپ چىرايلىق قاتلانغان قول ياغلىقى بىلەن كوز يازلىرىنى ۋە بۇرۇنلىرىنى سۇرتىۋېلىپ، بوغۇق ئاۋازدا سۆزىنى داۋاملاشتۇردى:- مىنىڭچە، مىنىڭچە بىزمۇ تۇخۇمنى شۇلارغا ئوخشاش ئوتتۇرسىدىن چېقىپ يىيىشىمىز كىرەك.
يېغىن ئەھلى بۇ ھېسياتچان ئالىم كىشىنىڭ كۆز ياشلىرىدىن تەسىرلەندىمۇ، بىر پەس جىم بولۇپ قېلىشتى.
-خانىملار، ئەپەندىلەر،- دەپ سۆز باشلىدى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قايتىدىن ئۆزىگە مەرگەزلەشتۇرمەكچى بولغان باقىيوف.-ئادەمنىڭ بالىلىق چاغلىرىدا كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانىرى كىشىنىڭ ئېسىدىن زادىلا چىقمايدىكەن، ئېسىمدە قېلىشىچە، مەن كىچىگىمدە مەھەللىمىزدىكى داۋۇت توخۇچىدىن توخۇنىڭ تۇخۇمنى قانداق تۇغىدىغانلىقىنى ئۆز قولۇقۇم بىلەن ئاڭلىغانمەن.ئۇ ھەتتا خورازنىڭمۇ تۇخۇم تۇققىنىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۇپتىكەن، دەڭلا. خوراز تۇغۇت ئازاۋىدا بەك قىيلىنىپ كىتىپ،ھاتتاكىي كۇپكۇندۇزدە چىللاپ تاشلىغانمىش، ئاخىرى ئۇ ئېرىقتىكى ئېقىۋاتقان سۇغا تۇغىۋېتىپتۇ…
-ھا-ھا-اھا……
ھىي- ھىي- ھىي…….
قىھ-قىھ -قىھ……….
-كۆپچۈلۇك دىققەت، كۆپچۈلۈك دىققەت!-باقىيوف ۋاقىراپ يۇرۇپ كۆپچۈلۈكنى كۆلكىدىن توختاتتى.- ھېلىقىي خوراز قانداق تۇخۇم تۇغۇپتۇ، دىمەمسىلە،ئۇ كىچىككىنە، شاكىلى يوق يۇمشاق تۇخۇمدىن بىرنى تۇغۇۋېتىپتۇ. ۋاھ ھېلىقى تۇخۇمنىڭ ئوماقلىغىنى…..
– كىينچۇ؟كىيىن قانداق بوپتۇ؟- سورىدى ئۇيقۇسىرىغان كۆزلىرىنى ئۇۋۇلىۋېتىپ يېغىن رەيىسى. ئۇنىڭ تۇخۇمدىنمۇ، قىزغىن دەتالاشقا چۇشكەن بۇ ئالىملاردىنمۇ ئاللا قاچان رايى قايىتقان ئىدى.
-قانداق بولاتتى،شۇ چاغدىكى ئالىملار ھېلىقى تۇخۇمنى قانداق يىيىشنى ۋە ئۇنىڭ شاكىلىنىڭ قانداق بولىشى كىرەكلىگىنى ۋاختىدا مۇھاكىمە قىلىپ، ئاقىلانە يەكۇن چىقارمىغانلىقى ئۈچۈن،رەھمەتلىك تۇخۇم تاكى چىرىپ تۈگىگىچە، داۋۇت توخۇچى ئۇنى تەكچە ئۈستىدە قويۇپ ساقلاپتۇ.- ئۇ سۆزلەۋېتىپ قول ياغلىقى بىلەن بۇرنىنى كۈچەپ سۈرتتى. ئۇنىڭ بۇرنىدىن چىققان يېقىمسىز ئاۋاز ئەتىراپتىكىلەرنى ئىختىيارسىز سەسكەندۇرىۋەتتى.
– ئەپەندىلەر، – دىدى يېغىن رەئىيسى باشقىدىن روھلىنىپ،- باقايوف ئەپەندىنىڭ سۆزى بىزگە شۇنداق بىر ھەقىقەتنى چۇشەندۇرىدۇكى،تۇخۇمنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى ۋە ئۇنى قانداق يىيىش توغىرسىدىكى تەتقىقات ناھايتى موھىم. بۇ بىزنىڭ…. ياق، ياق، تۇخۇمنىڭ كەلگۇسى ئىستىقبالىنى بەلگۇلەيدۇ. كەلگۈسىدە بىزنىڭ پەن تىخنىكىمىز تەرەققىي قىلىپ،ھەممە خورازلار تۇخۇم تۇغىدىغان بولىدۇ،ئاڭلىسام فىرمىلاردا مىكيانلار خورازسىز تۇخۇم تۇغىۋېتىپتۇ. دىمەكچىمەنكى، خوراز بولمىسىمۇ مىكيانلار تۇخۇم تۇغىۋېرىدىكەن،ئەگەر خورازلارنىڭ ھەممىسى باقىيوف كورگەندەك تۇخۇم تۇغىدىغان بولۇپ يىتىشتۈرۈلمىسە، ئۇ چاغدا خورازلارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىشىنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى قالمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن خورازلارنىمۇ تۇخۇم تۇغىدىغان قىلىپ تەربىيەلەپ چىقىش كىرەك.
– تامامەن توغرا،-دەپ ئاغىزىنى چاكىلداتتى ھېلىقى بۇرۇتلۇق چوقۇر ئادەم،- خورازلار تۇخۇم تۇغىدىغان بولغان چاغدا،مىكيانلار يەنە ھازىرقىدەك ھەر قىتىم بىر تال تۇخۇم تۇققىنى ئۈچۈن سائەتلەپ قاقىلدايغان بولسا، ئۇ چاغدا بىز بارلىق مىكيانلارنى پىشۇرۇپ يەۋېتىمىز. ئۇنداق قىلمىساق مىكيانلار ھەددىدىن ئېشىپ، بىر خورازنىڭ ئارقىسىغا بىر نەچچە مىكيان كىرىۋالىدۇ-دە، بىزنىڭ خورازلىرىمىزنىڭ خاتىرجەم تۇخۇم تۇغۇشىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ.
– تامامەن توغرا،_ئورنىدىن چاچراپ تۇرۇپ كەتتى ھېلىقى ئاق سېرىك، قاڭشارلىق كەلگەن ئالىم سۇپەت كىشى،- دىمىسىمۇ مىكيانلارنى قاتتىق باشقۇرماي بولمايدۇ.
– يولداشلار، يولداشلار!- ئېغىزىدىن شالىلىرىنى چاچرىتىپ تۇرۇپ ۋاقىراپ كەتتى باقىيوف، خۇددى ئالتۇن تېپىۋالغاندەك خوش بولۇپ كىتىپ. _ تۇخۇم توغۇرسىدا مۇھاكىمە ئېلىپ بارغاندا، ئىنتايىن موھىم ھەم خەتەرلىك بىر نۇقتىنى ئېسىمىزدىن چىقارماسلىقىمىز كىرەك. مەسىلەن بىر يىلى مىنىڭ بىر خوشنام تۇخۇم يىگەنلىگى ئۈچۈن ئۇنىڭ سېرىق كىسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالغانلىقىنى ئاڭلىغان ئىدىم. ئۇ قانداق تۇخۇمدىن يەپتىكەن، دىمەمسىلە؟ئىچىدە يوغان سېرىقى بار تۇخۇمدىن يىگەن ئىكەن،رەھمەتلىك خوشنام شۇ چاغدا پۇتۇن ئائىلىسىدىكىلەرگە، ئىچىدە سېرىقى بار تۇخۇمنى ھەرگىز يىمەسلىك ھەققىدە ۋەسىيەت قالدۇرغان ئىكەن.
