خەلقئارا ئىختىزاد شۇناسلىقتىن شائىرلىققىچە

دىلدار ئەزىز

2015- يىلى 1- ئاينىڭ 24-كۈنى جۇمە، ئامېرىكىنىڭ ۈېرجىنىيە شىتاتىدىكى ئۇيغۇر مەركىزىگە 100 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر جەم بولۇپ، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى، ئۇيغۇر ئاكادىمىيىسى، ئانا تىل مەكتىۋى قاتارلىق ئۈچ ئورۇن بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن دوكتۇر گۇلناز ئابدۇقادىر خانىمنىڭ <مەڭگۈلۈك رىشتە — بىر ئائىلىنىڭ شىئېردىكى سىماسى>  ناملىق شىئېرلار توپلىمىنى ئىمزالىق تارقىتىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

ئۇيغۇر جامائەتچىلىگى ئىچىدە دوكتور گۇلناز ئابدۇقادىر خانىم ئۇزۇن يىللاردىن بىرى ئىقتىسادشۇناس،دەپ تونۇلۇپ كەلگەن. ئۇ يەنە خەلقارالىق مالىيە پىلانلاش ۋە مەبلەغ سېلىش ستراتېگىيەسى ساھەسىدە 30 يىلدىن كۆپ خىزمەت تەجرىبىسىگە ئىگە ئالىي دەرىجىلىك مالىيە مەسلىھەتچىسى،ئۇيغۇر جامائەت ئەربابى، ئىقتىدارلىق پەرزەنت تەربىيەچىسى،دىگەن ناملار بىلەن ئۇيغۇر جامائەتچىلىگىنىڭ قەلب تۆرىدىن ئورۇن ئالغان. بىراق مەن گۇلناز ئابدۇقادىر خانىمنىڭ ئەنگىلىز تىلىدا يېزىلىپ نەشىر قىلىنغان <مەڭگۈلۈك رىشتە — بىر ئائىلىنىڭ شىئېردىكى سىماسى>  ناملىق شىئېرلار توپلىمىنىڭ ئىمزالىق تارقىتىش پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمۈتۈم تېخىمۇ بىر دەرىجە ئۆرلىدى. چۇنكى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئىچىدە خەلقاراغا يۈزلەنگەن، دۇنيا تىلىدا ئەسەر ئىجات قىلالايدىغان بىر ئايال، بىر ئانىنىڭ كۆپەيگەنلىگى، ئۇيغۇرنىڭ  كەلگۈسىنى يارىتىدىغان كۈچلۈك بىر ئىنساننىڭ كۆپەيگەنلىگىدىن دىرەك بىرەتتى.

دوكتور گۇلناز ئابدۇقادىر خانىمنىڭ <مەڭگۈلۈك رىشتە — بىر ئائىلىنىڭ شىئېردىكى سىماسى> ناملىق شىئېرلار توپلىمى ئۇنىڭ ھايات مۇساپىلىرىدا بېسىپ ئۆتكەن ھەر بىر قەدىمىنىڭ ،خۇشاللىق ۋە ئازاپلىرىنىڭ، ئانا ۋەتىنىگە بولغان سۆيگۈ مۇھاببەت سىمالىرىنىڭ ئېغىر  تىنىقلىرى بىلەن يۇغۇرۇلغان مۆجىزىسى بولۇپ، ئۇنىڭدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ۋەتىنىنىڭ تاغ دەريالىرىغا، ئۇزۇن يىلدىن بىر كۆرشەلمىگەن تۇققانلىرىغا، دەسسىيەلمىگەن ۋەتەن تۇپرىقىغا بولغان چەكسىز سېغىنىشلىرىنى ئىپادىلەپلا قالماستىن، ئۇنىڭدا يەنە ئۆتكۇر غەرپ ئۇسلوبىدىكى شئېرىيەت تىلى ئارقىلىق ئەنگىلىز تىلىدا ۋەتەندىكى ئاۋازى بوغۇلغان قېرىنداشلارنىڭ ئاۋازىنى دۇنياغا ئاڭلاتقان.

