راھىلە كامال
2008 -يىلى 8-ئاينىڭ 16-كۈنى بىز ئەركىن ، بىخەتەر بىر ھاياتقا بولغان ئىنتىلىش بىلەن بىللە يەنە بىر خىل چۈشىنىپ بولغىلى بولمايدىغان ئەنسىرەش، تەشۋىش گىرەلەشكەن ھېسسىياتتا شىمالىي ياۋروپادىكى شىۋىتسىيىگە قاراپ ئۇچتۇق. شۇ كۈندىن ھازىرغىچە ئېسىمدە قالغان ئەڭ ئېنىق تۇيغۇم ، بىز ۋەتەندىن تېخىمۇ يىراقلىشىپ كېتىدىغان بولدۇق ، دېگەندىن ئىبارەت ئىدى. قازاقىستاندا تۇرغان بۇ تۆت يىلدىكى كۆرگەن بىلگەنلىرىمىز بىزگە ۋەتەندىن ئايرىلىشنىڭ نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى، قاسراق تاشلىغان يىلانغا ئوخشاش ئەڭ قىيىن تىرىشىشلارغا تەييار يۈرىشىمىزنىڭ لازىملىقىنى ، كۆپرەك نەرسىلىرىمىزنى يۈتتىردىغانلىقىمىزنى تونۇتقان ئىدى.
بىز شىۋىتسىيىگە كېلىپ شىۋىتسىيىنىڭ ئەڭ چوڭ كۆلى ۋەننىرىن Vennernكۆلىنىڭ بويىغا جايلاشقان، گۈزەللىكتە بىر پارچە ماي بوياق رەسىمگىلا ئوخشايدىغان كىچىككىنە شەھەر كىرىستىنىھام Kristinehamn غا ماكانلاشتۇق.
يېڭى بىر ھايات ، يېڭى بىر مەدەنىيەت بىزنى كۈتىۋاتاتتى، قويۇق قەھۋە پۇراپ تۇرىدىغان مەركىزىي كوچىلىرىدا خېلى ئادەم بولغاننى ھېسابقا ئالمىغاندا سىرتلاردا كۆپ ئادەمنى كۆرگىلى بولمايتتى. بىراق كەچلەردە سودا ماگازىنلىرىدا بالا چاقىلىرى بىلەن سودىلىق قىلىۋاتقان كۆپ ئادەملەرنى ئۇچراتتۇق. دەسلەپكى بىر، ئىككى ھەپتىدە ھەممىگە قىزىقىپ قاراشتۇق. بىزگە مەسئۇل بولغان كارىنا ئىسىملىك شىۋىت ئايالنىڭ ياردىمىدە ئائىلىمىزگە كېرەكلىك بولغان ئەشيالارنى تولۇقلىدۇق. بۇ جەريانلاردا مەن كارىنانىڭ قىزلىرىمنىڭ ئېھتىياجلىرىغا ئالاھىدە ئېتىبار بېرىۋاتقانلىقىنى ، ئۇلار بىلەن قىزغىن ،دوستانە بىر باغلىنىشنى شەكىللەندۈرۈشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنى سەزدىم. قىزلىرىممۇ بۇ ئايالغا بەكلا ئامراق بولۇپ كەتتى. 9-ئاينىڭ بىرىنچى ھەپتىسىدىن باشلاپ قىزلىرىم شىۋىت تىلى ئۆگىنىش سىنىپىدا ، بىز «شىۋىت تىلى كۆچمەنلەر ئۈچۈن»
SFI مەكتىپىدە ئوقۇشنى باشلىدۇق. بۇ چاغدا چوڭ قىزىم 12 ياشقا ،كىچىكى 7 ياشقا كىرگەنىدى. قىزلار ھەممە نەرسىگە قىزىقاتتى، لېكىن ئېھتىيات قىلىۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى ،بىز چوڭلار كۆپ ھاللاردا بالىلارنىڭ بىزدىنمۇ بەكرەك سىنچى ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالىمىزكەن.كەچتە ئۆيگە جەم بولغىنىمىزدا بالىلىرىم كۆرگەنلىرىنى،ھېس قىلغانلىرىنى بىز بىلەن ئورتاقلىشاتتى. ئالمۇتا ۋە ۋەتەن بىلەن سېلىشتۇراتتى. مەنغۇ كەلگەندىن بۇيان ھېچ ئىسسىمىدىم، بىر خىل سوغۇق شامال گەدىنىمنى قورۇپلا تۇراتتى. بىر دەمدىلا ئۈچ ئاي ئۆتۈپ كەتتى، قىزلارنىڭ تىلى راۋۇرۇس چىقىپ قالدى. بايقىسام،ئەمدى ئۇلار ئۆيدە شىۋىتچىنى ئارىلاشتۇرۇپ پاراڭلىشىدىغان بولدى. ئۇلار مەكتەپ كۈتۈبخانىسىدىن توختىماي ئاددىي تىلدا يېزىلغان بالىلار كىتابلىرىنى ئارىيەت ئېلىپ ئوقۇيتتى. بىز ئەر-ئايال بالىلىرىمىزغا قارىغاندا ھېچقانچە ئۆگىنەلمىدۇق.