– بىراق ھەممە تۇخۇمنىڭ ئىچىدە سېرىقى بار تۇرسا؟- دىدى بۇنىڭدىن كىيىن تۇخۇم يىيەلمەي قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، ھېلىقى شاپ بۇرۇتلۇق چوقۇر كىشى.
– ھازىرقى مەسىلە دەل تۇخۇمنىڭ ئىچىدىكى شۇ سېرىقىدا. بىز تۇخۇمنىڭ دەل شۇ كىسەللىك تارقىتىدىغان سېرىقلىرىنى ئېلىۋېتىپ يىيىشنى تەشەببۇس قىلىشىمىز كىرەك.- دىدى باقىيوف كەسكىن ھالدا خۇلاسە چىقىرىپ.
_ ياق، ئۇنداق قىلساق بولمايدۇ، دىدى ھېلىقى ئاق سېرىق كەلگەن ئالىم سۇپەت كىشى.- دادام رەمەتلىك ماڭا ›ئوغلۇم، سىز تۇخۇم يىگەندە، چوقۇم ئالدى بىلەن تۇخۇمنىڭ سېرىقىنى يەڭ» دەپ تەلىم بەرگەن.ئەگەر تۇخۇمنىڭ سېرىقىنى ئېلىۋەتسەك مەن نىمە يەيمەن ؟
– .ئېقىنى يەيسىز ئەپەندىم،- دىدى باقىيوف خاتىرجەم ھالدا.- تۇخۇمنىڭ ئېقىنى تازا پىشۇرسىڭىز چەمدەك مەزمۇت بولىدۇ. ئۇنى يىسىڭىز قورسىقىڭىز ئالدىراپ ئاچمايدۇ. مەلۇمەتلەرغا ئاساسلانغاندا، راسا پىشۇرۇلغان تۇخۇمنىڭ ئېقىنى يەرگە كۆمگەندە، ئۇنى ئۈچ يىل شۇ پېتى ساقلىغىلى بولارمىش.
– مەن ئۇ ئاقلارنى ئاشقازىنىمدا ئۈچ يىل ساقلاپ نىمە قىلىمەن؟ رەھمەتلىك دادام ماڭا ھېچقاچان ئۇنداق دىمىگەن تۇرسا.
– ئەمىسە، – دەپ كۆزىنىڭ چاپىقىنى ئۇۋۇلىدى يېغىن رەئىيسى،- تۇخۇمنى سېرىقى بىلەن قوشۇپ
يىيىشكە بولىدىغان، بولمايدىغانلىقى توغۇرسىدا مۇھاكىمە قىلىشايلى.
– تۇخۇم ئەسلىدە،- دەپ سۆزىنى باشلىدى يۇقۇرى گرادۇسكۇق كۆزئەينەك تاقىۋالغان،قويۇق ئاق چاچلىرىنى ئارقىسىغا ياتقۇزۇپ تارىۋالغان ھېلىقى ئالىم سۇپەت كىشى.- شاكىلى، ئېقى ۋە سېرىقىدىن ئىبارەت ئۈچ خىل تەركىپتىن ھاسىل بولغان مەۋجۇدىيەتتۇر. ئۇنىڭ شاكىلى قاتتىق بولۇپ، تۇخۇمنى ساقلاش رولىنى ئوينايدۇ،ئېقى مول ئاقسىل ماددىسىغا ئىگە. سېرىقىدا كۆپلىگەن ۋىتامىن «س» ماددىلىرى بولۇپ، قان كۆپەيتىش رولىنى ئوينايدۇ.
-توختاپ تۇرۇڭ ئەپەندىم،- دىدى باقىيوف گېلىنى قىرغان ھالدا.- بىزنىڭ تەتقىقات سۇرىتىمىز بەك تىز ئىلگىرلەپ كەتتىمۇ – قانداق؟ بىز تېخى تۇخۇمنىڭ شەكلىنىڭ زادى قانداق بولىدىغانلىقى،ئۇنى قايسى تەرەپتىن چېقىپ يىيىش كىرەكلىگە ھەققىدە تېخى تۇزۈكرەك بىر قارارغا كېلىۋالماي تۇرۇپ، بىر سەكرەپلا تۇخۇمنۇڭ ئېقى ۋە سېرىقىغا ئۆتۇپ كەتسەك،ئۇ چاغدا قاندق بولىدۇ؟ بىزنىڭ تۇخۇم توغۇرسىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان تەتقىقادىمىز ئۇنداق تىز سۇر’ئەت بىلەن چىقىشالمايدۇ. بىز مەسىلىنى بىردىن- بىردىن تەتقىق قىلىشىمىز كىرەك.
– باقىيوف توغرى ئەيتىدۇ. ئەمىسە، ھە … بىز شۇنداق قىلايلى.- دىدى يېغىن رەئىيسى يەنە بىر قىتىم ئەسنىۋالغاندىن كىيىن يوغان،قېلىن لەۋلىرىنى ئېرىنچەكلىك بىلەن مىدىرلىتىپ تۇرۇپ.
– مىنىڭچە تۇخۇمنى يەنىلا يۇمۇلاق، دىگەن تۇزۇك،- دىدى ھېلىقى شاپ بۇرۇتلۇق چوقۇر كىشى قايتىدىن روھلۇنۇپ،- چۇنكى مەن تا بۇگۇنكى كۇنگىچە يۇمۇلاق، ئاپپاق تۇخۇمنىلا كۆرۇپ كېلىۋاتىمەن،شۇنداق تۇرۇغلۇق بىز نىمە ئۇچۇن تۇخۇمنى» يۇمۇلاچ شەكىلدىكى ئاق نەرسە» دىمەيدىكەنمىز؟
– ئەپەندىم، سىز قاراپ تۇرۇپ يالغان سۆزلەۋاتىسىز،- دىدى ھېلىقى ئاچ سېرىق، قاڭشارلىق كەلگەن ئالىم ھاياجىنىنى باسالمىغان ھالدا.- تۇخۇم قانداقمۇ ئاق ھەم يۇمۇلاق كېلىدۇ؟ تۇخۇم دىگەن ئامۇتقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ رەڭگى قىزغۇچ كېلىدۇ.
– يالغان سۆزلەۋاتقىنى ئۆزىڭىز، دىدى بۇرۇتلۇق چوقۇر تەتقىقاتچىمۇ بوش كەلمەي،- مەن ئۆمرۇمدا ھېچقاچان ئامۇتقا ئوخشايدىغان قىزىپ رەڭلىك تۇخۇملارنى كۆرگەن ئەمەس.
– يالغانچى!
– كاززاپ!
مەجلىس ئەھلى بىردىنلا «قارشى تۇرغۇچىلا»ر ۋە «قوللىغۇچىلار» بولۇپ ئىككىگە بولۈندى. مەجلىسخانىدا دەسلىۋىدە قەلەم كىتاپلار، ئۇنىڭدىن كىيىن ئاياغ ، كالاچلار ئۇياقتىن بۇ ياققا ئۇچۇشۇشقا باشلىدى. يېغىن ئىنتىزامىي ئاللا بۇرۇن بۇزۇلغان ئىدى.