بۇ پائالىيەتكە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن  30 غا يېقىن ئوقۇرمەن ۋە ئۇيغۇر زىيالىلىرى، ئەدەبىياتچىلار، ئالىملار تور ئارقىلىق قاتناشقان بولۇپ، تونۇلغان ئۇيغۇر شائىرە راھىلە كامال خانىم كىتاپنى ئىمزالىق تارقىتىشقا تور ئارقىلىق قاتنىشىپ مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئالدى بىلەن گۇلناز خانىمنىڭ بۇ شئېرلار توپلىمىنىڭ ئەنگىلىز تىلىدا نەشىر قىلىنغانلىغىدىن بەك سۆيۈندۈم. چۇنكى مۇھاجىرەتتكە ئۇيغۇر ئاپتورلارنىڭ بىۋاستا چەتئەل تىلىدا يېزىلغان كىتاۋى تېخى يىتەرلىك ئەمەس. گۇلناز خانىم بۇ جەھەتتە بىزگە ئۆلگە ياراتتى. بۇ تولىمۇ قىممەتلىك. گۇلناز خانىم ئاچقان مۇشۇ رۇجەكتىن ئەنگىلىز تىللىق ئوقۇرمەنلەر ئاۋازىنى دۇنياغا ئاڭلىتالمايۋاتقان ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىشى، دەرت- ھەسرەتلىرىگە ھەمدەم بولىشى مۇمكىن؛ ئىككىنجىدىن گۇلناز خانىمنىڭ بۇ شىئېرلار توپلىمىنى ئوقۇش جەريانىدا شۇنى ھېس قىلدىمكى، گۇلناز خانىم غەرىپنىڭ شئېرىيەت نەزىرىيەلىرىنى خېلى قېتىقىنىپ ئۈگۈنىپتۇ،ئۇنىڭ شىئېرلىرىدا ئۇچراۋاتقان تۈرلۈك ئىستىلىستېكىلىق ۋاستىلار، مىتافۇرا، ئانافۇرا، شىئېرلاردىكى ئاھاڭدارلىق، رېتىملىق قاتارلىقلار ئۇنىڭ شىئېرلىرىدا غەرىپنىڭ شىئېرىيەت ئۇسلۇبىغا خاس ھالدا ئىپادىلەنگەن. بۇ ئارقىلىق ھەر بىر ئوقۇرمەن ئۇنىڭ غەرىپنىڭ شىئېرىيەت نەزىرىيەلىرىنىمۇ ياخشى ئىگەللىگەنلىگىنى بايقىيالايدۇ. مەن ئۇنىڭ شىئېرلىرىدىن ھەتتا شىكىسپىرنىڭ «سۇنىت» لىرىغا ئوخشاش شىرلىرىنىمۇ بايقىدىم.» دەيدۇ.

تونۇلغان ئۇيغۇر شائىرى ئازىز ئايسا ئەلكۈن ئەپەندى مۇنداق دەيدۇ: «مەن دوكتۇر گۇلناز ئابدۇقادىر خانىمنىڭ <مەڭگۈلۈك رىشتە — بىر ئائىلىنىڭ شىئېردىكى سىماسى>  ناملىق شىئېرلار توپلىمىدكى «88 پارچە مۇھاببەت  مەكتۇبى» ناملىق شىئېرىنى ئوقۇپ قاتتىق تىسىرلەندىم، ھەم ئۇنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلدىم. ئۇنىڭ بۇ شىئرىدا مۇھاجىرەتتىكى ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ تارىتقان ئازاپلىرى، سېغىنىش ۋە سۆيگۈ ئىشقىدا ئوت بولۇپ يانغان يۇرەك نىدالىرى ئىپادىلەنگەن. مۇساپىرچىلىق ھاياتىدا ھاياتلىق ئۈچۈن، پەرزەنت تەربىيەسى ئۈچۈن ھەر بىرىمىزنىڭ قانچىلىق جان پىدالىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىمىز ھەممىمىزگە ئايان. بۇ كىتاپتا گۇلناز ئابدۇقادىر خانىمنىڭ ۋەتەندىن چىققاندىن بىرى بېشىدىن كەچۈرگەن ھەر بىر كەچۈرمىشلىرى شئېرى  تىل ئارقىلىق يارقىن ئىپادىلەنگەن».