شۇ يىلى 11-ئايدا تىل ئۆگىنىش مەكتىپىمىز ھەرقايسى مىللەت كۆچمەنلىرىنىڭ مىللىي ئۆرۈپ ئادەت بايرىمىنى ئۆتكۈزمەكچى بولدى. شۇڭا مەكتەپتىكى ھەممىمىز مىللىتىمىز بويىچە گۇرۇپپىلارغا بۆلۈندۇق. مەكتەپ بويىچە بىزنىڭلا سانىمىز ئەڭ ئاز بولۇپ بىز ئىككى ئۇيغۇر ئائىلىسى بار ئىدۇق. بىز تۆت جان ، يەنە ئۇيغۇر ئائىلىسى بولسا 10 ياشلىق ھەم 3 ياشلىق بالىلىرى بار بىر يالغۇز ئايال ئىدى. بىز بىرلىكتە تەييارلىقنى باشلىۋەتتۇق. بۇ ئىشلارنى بۇ يەردە يېزىشىمدىكى سەۋەب ، قىزلىرىمنىڭ ئۆزىنىڭ كىملىكىنى ئىزدەش ۋە تونۇش، ئۇنى نامايان قىلىش سەپىرى مۇشۇ يەردىن تارتىپ رەسمىي باشلاندی. تەييارلىقنىڭ تۇنجى كۈنى كەچتە چوڭ قىزىم تەييارلىق پىلانىنى يېزىپ بىزگە كۆرسەتتى. كۆرۈپ ھەيران قالدىم. تەييارلىق جەريانىنى ئىككىگە بۆلگەن بولۇپ بىرىنجى، ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇرلار ۋەتىنى ھەققىدە ماتېرىيال توپلاش . بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار كىم ؟ نەدە ياشايدۇ؟ دۆلەت نامى، بايرىقى دېگەندەك مەزمۇنلار بار بولۇپ بۇنى سىڭلىسى ئىككىسى تەييارلايدىكەن ، بىز ياردەم قىلىدىكەنمىز. ئىككىنجى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە ئائىت بەلگىلەر يەنە مىللىي كىيىم – كېچەك، يېمەك – ئىچمەك، سەنئەت نومۇرلىرى دېگەندەك مەزمۇنلار بولۇپ بۇنىڭغا بىز چوڭلار مەسئۇل بولىدىكەنمىز،بالىلار ياردەملىشىدىكەن. مەن بىرىنجى مەزمۇننى قىزلىرىمغا ئېغىر كۆرگەن بولساممۇ بىراق ئۇلارنىڭ جاسارىتىگە ئىلھام بېرىش ئۈچۈن ماقۇل بولدۇم. بۇ جەرياندا قىزلىرىم شۇ قەدەر ھاياجانلىنىپ كەتكەن ئىدىكى ھەر كۈنى مەكتەپتىن كېلىپلا كومپيۇتېرنىڭ ئالدىدىن نېرى كەتمەيتتى. ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئۇچۇرلارنى توپلايتتى، سوئال سورايتتى. چوڭ قىزىم بايرىقىمىز ئۈچۈن پويىزدا تۆت سائەت ئولتۇرۇپ ستوكھولمدىن بايراقنى ئېلىپ ئۆيگە كەلگەندە كۆزلىرىدە چاقنىغان نۇر، سۆزلىرىدىكى ھاياجان ھېلىمۇ ئېسىمدە.