مەن بۇ تەتقىقەت يېغىنىغا قاتنىشىۋاتقانلار ئىچىدىكى ئەڭ كىچىگى بولغاچقا، مۇشۇ چاققىچە «ئەدەپ» ساقلاپ جىم ئولتۇرغان ئىدىم. مانا ئەمدى تاقىتىم چېكىگە يەتتىمۇ قانداق، «ئەدەپ»نىمۇ بىر ياققا قايرىپ قويۇپ سۆزلەپ تاشلىدىم:
– ئۇستازلار، ئەپەندىلەر، ئۆزەڭلەرنى سەل پەل بېسىۋالساڭلار،- دىدىم مەن يۈرىگىمنى قاپتەك قىلىپ تۇرۇپ،- مىنىڭچە سىلەرنىڭ يۇقۇرقى دەتالىشىشىڭلار ئانچە ئەھمىيەتلىك بولمىدى. تۇخۇمنىڭ سەكلىنىڭ قانداق بولىشى موھىم بولمىغاندەك، ئۇنى قايسى تەرەپتىن چېقىپ يىيىشمۇ ھېچقانداق موھىم مەسىلە ئەمەس. چۇنكى تۇخۇمنى بىز قايسى تەرەپتىن چېقىپ يىميەلى، ئۇ بەرىبىر بىزگە پايدا قىلىۋېرىدۇ. موھىمىي ئەنە شۇ نەچچەيۇز مىللىىيون توننا تۇخۇمنى…..
مىنىڭ سۆزۇم تېخى تۈگۈمەي تۇرۇپلا، ئالدى بىلەن يېغىن رەئىيسىنىڭ، ئۇنىڭدىن كىين باشقا ئالىملارنىڭ غەزەپلىك ئالىيىشلىرى ماڭا مەرگەزلەشتى. قاياقتىندۇر ئۇچۇپ كەلگەن يوغان بىر قاتتىق مۇقاۋىلىق كىتاپ ئۇدۇل كېلىپ بېشىمغا تەگدى. مەن سۆزۇمنى دىيەلمەي دۇدۇقلاپ قالدىم.
– مەن…مەن دىمەكچىمەنكى، ئاشۇ تۇخۇملارنى….
– ئۇ ئالجىپتۇ،- دىدى ھېلىقى شاپ بۇرۇتلۇق چوقۇر يۇزلۇك كىشى.
– بۇ دانالار كېڭىشىگە قانداقسىگە بۇ نىرۋىسىدىن ئايرىلغان ئەبلەخنى تەكلىپ قىلغاندىمىز-ھە!- دىدى ھېلىقى ئاق سېرىق، كۆك كۆزلۈك كەلگەن تەتقىقاتچى پىشانىسىدىكى تەرلىرىنى سۇرتۇپ تۇرۇپ.
– توغرى دەيسىز. ھەيدەڭلار بۇنى، يېغىنىمىز ساراڭلارنىڭ قالايمىقان جۆيلۈشلىرىگە يول قويماسلىقى كىرەك.- دىدى ئۇنىڭ سۆزىنى قوللاپ ھېلىقى شاپ بۇرۇتلۇق چوقۇر كىشى. مانا ئەمدى دىققەت ماڭا مەرگەزلەشكەندە،ئۇلار سەل بۇرۇن بۇ يەردە بولۇپ ئۆتكەن ئۆز- ئارا كەسكىن قارشىلىشىشنى ئۇنتۇشقاندەك ئىدى.
مەن بېشىمنى كۆتۇرۇپ بۇ يەردە ئولتۇرغانلارغا قارىدىم-دە، ھەيران قالدىم. توۋا، مەندىن باشقا يېغىن ئەھلىنىڭ ھەممىسى نىمىشقىدۇر كۆزلىرىگە يۇقۇرى گرادۇسلۇق رەڭلىك كۆز ئەينەك تاقىشىۋالغان ئىكەنغۇ! مەن بۇ كۆزلەرنىڭ ئىچىگە سەپ- سېلىپ قارىدىم،ئەشۇ ئەينەكنىڭ ئىچىدىكى بىلىقنىڭ كۆزىدەك پولتىيىپ چىققان دۇگلەك كۆزلەر شۇنچە خامۇش، شۇنچە نۇرسىز ئىدىكى، ئۇلارنى «كۆز» دىگەندىن كۆرە » ئەينەك پارچىسى»، دىگەن تۇۇكرەك، ئىدى.
شۇ ئارىدا يېغىن رەئىيسىنىڭ كەسكىن ئاۋازى ئاڭلاندى:
– ئەپەندىم، كۆرۈپ تۇرۇپسىز،يېغىنىمىز نىرۋىسى بۇزۇلغانلار بىلەن ھەمسۆھبەتتە بولالمايدۇ. سىز ئىززىتىڭىز بىلەن بۇ جايدىن ئاستا كىتىۋېلىڭ – دە،نىرۋا كىسەلىكلەر دوختۇرخانىسىغا بېرىڭ.- قارىسام يېغىن رەئىيسى ماڭا پەس ئاۋازدا گەپ قىلىۋاتاتتى.
– ئەسلىدە،..ئەسلى مەن… سىلە…- مەن ھودۇقۇش ئىچىدە گېپىمنى دەپ بولغۇچە دۈمبەمدىن ئىشتىرىلگنىمچە يېغىن مەيدانىدىن قوغلاپ چىقىرىلدىم.
زامانىمىزنىڭ ئالىملىرى ماڭا «نىرۋا كىسەل» دىگەن «شەرەپلىك نام»نى تەقدىم قىلغان ئىكەن، مەن ئەلۋەتتە دوختۇرخانىغا بېرىپ ئۆزۈمنى تەكشۈرتىشىم كىرەك ئىدى. ئەگەر مەندە راستىنلا كىسەللىك ئالامەتلىرى بولمىغان بولسا، بۇ ئالىملىرىمىز ھەرگىزمۇ مىنى يېغىن مەيدانىدىن قوغلاپ چىقارمىغان بولاتتى- دە! مەن شۇ تاپتا ئۆز ئۆزۇمدىن گۇمانلىنىۋاتاتتىم.
مەن دوختۇرخانىغا كەلدىم. توۋا، بۇنى قانداقمۇ دوختۇرخانا دىگىلى بولسۇن؟! بۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك تىللىرىنى ئۇزۇن چىقىرىپ،كۆزلىرىنى پولتايتىشىپ، پەقەت ئۆزلىرىلا بىلىدىغان سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن بىر – بىرلىرىىگە خىرىس قىلىشىۋاتاتتى. ھەتتا بەزىلىرى ئۇزۇن تىرناقلىرى بىلەن بىر – بىرلىرىنىڭ يۈزلىرىنى، بەدەنلىرىنى تاتىلىشىپ زىدە قىلىشاتتى. ھەتتا بىر قىسىم ئاق خالاتلىق دوختۇر ۋە سىسترالارمۇ كىتىۋېتىپ خالىغان بىرلىرىگە ئۇزۇن تىرناقلىرىنى پاتۇرىۋالاتتى. توۋا، نىرۋا كىسەللىكلەر دوختۇرخانىسى دىگەن شۇنداق بولىدىغان ئوخشايدۇ- ھە!