مەن شۇ كۈندىكى ئىمزالىق پالىيەتكە قاتناشقان ئۇيغۇرلارغا پەخىرلەنگەن ھالدا ئۆزەمنىڭ ئامېرىكىغا كەلگەندىن بىرى تۇنجى تونۇشقان ۋە تۇنجى بولۇپ ماڭا سەمىمىي دوستانە قولىنى سۇنغان، مىنىڭ خۇشاللىق كۈنلىرىمدە ۋە قاتتىق ئازاپلىق كۈنلىرىمدىمۇ قولۇمنى قويىۋەتمەي يېنىمدا تۇرۇپ، ماڭا مەنىۋى كۈچ ئاتا قىلغان دوستۇم گۇلنازغا چىن دىلىمدىن رەخمەت ئەيتىش بىلەن بىرگە، ئۇنىڭ مۇئاپپىقىيەتلىك يېزىلغان كىتاۋىنى چىن دىلىمدىن  تەبرىكلىدىم. ئۇنىڭ ئادىمىيلىكىە،كىشىلىك مۇناسىۋەتتىكى تەمكىنلىكىگە، پەرزەنت تەربىلەشتىكى تەدبىرچانلىقىغا،ئائىلىسىگە بولغان چەكسىز مېھرى مۇھاببىتى ۋە ئۇيغۇر جامائەت ئىشلىرىغا بولغان قىزغىنلىقىغا ئاپىرىن ئوقۇيدىغانلىقىمنى بىلدۈردۈم.

دوكتور گۇلناز ئابدۇقادىر خانىم فلورىدا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىقتىساد پەنلىرى بويىچە دوكتورلۇق ۋە ماگىستىرلىق ئۇنۋانىدىن باشقا، يەنە كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىېتىنىڭ دىھقانچىلىق ئىقتىسادى كەسپى بويىچە ماگىستېرلىق ئۇنۋانىغىمۇ ئېرىشكەن. بۇ جەرياندا  بالىلىق چاغلىرىدىن باشلاپ شېئىرىيەتنى ياخشى كۆرىدىغان، ئۆزىنىڭ ھېس تۇيغۇلىرىنى خالىغانچە سۆزلەش ئارقىلىق ئەمەس، جىمجىت ئولتۇرۇپ تەپەككۇر قىلىش ۋە شۇ تەپەككۇر ئۇنچىلىرىنى شىئېرىيەت ئارقىلىق ئىپادىلەشنى ياخشى كۆرىدىغان گۇلناز، ئەينى چاغدا ئەنگىلىزچە شىرىيەت دەرسلىگىدىنمۇ قوشۇمچە بىلىم ئالغان.

‎        دوكتور گۈلناز ئابدىقادىر خانىم ئامېرىكىدىكى خىزمەت ھاياتىنى دۇنيا بانكىسىدا ئىقتىسادشۇناس سۈپىتىدە باشلىغان بولۇپ،ئۇنىڭ خىزمەت ۋەزىپىسى ئاسىيا ۋە شەرقىي ئاسىيا دۆلەتلىرىگە دۇنيا بانكىسىنىڭ مەبلەغ سېلىش تۇرلىرىنى تاللاش ۋە ئۇنى ئەمەلىلەشتۈرۈش بولۇپ، ئۇ بۇ جەريانىدا دۇنيا بانكىسىنىڭ تۇرپاننىڭ ئۈزۈمچىلىك، قومۇلنىڭ قوغۇنچىلىق ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، تارىم ئويمانلىقىغا يەرگە سىڭىپ كەتمەيدىغان  سۇ يەتكۈزۈش سېستىمىسىغا مەبلەغ سېلىش، ۋەتىنىمىزنىڭ ئۈرۈمچىدىن قەشقەرغىچە بولغان تاش يول قۇرۇلۇش ئىشلىرىغا مەبلەغ سېلىش، پۈتۈن شەرقىي تۇركىستاندىكى مەكتەپ بىنا قۇرلۇشلىرىغا مەبلەغ سىلىش، قەشقەرنىڭ پاختاچىلىقىغا مەبلەغ سېلىش، شىمالى  شەرقىي تۈركىستاننىڭ چارۋۇچىلىقىنى تەرەققياتى قىلدۇرۇش ئىشلىرىغا مەبلەغ سېلىش… (1) قاتارلىقلارغا دۇنيا بانكىسىنىڭ مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىگە مەسئۇل بولغاندىن سىرىت يەنە دۇنيا بانكىسىنىڭ  ئوتتۇرا ئاسيا ۋە شەرقىي ياۋروپادا مەبلەغ سېلىش تۈرىلىرى ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش  تۈرلىرىگە مەسئۇل بولۇپ، ئۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش جەھەتتە ئەمەلىي خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن.