ئۇلار توردىن تاپقان ماتېرىياللارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئۇيغۇر تىلىدا بولغاچقا ، مەن ئوقۇپ بەردىم ، بۇ ئىشمۇ ئۇلارنى ئويلاندۇردى ھەم ئۇيغۇرچە يېزىقنى ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى ئاشۇردى دېگەندىن كۆرە مۇھىملىقىنى تونۇتتى دېسەم تېخىمۇ توغرا بولىدۇ.ۋەتىنىمىزنىڭ يەر كۆلۈمىنىڭ شىۋىتسىيەدىن ئۈچكە تەڭ كېلىدىغانلىقىنى بىلگەندە ۋاھ! دەۋەتتى ئۇلار. ماخمۇت قەشقىرىنىڭ تۇنجى دۇنيا خەرىتىسىنى سىزغانلىقىنى ،ئۇيغۇر دېگەن نامنىڭ ئۇيۇشماق، بىرلەشمەك دېگەن مەنانى بىلدۈرىدىغانلىقىنى بىلگەندە ھەدە – سىڭىل ئىككىسى ئالقانلىرىنى بىر بىرىگە ئۇرۇپ yes دەپ خۇشال بولۇشتى. بۇ بايرامدا ھەممىمىز ئۇيغۇرلۇقىمىزنى نامايان قىلىدىغان كىيىملەرنى كىيدۇق، داستىخانىمىزنى ئۇيغۇرچە تائاملار بىلەن بېزىدۇق، بىزگە ئايرىلغان ئورۇنغا بايرىقىمىزنى تىكلىدۇق، كەينىمىزگە ئۇيغۇرلار تونۇشتۇرۇلغان شىۋىتچە يازمىنى ئاستۇق، تارىخىمىزدىكى مۇھىم بەلگىلەرنى، قەھرىمانلىرىمىزنىڭ سۈرەتلىرىنى ،ئىشقىلىپ قىزلىرىم توپلىغان ھەممە نېمىنى رەتلەپ چىرايلىق ئەلبۇم قىلىپ ياساپ چىقتۇق. گەرچە سانىمىز ئاز بولسىمۇ بۇ ئىككى ئائىلە بىرلىكتە كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىنى ئۆزىمىزگە تارتتۇق. ئەتىسىدىن تارتىپ كىچىك قىزىم ئوينىغان ئۇيغۇرچە ئۇسسۇل يەرلىك تېلېۋىزىيە كانىلىدا بىر ھەپتە قويۇلدى. شۇ كۈنى پائالىيەتتە كۆچمەنلەرگە ياردەم بېرىش ئىشخانىسىدىكى ئېۋا Eva ئىسىملىك ئايال يېنىمغا كېلىپ:«رەھمەت ساڭا، قىزىڭ ئۇسسۇل ئويناۋاتقاندا توخۇ ئەتلىرىم ئۆرلۈپ كەتتى، بەك چىرايلىق ئۇسسۇلكەن» دېدى ھەمدە بىردەم پاراڭلىشىپ قالدۇق. ئۇ ئۇيغۇرلارنى خېلى ئوبدان بىلىدىكەن. سۆھبەتتە ئۇ ماڭا مۇنداق بىر قىممەتلىك سۆزلەرنى قىلدى.«بالىلىرىڭنىڭ ئانا تىلىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىغا بەك دىققەت قىل.شىۋىتچىنى بالىلار ئانا تىلىدەك ئۆگىنىپ كېتىدۇ.لېكىن كۆپ قىسىم بالىلارغا ئۆزىنىڭ ئانا تىلى چەتئەل تىلىدەك بولۇپ قالىدۇ. دۆلىتىمىزمۇ بالىلارنىڭ ئانا تىلىنى ساقلاپ قېلىشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ.ئەگەر بالىلىرىڭنىڭ ئانا تىلى يوقالسا ئۇلارنىڭ ۋەتىنىڭدىكى تۇققانلىرى بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈلىدۇ.». بىر شىۋىت ئايالنىڭ ئېغىزىدىن بۇنداق گەپنى ئاڭلارمەن دەپ ئويلىمىغانتىم، چوڭ قىزىممۇ ئوتتۇرىمىزدا تەرجىماللىق قىلىۋاتقاچ كۆزىمنىڭ ئىچىگە قاراپ قويدى.بۇ قاراش ماڭا « شۇنداق قىلالامسىز ئاپا؟» دېگەندەك تۇيۇلدى.