بۇ، ھەممىلا بىمارلارنى بىرلا خىل قەغەزسىمان ئوكۇل بىلەن داۋالايدىغان دوختۇرخانا بولۇپ،بەزى بەزىدە رەڭگىي ئۈچمەيدىغان كۆك سىيالارنى ئاق شىپىرىستا كىشىلەرنىڭ باشلىرىغا سانجىپ داۋالايىتتى..ئايرىم، كىسىلى ئانچە ئېغىر بولمىغان بىمارلار سۇيۇقلاندۇرۇلغان دورىلارنى ئۆزلىگىدىن پىلاستىنكىلىق نەيچىلەردە سۈمۈرۈپ شىپالىناتتى. بىراق بۇ جايغا كەلگەن بىمارلارنىڭ ھەممىسى ئوخشاشمىغان دەرىجىدە ئېغىر يوقۇملانغان بولۇپ،ھەتتا بىر قىسىم دوختۇرلارنىڭ روھىي ھالىتىدىنمۇ كىسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلۈپ تۇراتتى. مەن بىمارلارغا ۋە بىر قىسىم دوختۇرلارغا دىققەت بىلەن سەپسالدىم. ئۇلارنىڭ كۆزلىرى خۇددى ئۇزۇن يىللىق غەپلەت ئۇيقۇسىدىن تولۇق ئويغىنالمايۋاتقاندەك خامۇش ھالەتتە كۆرۈنەتتى. ئۇلار كىتىۋېتىپ تۇرۇپ- تۇرۇپلا تاملارغا ۋە ياكى بىر بىرلىرىگە ئۈسۈۋالاتتى- دە، كىچىرىم سوراشنىڭ ئورنىغا بىر- بىرنىڭ ياقىسىدىن بوغىشاتتى. بىراق ئۇلار ھەرقانچە ئۈسۈشۈپ، ياقا بوغۇشۇپ ۋە باشلىرىنى يېرىۋالغان تەقدىردىمۇ، ئۆز ئىشلىرىدن ۋە ئۆز يوللىرىدىن قېلىشماي، ئالغا قاراپ كىتىشىۋېرەتتى.
مەن دوختۇرغا كۆرۈنۈش ئۈچۈن ئۇزۇن ئۆچۈرەتتە تۇرغانلارنىڭ ئارقىسىغا كېلىپ تىزىلدىم. ئۆچرەتتە تۇرۇشقانلارنىڭ ھەممىسى چىشلىرىنى بىردە ھىڭگايتىپ، بىردە بىر- بىرگە خېرس قىلغاندەك غۇچۇرلىتىشاتتى. ئۇلارنىڭ چىشلىرىنىڭ ھىڭگىيىشىمۇ، غۇچۇرلىشىمۇ ئۆز ئختىيارى بويىچە بولماستىن، ئۆچۈرەتنىڭ ئالدىدا تۇرغانلارنىڭ ھەركىتىگە قاراپ ئۆزگۈرەتتى. ئالدىدىكىلەر قانداق قىلسا، ئارقىدىكىلەرنىڭ دەرھال ئالدىدىكىلەرگە ئوخشاش ئۆز ھەركىتىنىڭ شەكلىنى ئۆزگەرتىشەتتى، بىراق بۇنىڭ سەۋىبىنى ھېچكىشى ئىنىق دەپ بىرەلمەيىتتى. كىشىنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرىدغىنى شۇكى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى پىشانىسىگە يىڭىدىن چىققان » مىڭ يۈئەن»لىك پۇلدىن بىردىن چاپلىۋالغان بولۇپ،ئۇلار ئۆچۇرېتتە تۇرۇپمۇ باغلام- باغلام پۇللارنى خۇددى كۆز باغلايدىغان سېھرىگەرلەردەك قولدن قولغا شۇنداق تىز ئايلاندۇرالايىتتى.
مىنىڭ ئېرسىيەتلىك جاھىللىقىمدىن بولسا كىرەك، باشقىلارنى زادىلا دورىغۇم كەلمىدى. شۇنڭا مەن ئۆچۈرەتتە تۇرۇپ، ئالدى ئارقامغا بىر قۇر قارىۋەتكەندىن كىيىن، كىچىگىمدە چوڭ ئانامدىن ئۈگۈنىۋالغان بىر ئاھاڭغا، يېقىندا ئۆزەم يازغان بىر تىكىستنى سېلىپ ئۈنلۈك ئاۋازدا ناخشا توۋلاشقا باشلىدىم:
دەرىزەمدىن مارىلاپ ئەي يارەي،
ئاڭلىمىغىن ناخشامنى ۋاي جانەي.
ئۆچۈرەتنىڭ ئالدىدىكىلەر ئىختىيارسىز چىشلىرىنى ھىڭگايتىشنى ۋە قارسىلدىتىپ بىر- بىرگەن تەككۇزۇشلىرىنى توختاتتى-دە،خۇددى باشقا سەييارىدىن كەلگەن غەلىتە مەخلۇقنى كۆرگەندەك ماڭا ھەيرانلىق بىلەن تىكىلىشتى. مەن ئۇلارغا پەرۋا قىلماستىن ناخشامنى توۋلاۋەردىم:
ئامراق دوسلار نىمىشقا ھەييارەي،
قوبۇل قىلماس سوۋغامنى ۋايجانەي.
– ئاغزىڭنى يۇم! – توساتتىن بىلىكىگە سېرق يەڭ بەلگىسى تاقىۋالغان بىر توپ كالتەكچىلەر يۈگۈرۈشۇپ كېلىپ ماڭا كالتەكلىرى بىلەن ھەيۋە قىلىشتى. ئاندىن مىنى سەپتىن قوغلاپ چىقىرىشتى. ھەيدەپ چىقىرىلغىنىممۇ بىر ھىساپتا ياخشى بولدى. دىمىسىمۇ مەن بۇ يەردىكى ۋاراچلارغا قارىتا ئىشەنچەمنى يوقۇتۇپ بولغان ئىدىم. شۇنداقتىمۇ مەن ئورۇنسىز ھەيۋىگە ۋە تەھدىتكە ئۈرۈغىنىم ئۈچۈن بۇ جايدىن جىمغىنە كىتىپ قېلىشنى خالىمىدىم. كارىدوردىكى قان، يىرىڭ ۋە تۇكۇرۇكلەر بىلەن تولغان گارشۇكنى قولۇمغا ئېلىپ، ئۇنى ماڭا ئەڭ يېقىن كەلگەن بىر كالتەكچىنىڭ بېشىغا كەيدۇرۇپ چويدۇم- دە، ئالدى ئارقىمغا قارىماي بەدەر قېچىپ، كارىدورنىڭ چىقىش ئېغىزىغا كەلگەندە توختاپ ئارقىمغا قارىدىم. شۇ چاغدا ھېلىقى كالتەكچىنىڭ باش كوزىدىن ئېقىپ چۇشۇۋاتقان مەينەتچىلىكلەر بىلەن قارى بولماستىن، دوستانە كۈلۈمسىرىگەن ھالدا ماڭا قاراپ سەكسەن گىرادۇس ئىگىلىپ تۇرغانلىقىنى كۆردۇم، ئۇ مىنى ئۆچۈرەتكە قايتىپ كېلىشكە تەكلىپ قىلىۋاتاتتى. مەن ئۆچۈرەتكە قايتىپ بارغىنىم بىلەنمۇ يەنە بەرىبىر قوغلىنىشىم ئىنىق ئىدى،شۇڭا ئۇدۇل ماڭغىنىمچە، «شىپاخانا» دىگەن ۋىۋىسكا ئېسىلغان ئىشىگى ئوچۇق بىر بۆلۈمچىنىڭ ئىچىگە كىردىم.
بۇ جايدا ئۇستى بېشىغا دوختۇرچە ئاق خالات كىيىۋالغدن، بىراق قولىغا قاسساپنىڭ ئۇستىخان پارچىلايدىغان پالتىسىنى كۆتۇرىۋالغان ئوتتۇرا ياشلاردىكى بىر كىشى ئىڭراپ ناخشا ئەيىتقان ھالدا، چوڭ ئانام دايىم ئەيتىپ بىرىدىغان چۆچەكتە تەسۋىرلەنگەن قەدىمىي بىر ھەيكەلنى پارچىلاۋاتاتتى. بۇ ئاجايىپ گۇزەل بىر ساھىپجامالنىڭ ھەيكىلى بولۇپ،ئۇنىڭ بەدىنىنىڭ بىر پۈتۈنلىگىمۇ، ئايرىم-ئايرىم پارچىلانغان قىسمىمۇ ئۆزىنىڭ شۇنداق بىر خىل سېھرى گۈزەللىگىنى ساقلاپ قالغان ئىدى. ھېلىقى ۋاراچ سۇپەت قاسساپ بولسا ھەيكەلنىڭ ھەر بىر ئەزاسىنى پارچىلىغاندا،ئالدى بىلەن شۇ ئەزانى ئۇزاققىچە سۆيۈپ، يۈرىكىگە تىڭىۋالغاندىن كىيىن، ئاندىن كۆزىنى يۇمۇپ تۇرۇپ، شۇ ئەزاغا پالتا ئۇراتتى.