‎ گۇلناز خانىم يەنە ۋېلىس فارگو ، سىتى گرۇپ، ئەدۋارد جونېس قاتارلىق داڭلىق پۇل مۇئامىلە شىركەتلىرىدە 23 يىلدىن ئارتۇق ئالىي دەرىجىلىك مالىيە مەسلىھەتچىسى ۋە رەھبىرى بولۇپ ئىشلىگەن. دوكتور گۈلناز ئابدۇقادىر خانىم، مالىيە پىلانلاش،  مەبلەغ سېلىشتىكى بىخەتەرلىكنى ئالدىن باھالاش ۋە مەبلەغ سېلىشنى باشقۇرۇش جەھەتتىكى يۇقۇرى ئىقتىدارى بىلەن  ئامېرىكىنىڭ ئەڭ يۇقۇرى ئىقتىسات مۇنبىرى بولغان ۋالل كوچىسىدىمۇ  خەلقارادا تونۇلغان ئىقتىسادشۇناسلار بىلەن بىر قاتارىدىن ئورۇن ئالغان.

دوكتۇر گۇلناز ئابدۇقاسىر خانىم ئۆزىنىڭ بېسىپ ئۆتكەن  ھەر بىر قەدىمىدە  مۇئاپپىقىيەت جۇلالىرىنى چاقنىتىپ، ئېرىشكەن تېخنىكا گۇۋانامە ۋە ئۇنۋانلىرىنى، قولغا كەلتۈرگەن  ئۇتۇق ۋە مۇۋاپىقىيەتلىرنى ئارقىغا تاشلاپ، خىزمەتنىڭ قارار ۋە  نىزامنامىلەرگە قەتئىي  رىئايە قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك خىزمەت تەجىربىلىرىگە ئاساسەن خىزمەت ئورنىدا ئۈنۈملۈك بولغان يېڭىچە مالىيە مەبلەغ سېلىش كېلىشىملىرىنى بېكىتىش ۋە تەكشۇرۈپ تەستىقلاش، شىركەتلەرگىمۇ ۋە مەبلەغ سالغۇچىلارغىمۇ پايدا كەلتۈرىدىغان،ئادىل ۋە ئىنىقلىقنى تەشەببۇس قىلىدىغان قائىدە تۈزۈملەرنى قالدۇرۇپ، 2023- يىلى 8-ئايدا  شەرەپ بىلەن پىنسىيەگە چىققان. ھازىر ئۇ يولدىشى ۋە ئۈچ پەرزەنتى بىلەن  ئامېرىكىنىڭ ۋىرجىنىيە شىتاتىدا ياشاۋاتىدۇ.

ئىزاھات:

(1) دوكتۇر گۇلناز ئابدۇقادىر خانىم ئەينى چاغدا دۇنيا بانكىسىنىڭ مەبلىغى ئارقىلىق خوتەن خەلقىگە پاكىز سۇ يەتكۈزۈس پىلانىنىمۇ ئوتتۇرغا قويغان بولۇپ، بىراق ئەينى چاغدىكى خىتاي تەرەپ ۋەكىلىنىڭ قارشى تۇرىشى سەۋىبىدىن بۇ پىلان ئىشقا ئاشمىغان.

 

جاۋاب يېزىش