ئېۋانىڭ گېپى ئەلۋەتتە مېنىڭمۇ ئويلىغىنىم ئىدى ، لېكىن قانداق قىلىشنى بىلەلمەيتتىم ھەم ئۆزۈممۇ شىۋېت تىلىنى يېڭىدىن ئۆگىنىۋاتقاچقا تەبىئىيلا بالىلىرىمغا ئەگىشىپ قالاتتىم.قانداق قىلىش كېرەك؟
مەن يولدىشىمنىڭ مەسلەھىتى بىلەن تۆۋەندىكىدەك پىلان تۈزدۈم. قىزلىرىمنىڭ بۇ پىلاننى ئەركىن، راھەت ئورۇندىشى ئۈچۈن پىلاندىكى ئىشلارنى تەبىئىي شەكىلدە قىلماقچى بولدۇق .
ھەر كۈنى بالىلار مەكتەپتىن قايتىپ ئۆيگە جەم بولغان پەيتتىن تارتىپ تاكى كەچلىك تاماقنى يەپ ئاشخانا ئۆينى يىغۇشتۇرۇپ چىققۇچە بولغان تۆت سائەتنى مەخسۇس ئۇيغۇرچە ۋاقىت دەپ ئايرىپ ،مۇشۇ تۆت سائەتتە ئۇيغۇرچىلا پاراڭلىشىمىز، بىر ئاي ئىچىدە كىم ئەڭ ياخشى بولسا بىر تەلىپىنى ئورۇندايمىز ھەم ھەدىيە بېرىمىز ، دەپ بېكىتتۇق. ھەممىمىز قوشۇلدۇق. قىززىق ئىش،ھە دېگەندىلا بۇ قائىدىمىزگە بىز چوڭلار ئەمەل قىلالماي قىزلارنىڭ كۈلكىسىگە قالدۇق. شىۋېت تىلىنى جانلىقىراق ئۆگىنىش ئۈچۈن ئاشخانا ئۆيۈمدىكى توڭلاتقۇ، ئىشكاپلارغا ئاشخانىدا كېرەكلىك سۆزلۈكلەرنى چاپلىۋالغانىدۇق، تاماق ئەتكەچ تەبىئىيلا نەرسىلەرنىڭ نامىنى قەغەزگە قاراپ شىۋىتچە ئاتاپ قالىمەندە ،قىزلىرىم بۇنى ئاڭلاپ قالسا«ئاپا بىر نومۇر تارتىلدى»دەپ يېزىپ قويىدۇ.لېكىن ئۆزۈمگە ئاسان بولسۇن دەپ پىلاننى ئۆزگەرتسەم بولمايدۇدە شۇڭا كېلىشكىنىمىزدەك شۇ بىر كۈندە كىم خىلاپلىق قىلسا شۇ كۈنكى تاماق قاچىسىنى يۇيۇش قائىدىسى بويىچە قازان قومۇچنى تولىراق مەن يۇيۇپ قالدىم. مەن بالىلارنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىمۇ كۆتۈرۈش مەقسىتىدە تۇرمۇش سۆزلىرىنىڭ مەنىداش ئەدەبىي سۆزىنى تاللاپ قوللاندىم. ئۇلار چۈشەنمىسە چۈشەندۈرۈپ قويدۇم. مەسىلەن، بىر جۈمە كۈنى كىچىك قىزىم بىر تورت ياساپتۇ،مەن«بەك كۆركەم بوپتۇ» دېسەم قىزىم تۇمشۇقلىرىنى ئۇچلاپ ئۈمچەيدى، مەن دەرھال«كۆركەم دېگەن چىرايلىق، ھەيۋەتلىك دېگەن گەپ» دەپ ئىزاھەت بەردىم. ئەمەلىيەتتە، تۆت سائەت پەقەت ئۇيغۇرچىلا پاراڭلىشىش ئاسان ئەمەسكەن، بىزنىڭ تىلىمىزدا خىتاي تىلىدىن كىرگەن سۆزلۈكلەر، ئالمۇتىدا تۇرۇپ سىڭدۈرۈۋالغان رۇسچە سۆزلۈكلەر، ئەمدى شىۋىتچە …ئىشقىلىپ سائەت تۆتتىن سەككىزگىچە سۆزلۈكلىرىمىزنى تۈزىتىشىپ، كۈلىشىپ تولىمۇ راھەتلىنىپ كېتىمىز.«ئاپا ياڭيۇ دېمەيمىز،بەرەڭگە دەيمىزكەن.»،«خاجۇ ئەمەس،كاۋاۋىچىن.»،«جۇۋاۋا ئەمەس، تۈگرە.»،«جوزا ئەمەس،ئۈستەل.»،«مەھلىيا، كانياشنا(رۇسچە) ئەمەس، ئەلۋەتتە.»