– بۇ كىم؟ سىز نىمە ئۈچۈن ئۇنى نابۇت قىلىسىز؟- دەپ سورىدىم مەن ئۇ كىشىدىن ھەيران بولغان ھالدا.
– بۇ ، – دەپ بېشىنى كۆتەرمەي تۇرۇپ سۆزۇمگە جاۋاپ بىرىشكە باشلىدى ھېلىقى دوختۇر سۇپەت قاسساپ،- ئادىمىي ئاتا ماڭا ئوخشاش ئەركەكلەرگە ئاتا قىلغان ئىلاھىي نىمەت. ئۇ دەسلىۋىدە ئىلاھلىق ئورنىدا تۇرۇپ مىنى بۇ دۇنياغا ئاپىرىدە قىلغان،كىيىن ئۆزىنى ماڭا بېغىشلاپ روھىمغا ئوزۇق، يۈرىگىمگە شىپا بولغان.
-ئەمىسە سىز نىمىشقا ئۆزىڭىزنىڭ نىجاتكارىڭزىنى ۋەيران قىلىسىز؟- مەن ئۇنىڭ سۆزىدىن تېخىمۇ ھەجەپلەنگەن ئىدىم.
– چۇنكى ئۇنىڭ مىنىڭ تىنىمگە پۈتۈنلەي سىڭىپ كەتمەي، ئايرىم مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتقان، يەنە كېلىپ ئۆزىنىڭ ئەسلى خاراكتىرىنى جاھىللىق بىلەن ساقلاپ تۇرىۋاتقان ھالىتى مىنى ئەندىشىگە سالىدۇ ۋە ئازاپلايدۇ. بولۇپمۇ ئۇنىڭ جانسىزدەك كۆرۈنگىنى بىلەن روھىيىتىدە مەۋجۇت بولۇپ ساقلىنىۋاتقان ئاجايىپ كۈچلۇك ھاياتى كۈچى، باشقىلارنىڭ ئۇنىڭغا يىراق- يىراقلاردىن زوقلۇنۇپ قاراپ، ئۇنىڭ ئەشۇ سېھرى گۈزەللىگىدىن بەھرى ئالىدىغانلىقلىرىنى ھەر بىر ئويلىسام، ۋۇجۇدۇمغا تىترەك ئولىشىپ. ئەس ھوشۇمنى يوقۇتۇپ قويىمەن، شۇ تۈپەيلى ئۆزەمگە كېلىۋاتقان ئاجايىپ قورقۇنۇچلۇق بىر خىل ۋەھىمىنى ھېس قىلىمەن. چۇنكى ناۋادا ئۇ مەندىن ئايرىلىپ چىقىپ كەتسە، مىنىڭ ناھايتى كۆپ نەرسىلىرىمنى يوقۇتۇپ قويىدىغانلىقىم مىنىڭ يۈرىگىمگە چىدىغۇسىز ئازاپ سالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئۇنى مۇشۇ ئۇسۇلدا كۆزدىن يوقۇتۇشقا مەجبۇرمەن. مەندە مۇشۇنداق قىلماقتىن باشقا ئامال يوق. ئادەم ئەلەيسالام ئۇنى ياراتقاندىلا بەك سېخىيلىق قىلىۋەتكەن. ئۇنىڭغا گۇزەللىكنىمۇ، ئەقىلنىمۇ، قابىلىيەتنىمۇ،بايلىقنىمۇ پەۋقۇلئاددە ئارتۇق بىرىۋەتكەن. شۇنىڭ ئۇچۇن مەن ئۇنى نىمىلا دىمەي، ۋە نىمىلا قىلماي ھېچقانداق ئەيىپكە ئۇچۇرماسلىقىم كىرەك. ئىشەنمىسىڭىز دوختۇرخانىمىزنىڭ تېمىغا ئېسىغلىق نىزامنامىغا قاراپ بېقىڭ. نىزامنامىدا بەزى ئىشلارغا » روخمەت قىلىنمايدۇ» دىيىلگىنى بىلەن،قانداق جازا كۆرۈلىدىغانلىقى يېزىلمىغان. شۇڭا مەن ئۆزۈم خالىغىنىمنى قىلىۋېرىمەن.
مەن ھېلىقى دوختۇر سۇپەت قاسساپنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ قارىدىم،ئۇنىڭ كۆزى پۈتۈنلەي كور بولۇپ، تامدىكى نىزامنامىنىمۇ، ھېلىقى ھەيكەلدىن ئېقىپ چىقىۋاتقان قىپ- قىزىل قاننىمۇ كۆرمەيىتتى. ئۇ ئۆز ئىشىنى پەقەت قولىنىڭ تۇيغۇسىغىلا تايىىنىپ سىلاپ- سىپاپ داۋاملاشتۇرماقتا ئىدى. قولىدىكى ھەيكەلنىڭ گۈزەللىگى،نەپىسلىگى، لاتاپىتى دىگەنلەرنى، ھەيكەلنىڭ مەرمەردەك پاقىراپ تۇرغان بىر پۇتۇن ئەزايىنى ئۇ كۆرەلمەيىتتى. بىراق ئاغىزدا» ئاھ گۈزىلىم! ، ئاھ ئامرىغىم،سەنسىز قانداقمۇ ياشايمەن!»دىگەن سۆزلەرنى توختىماي تەكرارلايىتتى ۋە ھەيكەل پارچىلىرىنى قولىدا دەڭسەپ كۆرۈپ كۆڭلىدە ئۇنىڭ قىممىتىنى ھىساپلايىتتى.
مەن ئۇنىڭ ھەركىتىگە بىردەم قاراپ تۇردۇم.
– بۇياققا كېلىڭ،- ئۇ مىنى قولىدا پالتىسىنى تۇتقان ھالدا بۇيرۇق تەلەپپۇزىدا چاقىردى. بۇ چاغدا ئۇ ھېلىقى ھەيكەلنى پۈتۈنلەي پارچىلاپ بولغان ئىدى. – يېنىمغا كېلىڭا.دىدى ئۇ بۇيرۇق ئاھاڭىدا .
مەن ئۇنىڭ قولىدا تۇتىۋالغان،بېسىدىن قان تېمىملاپ تۇرغان پالتىسىغا قارىغىنىمچە بىر بېسىپ،ئىككى بېسىپ ئۇنىڭ ئالدىغا كەلدىم.
– دىققەت!- ئۇ قەيەردىندۇ ئۈگۈنىۋالغان ھەربىي كوماندا بويىچە ماڭا بۇيرۇق قىلدى. مەن خۇددى سېھىرلىنىپ قالغاندەك ئۇنىڭ ئالدىدا تىك تۇردۇم. بىراق كۆزۈم ئۇنىڭ قولىدىكى پالتىدا ئىدى. دوختۇر سۇپەت قاسساپنىڭ بىر قولى مىنىڭ ئۇستىخانلىرىمنى باشتىن ئاخىرى سىلاپ- سىپاشقا باشلىدى دە،ئاندىن پالتا تۇتقان قولى ئاستا ئىگىز كۆتۈرۈلدى. شۇنداق ئىشنىڭ يۈز بىرىدىغانلىقىنى يۈرىگۈم ئاللا بۇرۇن تۇيغان ئىدى. شۇڭا ئۇ پالتۇنى ئىگىز كۆتۈرگۈچە بولغان ئارىلىقتا ئۇنىڭ قولىدىن سىلكىنىپ ئاجرالدىم-دە، پۈتۈن كۈچۈمنى ئىككى پۇتۇمغا مەرگەزلەشتۈرۈپ خۇددى ئۇچقاندەك يۈگۈرگىنىمچە بۇ يەردىن قېچىپ چىقتىم.
بىراق زامانىمىزنىڭ ئالىملىرى ماڭا «تەقدىم » قىلغان «شەرەپلىك » ئاتاق تېخى پىشانەمگە پۈتۈگلىك ئىدى. شۇڭا مەن ئۆزەم چوڭ بىلىدىغان بىرەر دوختۇرخانىغا بېرىپ ئۆز كىسىلىمگە توغرا دىئاگنوز قويدۇرۇشۇم كىرەك ئىدى.
مەن يول ئۈستىدە ئەبجىغى چىقىپ كەتكەن بىر كونا ئابتۇبۇسغا چىقتىم . ئابتۇبۇس شوپىرى قېرىپ ئېغىزلىرىدا چىشى قالمىغان بوۋاي ئىدى. بىراق ئۇ شالاڭ ئاق چاچلىرىنى يىگىتلەرنىڭكىدەك ياسىتىۋالغان،ئورۇق پاقالچىقىغا ياشلارنىڭكىدەك تار، قىستاپ تۇرىدىغان ئىشتان كىيىۋالغان، ئۇستىۋېشىغىمۇ ئالا- بالتاق كۆينەك كىيىپ، ئىسكلىتتەك ئورۇق مەيدىسىدە بوينىغا ئېسىۋالغان تۇمارى ساڭگىلاپ تۇراتتى.
ئۇ بىر قولىدا ئابتۇبۇسنىڭ رولىنى چىڭ تۇتقان بولۇپ، يەنە بىر قولىدا چىرايلىق بىر ياش قىزنى قۇچاقلىۋالغان ئىدى. ئۇ قىز تولىمۇ ياش، تولىمۇ سەبىي ۋە ئوماق بولۇپ،ھېلىقى بوۋايغا خۇددى چوڭ دادىسىغا ئەركىلىگەندەك ئەركىلەيىتتى. بوۋاي بولسا ئۇ قىزنى خۇددى ياشلىغىدا سۆيگەن مەشۇغىدەك توختىماي قۇچاغلاپ سۆيەتتى.بەزىدە رول تۇتقان قولىنى رولدىن ئاجرىتىپ، يانچۇغىدىكى بۇگۇنكى تاپاۋىتىنى يانچىغىنىڭ سىرتىدىن سىلاپ قوياتتى. ئۇنداق چاغلاردا ماشىنا يولدىن چىقىپ، ئۆرۈلۈپ چۈشكىلى تاسلا قالاتتى.
ماشىنا مېڭىۋاتقان بۇ يول، ئويداڭ چۇڭقۇلىغىنى ۋە تاشلىقلىغىنى ھىساپقا ئالمىغانداباشقا يوللاردىن ھەر ھالدا يامان ئەمەس، دىيىشكە بولاتتى. دىققەت قىلىپ قارايدىغان بولساق، ئالدىمىزدىكى مۇساپىنىڭ خېلى يىراقتىكى بىر قىسمىنى بولسىمۇ كۆرگىلى بولاتتى. بىراق ماشىنىنىڭ رولىنى تۇتقۇچىنىڭ ھالىتى كىشىنى ئەندىشىگە سالاتتى. بىزنىڭ شوپۇرىمىزنىڭ ئالدىمىزدىكى نىشانغا دىققەت قىلغۇدەل ھالى يوق ئىدى.ئۇنىڭ خوشلۇقتىن خۇمارلاشقان كۆزلىرى ئۇنداق يىراقلارنى كۆرەلمەيىتتى. دىمەك يىراقتىكى نىشانغا تەشنا بولىۋاتقان كارۋانلارنىڭ تەقدىرى ئەنە شۇنداق بىر شوپۇرنىڭ قولىدا ئىدى.
ئاپتۇۋۇزدا ئولتۇرغانلارنىڭ ھالىتى تولىمۇ بىخارامان بولۇپ، ھەممەيلەن دىگۇدەك پەقەت ئۆزلىرىلا بىلىدىغان قانداقتۇر بىر ناخشىغا پەقەت ئۆزلىرىلا ئاڭلىيالىغۇدەك ئاۋازغا غىڭشىپ كىتىشىۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھالىتى تولىمۇ بىغەم ئىدى. شۇڭا ھېچكىمنىڭ ناخشىسىنى ھېچكىم ئاڭلىيالمايىتتى ۋە ھېچكىمنىڭ ھېچكىم بىلەن كارىمۇ يوق ئىدى. كارى بولغان تەقدىردىمۇ ھېچقايسىمىز رول تۇتقۇچىغا نىمىنى قىلىش ياكى قىلماسلىق ھەققىدە گەپ قىلىشقا پىتىنالمايىتتۇق. چۇنكى ئۇ بۇ ماشىنىنى بىز بىلەن قوشۇپ ھۆددىگە ئېلىۋالغان ئىدى. ئەگەردە مۇساپىغا يەتكۇچە بىرەرسىمىز ئۇنىڭ چىشىغا تىگىپ قويىدىغان بولساق، ئۇ بىزنى يېرىم يولدا، ھەتتا مۇشۇ چول جەزىرنىڭ ئىچىدىلا ماشىنىدىن چۈشۈرىۋېتىشى ۋە ھەتتا ئۆزى بىلىدىغان ئۇسۇللار بىلەن بىزنىڭ ئاپتۇبىستا ئولتۇرۇش سالاھىيىتىمىزنى مەڭگۈلۈك يوق قىلىۋېتىشى مۇمكىن ئىدى. بۇ مۇساپە بەكمۇ ئۇزۇن بولۇپ، ھېچكىشى بۇ سەپەرنى يېقىلىپ قوپۇپ پىيادە يۇرۇشنى خالىمايىتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەممەيلەن مۇشۇنداق تومۈر قاپچۇققا ئوخشايدىغان ئاپتۇبۇستا ئولتۇرۇپ كۆنۈپ قالغان ئىدى. چۇنكى يامغۇر يېغىن، بوران چاپقۇن بۇ تومۇر قاپچۇقنىڭ ئىچىدىكىلەرگە ئانچە ئېغىر تەسىر كۆرسىتەلمەيىتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن نۇرغۇن پىيادىلىكلەر مۇشۇ قاپچۇقنىڭ ئىچىگە كىرىۋېلىش ئۈچۈن نۇرغۇن قىممەتلىك نەرسىلىرىنى ئاتىۋېتىشكە تەييار ئىدى. بولۇپمۇ ئابتۇبۇسقا كۆنگەن ئادەم ئۈچۈن «پىيادە قېلىش» ماماتلىق بىلەن باراۋەر ئىدى. شۇنداقتىمۇ مەن يېرىم يولدا ئۆزەمنى ئابتۇبۇسنىڭ سىرتىغا ئېتىشقا مەجبۇر بولدۇم. چۇنكى ھاياتىمنى خەۋىپتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن مەن ھەر قانداق قاراملىققا تەييار ئىدىم.