شۇنداق قىلىپ تۆت سائەتلىك ئۇيغۇرچىلا سۆزلەش پروگىرامىمىزدىن ياخشى مەنپەئەت ئالدۇق. كېيىنچە ئۆيدە ئۇيغۇرچىلا پاراڭلىشىدىغان بولدۇق. قىزلىرىممۇ يالغۇز قالسا ئۇيغۇرچە سۆزلىشىدىغان بولدى. لېكىن قىزلىرىم ئۈچۈن ئۇيغۇرچە پاراڭلىشىدىغانغا بىزلا بارىدۇق. شۇڭا قىزلىرىم ئۆيدە چاغدىلا بوۋا-مومىلىرىغا تېلفۇن ئۇرۇپ پاراڭلىشاتتۇق. قىزلار ئۇلار بىلەن پاراڭلاشقاندا ئېچىلىپ، يېيىلىپ كېتەتتى. ئاپام « قىزلار ئۇيغۇرچىنى بەك ياخشى سۆزلەيدىكەن بالام، بۇ يەردە ئۇلاردەك بالىلار ئۇنداق سۆزلىيەلمەيدۇ. كۆڭلۈم ئەجەپمۇ خاتىرجەم بولۇپ قالدى» دېگەنىدى.
بۇ ئىشنى ئويلىسام كۈلۈپ كېتىمەن. بىر قېتىم ئاپام تېلفۇندا بۇ يەردىكى ئەھۋاللىرىمنى سورىدى ، مەن ئاپامغا« ئەنسىرىمەڭ، ئوقۇشنى پۈتتۈرۈپ يېڭى ئىشقا كىردىم، پۇتلىشىپ ،يىقىلىپ، بۇرۇنلىرىمنى قانىتىپ يۈرۈپ ئىشنىڭ يولىنىمۇ بىلىپ قالدىم» دېدىم. تەجرىلەرنى توپلىدىم دېگەننى «پۇتلىشىپ، يىقىلىپ، بۇرۇنلىرىمنى قانىتىپ» دېگەن كۆچمە مەنىدە ئىشلەتكىنىمنى ئاپام بىلگەن بىلەن يېنىمدا گېپىمىزنى ئاڭلاپ تۇرغان كىچىك قىزىمنىڭ چۈشەنمەيدىغانلىقى ھېچ يادىمدا يوق، پاراڭ تۈگەپ تۇرۇپكىنى قويغاندىن كېيىن قىزىم بوينۇمغا ئېسىلىپ يىغلاپ كەتتى، مەنمۇ نېمە بولغىنىنى بىلەلمەي جىددىيلەشتىم. « ئاپا، ئىشىڭىزدا يىقىلىپ چۈشۈپسىز، بۇرنۇڭىزمۇ قاناپ كېتىپتۇ، نېمىشكە بىزگە دېمىدىڭىز؟» دېمەسمۇ، قاقاھلاپ كۈلۈپ كەتتىم.