يولدا كىتىۋاتقان ئاپتۇۋۇزنىڭ دەرىزىسىدىن سەكرىگىنىم ئۈچۈن ھوشۇمدىن كىتىپ يول بويىدا يېتىپ قاپتىمە. كۆزۈمنى ئېچىپ قارىسام يولدىن ئۆتۈپ كىتىۋاتقان ئاپپاق ساقاللىق بىر بوۋاي تومۇرۇمنى تۇتېۋېتىپتۇ.
– تىۋىپ ئاكا، دەپ بەرسىلىچۇ، مەندە كىسەللىك ئالامەتلىرى بارمىكەن؟- چۇنكى زامانىمىزنىڭ ئالىملىرى ماڭا «ئاتا قىلغان» «ساراڭ»لىق كىسىلى كاللامدىن پەقەتلا چىقمايۋاتاتتى.
– ھىم…- دىدى ئۇ قاپاقلىرىمنى ئۆرۈپ كۆزۇمنىڭ ئىچىگە بىر قۇر قاراپ چىققاندىن كىيىن،سىزدە قان، سەپرا،سەۋدا،بەلغەمدىن ئىبارەت تۆت خىل خلت مۇكەممەل ئىكەن. پەقەت تەپەككۇر خامۇشلىقىلا كەملىك قىلىۋېتىپتۇ. ئۇنىڭدىن سىرىت سىز كۆزىڭىزنىڭ ئۆتكۇرلىگىنى توسىدىغان كۆز ئەينەك تاقىۋالسىڭىز بولغىدېك.
-نىمىشقا؟
– بۇ تەرەپىنى بەك تەپسىلى چۇشەندۇرمىسەممۇ بولار. چۇنكى ئەلمىساقتىن بىرى پىكىر تەپەككۇرى زاماندىن ھالقىپ كەتكەنلەر ياخشى ئاقىۋەت كۆرگەن ئەمەس. ھاياتلىق ئەزەلدىنلا كور، گاس ۋە تەپەككۇر ئىقتىدارىنى يوقاتقانلار ئۈچۈن جەننەتتۇر.
– ياق، سىز يالغان ئەيتىۋاتىسىز، ئەگەردە شۇ ئۆتكۈر تەپەككۇر ئىقتىدارىغا ئىگە كىشىلەر بولمىغان بولسا، ئىنسانلار ھېلىمۇ نەچچە ئونمىڭ يىلنىڭ ئالدىدىكى ئىپتىدايى ھالەتتە ياشاۋەرمەسمىدى؟!!- مەن شۇنداق دەپ ۋاقىرىغىنىمچە ھېلىقى مۇيسىپىت كىشىنىڭ بىلىگىگە ئېسىلماقچى بولدۇم. بىراق ئۇ مويسىپىت كىشى كۆزنى يۇمۇپ ئاچقىچە ئارىلىقتا كۆزدىن غايىپ بولغان ئىدى. مەن سەكرەپ ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتتىم. توۋا، ئاپتوبۇستىن سەكرىگەن چاغدا ھوشۇمدىن كەتكەندەك قىلىۋېدىم، مانا ئەمدى پۈتكۈل ئەزايىم بىجىرىم،ھېچيىرىم ئاغرىمايدىغۇ؟!
مەن ئۆزەم ئىشەنگەن چوڭ دوختۇرخانىغا ئاخىرى يىتىپ كەلدىم. ئۇ دوختۇرخانىنىڭ ئەھۋالى ئالدىنقى دوختۇرخانىدىن ئۆزگىچە بولۇپ، بۇ يەردە مېڭىگە نۇر ئۆتكۈزۈپ داۋالاش ئاساس قىلىناتتى.
باش ۋاراچلار كىسەللەرنى داۋالاپ ساقايتىش توغۇرسىدا جىددىي چارە- تەدبىرلەرنى تۈزىمەكتە ئىدى. ئۆزلىرىنىڭ ياردەمچىلىرىگە ئالدىراش خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇراتتى. بىمارلارنىڭ ئەھۋالى بەكمۇ ئېغىر خەتەر ئىچىدە بولۇپ، بىمارلارنىڭ كۆپلىگىدىن ھەتتا بەزى ۋاراچلار كىچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ، دەم ئالماي ئىشلەپ، ھاردۇق يەتكىنىدىن ھالىدىن كىتەتتى. بەزى ۋاراچلار بولسا بىمارلارنى ئۆزلىرى ئارزۇ قىلغاندەك دەرىجىدە ساقايتالمىغانلىقى ئۈچۈن بىمارلار بىلەن تەڭ ھەسرەت ئىچىدە ئالەمدىن ئۆتەتتى. بىراق دوختۇرلارنىڭ بەزى ياردەمچىلىرى كىسەل داۋالاشتا دوختۇرلاردەك ئۇنداق جان كۆيدۈرۈپ كەتمەيىتتى. ئۇلار دوختۇرلارنىڭ بىمارلارغا يېزىپ بەرگەن رىتسىپلىرىنى كۆتۈرۈپ ئالدى بىلەن شۇ بىمارغا باھا قويدۇراتتى، ئاندىن باھانىڭ قىممىتىگە ۋە ئۆزلىرىگە كېلدىغان پايدىسىغا قاراپ تىزدىن داۋالاش ۋە كىچىكتۈرۈپ داۋالاش توغۇرسىدا پىلان تۈزەتتى. شۇ پۇلخۇمار كىشىلەرنىڭ ئۆزىگىمۇ سىنچىلاپ قاراپ باقتىم، ئۇلارنىڭ كۆزلىرى خۇددى بەزنى كۆپ يەپ مايلىشىپ كەتكەن ئاچكۆز مۇشۇكنىڭ كۆزلىرىگە ئوخشايىتتى. بەلكىم ئۇلارنىڭ ئەقلىمۇ پەقەت مۇشۇكچىلىك باردۇ، دەپ ئويلىدىم.
مەن ئەيمىنىپ تۇرساممۇ چاندۇرماسلىققا تىرىشىپ، بىر بېسىپ، ئىككى بېسىپ باش ۋاراچنىڭ ئالدىغا كىردىم. بۇ بوغداي ئۆڭلۈك، ئوتتۇرا بوي كەلگەن تىمەن ئادەم ئىدى. مەن ئۆزەمنىڭ ئەھۋالىنى ئۇنىڭغا تونۇشتۇرغاندىن كىيىن، ئۇ ئەڭ يىڭى تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىلىرى بىلەن مىنى تەكشۈرۈشكە باشلىدى.
– سىزنىڭ نىرۋا ئورگانلىرىڭىز ساغلام ئىكەن،بىراق-زە، ئۆزىڭىزنىڭ ساغلام ئىكەنلىگىڭىزنىڭ ئىپادىلەشكە بەكمۇ ئالدىراپ كىتىدىكەنسىز. مانا مۇشۇنىڭ ئۆزىلا سىزگە خەتەر ئېلىپ كېلىدىكەن. سىز ھەتتا ئۆزىنىڭ كىملىگىنى يوقۇتۇش تۈپەيلىدىن نىرۋىسى بۇزۇلغانلار ئارىسىدا تۇرۇپمۇ ئۆزىڭىزنى ئۇلارغا بىر كۆرسەتمەكچى بوپسىز. بۇ تولىمۇ كۇلكىلىك ھەم خەتەرلىك ئەمەسمۇ!؟ ساغلام كىشىلەر ئۆزىنىڭ ساغلاملىقىنى ئىسپاتلاشقا ئەمەس،كىسەل بىلەن يوقۇملانغانلارغا ئەپچىل ئۇسۇلدا ياردەم قىلىشقا ئالدىرىشى كىرەك.
كۆرۈپ تۇرۇپسىز، بىزدە ئۆزىنىڭ كىملىگىنى يوقۇتۇش كىسىلى بىلەن يوقۇملىنىۋاتقان بىمارلارنىڭ ئەھۋالى خېلىلا ئېغىر. بۇ خىل كىسەللىك ھەتتا كۈنلەپ- سائەتلەپ ئېغىرلىشىۋاتىدۇ. ئۇلار ھەتتا ئۆزىنىڭ كىمدىن تۇغۇلغانلىقىنىمۇ ئۇنتۇغان ھالدا، بەزىدە كالىنى، بەزىدە قۇچقاچنى » ئانىمىز» دەۋالىدۇ. ھەتتا بىز دوختۇرلارمۇ بىمارلاردىن يۇقۇردىكىدەك كىسەللەرنى يوقتۇرىۋالغاندىن سىرىت يەنە تەپەككۇر ئىقتىدارى ئاجىزلىشىش كىسىلىگىمۇ گىرپتار بولۇپ قالدۇق. بىز بىردە بىمارلارنىڭ كىسەللىك ئەھۋالى توغۇرسىدا ھېچنەرسا ئويلىماستىن ئۆزىمىزنى خامۇشلۇق ھالىتىدە قالدۇرساق.يەنە بەزىدە ئۆزىمىزنىڭ پۈتۈن بىر گەۋدىمىزنىڭ ساغلاملىقىغا پايدىلىق بولغان تەسەۋۇرنى ئەمەس،تىنىمىزنىڭ ئادەتتىكى بىر قىسمىنىڭ پايدا- زىيان مەنپەتىنىلا ئويلاپ، ۋۇجۇدىمىزنىڭ بىر پۈتۈن ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان ئىشلارنى قىلىپ قويىمىز-دە، ئۆزىمىزنى زەئىپلىكنىڭ قۇلىغا ئايلاندۇرۇپ قويىمىز. مانا بۇ ئەھۋال بىزنىڭ بىر پۈتۈن گەۋدىمىزنى نابۇت قىلىپ، بىزنى ھالاكەت گىرداۋىغا سۆرەپ كىرمەكتە. ئەپەندىم، سىز ئالدىمغا كىرگەن بىمارلار ئىچىدىكى ناھايتى ئاز ئۇچرايدىغان بىر قىسىم ساغلام كىشىلەردىنسىز. شۇڭا ئەقىل پاراسىتىڭىزنى كۆپرەك قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ساغلام كەلگۈسىنى يارىتىش ئۈچۈن ئىشقا سېلىپ، مىنىڭ بىمارلارنى داۋالىشىمغا كۆپرەك ياردەم بەرگەيسىز، ھەتتا بۇنى ئۆزىڭىزنىڭ ئىنسانى مەجبۇرىيىتى، دەپ قارىغايسىز.
مەن باش ۋاراچنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كىين، راستىنلا ساغلاملىشىپ قالغاندەك بولدۇم. يول بويى ئايىغىم يىنىك، قەدەملىرىم چاققان ئىدى.
مەن يەنە كوچا ئاپتۇبۇسىغا چىقتىم. بۇ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئەڭ يىڭى تىخنىكا بىرىكمىسى بىلەن ياساپ چىقىلغان ئابتۇبۇس بولۇپ، بۇ ئاپتۇبۇسنىڭ شوپۇرى تېخى سەككىز ياشقىمۇ توشمىغان ئۆسمۇر بالا ئىدى. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا بۇ ئاپتۇبۇسنىڭ رولىنى شۇ بالا ئاپتوماتىكلاشتۇرغان بولۇپ،ئۇ ماشىنىنى رول بىلەن ئەمەس، كونۇپكا بىلەن باشقۇراتتى، شۇڭا ئۇ ئۆزىنى ناھايتى بىخارامان ھېس قىلاتتى.بالا قولىدا كەلگۈسى زامانغا ئائىت ئەڭ يىڭى پەن تېخنىكا ئۇچۇرلىرى ھەققىدىكى ئېلېكترونلۇق كىتاپنى كۆتۈرىۋالغان بولۇپ، ئۇ يىراقلارغا قاراپ، يولنىڭ تۈزلىكىنى جەزىملەشتۈرگەندىن كىيىن، بېشىنى چۆكۈرۈپ كىتاپ كۆرەتتى. قىزىل چىراق يېنىپ، رول باشقۇرۇلۇشنى تەلەپ قىلغاندىن كىينلا، ئۇ شۇ ھامان يەنە كونۇپكىلار ئارقىلىق رولنى تىزگىنلەيىتتى..
بىز يولۇچىلار مانا ئەمدىلىكتە باشقىلارنى باھالاپ كۆنۈپ قالغان بولساق كىرەك، ياش بالىنىڭ رول باشقۇرغىنىنىمۇ، كىتاپ كۆرگىنىنىمۇ ئوخشاشلا ئەيىپلەۋېرەتتۇق. چۇنكى بۇمۇ بىزنىڭ مىللىي ئۆرۇپ ئادىتىمىزنىڭ» بىر قىسمى» ئىدى. بىراق نىمىشقىدۇر كىچىك بالا باشىلارنىڭ ئۆزى توغۇرسىدا نىمە دىيىشىۋاتقىنىنى زادىلا ئاڭلىمايىتتى ۋە ئاڭلىسىمۇ چۇشەنمەيىتتى. چۇنكى ئۇ قولىدىكى كىتاپ دۇنياسىغا غەرق بولغان ئىدى.

ئارىدىن ئون يىللار ئۆتۈپ كەتتى.
تۇخۇمنىڭ شەكلىنىڭ قانداقلىقى ۋە ئۇنى قايسى تەرەپتىن يىيىش توغۇرسىدىكى مۇھاكىمە ھېلىمۇ داۋاملاشماقتا ئىدى…..
– -مىنىڭچە،- دىدى تېخى بۈگۈنلا يېغىن رەئىسلىگىگە قويۇلغان ياش يىگىت،-تۇخۇم توغۇرسىدىكى مۇھاكىمىنى تىزدىن ئاخىرلاشتۇرساق،ئاقىللار كەڭىشى ئون يىلدىن بىرى ئاخىرقى يەكۈننى چىقىرالمىغىنى ئۈچۈن، نەچچە يۈز مىليون توننا تۇخۇم مەقسەتسىز ئىستىمالدىن توختۇتۇلۇپ، چىرىپ زايا بولدى. مىكيانلارنىڭ تۇخۇم تۇغۇش ئاكتىپچانلىقىغا تەسىر يەتكەنلىگى ئۈچۈن، ئۇلار تۇخۇم تۇغماس بولىۋالدى. خەلقىمىز توخۇ ۋە تۇخۇملارغا مۇھتاج. شۇڭا يەكۈن چىقىرىشنى تىزلىتىشىمىز كىرەك.-
مەن رەئىسنىڭ سۆزىگە ھەيران بولۇپ، ئۇنىڭغا تىكىلىپ قارىدىم. يىڭى رەئىسنىڭ كۆزىدە ھېچقانداق كۆز ئەينەك يوق ئىدى. ئەمدى دىققەت نەزىرىمنى ئولتۇرقانلارغا ئاغدۇردۇم. ئۇلارنىڭ ئىچىدىمۇ ئەينەكسىزلەر كۆپۈيۈۋاتقاندەك ئىدى.خۇداغا شۇكرى،ئالىملىرىمىزنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاخىرى ئەسلىگە كېلىشكە باشلاپتۇ-دە!
1991-يىلى 7 -ئايدا ئۈرۈمچىدە يېزىلغان.
7- ئايدا ئۈرۈمچىدە يېزىلغان.
1991-يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان «ۋىژدان تارازىسى ئالدىدا» ناملىق توپلىمىدىن ئېلىندى.

جاۋاب يېزىش