بىز ئۇيغۇر جامائىتىگە يېقىن تۇرۇش ئۈچۈن ستوكھولمغا كۆچۈپ كەلدۇق. بۇ يەردە ئۇيغۇرلار كۆپرەك بولغاچقا ھايات يەنە باشقىچە ئىدى. تۈرلۈك يىغىلىشلار، پائالىيەتلەر بولۇپ تۇراتتى. ھەر قېتىمقى بۇنداق يىغىلىشلاردا قىزلىرىمنى ئاكتىپ بولۇشقا رىغبەتلەندۈردۈم. بۇ يەردە قىزلىرىمنى تونۇيدىغان ھەممەيلەن ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرچىنى چىرايلىق سۆزلەيدىغىنىنى ماختاپ ئۇلارنى«ۋەتەن پۇرايدىغان قىزلار» دېيىشتى.
ئېۋا دېگەندەك قىزلىرىمنىڭ شىۋېتچە ھەم ئېنگلىزچە تىلى خۇددىي ئانا تىلىدەك بىمالال چىقىپ كەتتى. ئۆيدىكى تۆت سائەتلىك ئۇيغۇرچىلا سۆزلەش تەرتىپىمىز ئۆيدە ئۇيغۇرچىلا سۆزلەشكە تەبىئىي ئۆزگەردى. ھەتتا تېلفۇن ئۇچۇرلىرىمىزنىمۇ ئۇيغۇرچە يازىدىغان بولدۇق.
كېيىنچە جۈمە كەچلىكىنى «ئۇيغۇر كېچىلىكى »قىلىپ بېكىتتۇق.ھەر جۈمە كۈنى كەچتە قىزلىرىم بىلەن ئۇلار ياخشى كۆرىدىغان ئۇيغۇرچە تاماق ئېتىمىز، ئۇيغۇرچە ناخشا، ئۇسسۇل، شېئىر كەچلىكىمىزگە ھۆسن قوشتى، ئاخىرىدا ئۇيغۇرچە كىتاب ئوقۇيمىز. بۇ ئادىتىمىز تاكى قىزلىرىم تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەنگە قەدەر داۋاملاشتى. ھازىرمۇ ھەممىمىز جەم بولۇپ قالساقلا مۇشۇنداق كېچىلىك ئۆتكۈزۈپ قويىمىز. بۇ كېچىلىكلەردە قىزلىرىمغا لوتپۇللا مۇتەللىپ، ئابدۇخالىق ئۇيغۇرى، رىزۋانگۈللەرگە ئوخشاش قىممەتلىك كىشىلىرىمىزنى تونۇتتۇم.ھازىر قىزلىرىم ئوقۇش ۋە خىزمەت ئىشلىرى بىلەن سىرتتا كۆپرەك بولۇپ قالىدىغانلىقى ئۈچۈن ئائىلە ۋاتساپ توپىمىزدا ئۇچۇر ئالاقىدىن باشقا كىتاب ئوقۇش، شېئىر يادلاش ئادىتىمىزنى ئىزچىل ساقلاپ كېلىۋاتىمىز.
تۆۋەندىكى كىچىك قىزىم مەھلىيانىڭ شېئىرى
بەلكىم ، بىر كۈنى
مەھلىيا مىرزەخمەت
بەلكىم بىر كۈنى ئاشۇ شاماللار مېنى قايتىدىن قۇچاقلار،
بىز نېمىشقا خوشلاشقىنىمىزنى بىلمىگەندە بىزنى چىڭ قۇچاقلىغان شامال.
بەلكىم بىر كۈنى ئاشۇ كوچىلاردا ماڭغاندا تونۇردىن يېڭى چىققان ناننىڭ پۇرىقى بۇرنۇمغا ئۇرۇلار،
دادام تۇنجى سۆيگۈسىنى ئويلاپ ماڭغان كوچىلار.
بىر كۈنى بوۋامنىڭ ئۇزۇن ساقىلىنى يەنە كىچىك ۋاقتىمدىكىدەك تاراپ قويارمەن ،دەپ ئويلىغان،
ئەمما بوۋام مېنى كۈتۈشتىن زېرىكتى.
بەلكىم بىر كۈنى خەقلەر مەندىن «سىز كىمۇ؟ » دەپ سورىسا كۆزۈمدىن ياش ئاقماس.
بەلكىم بىر كۈنى مومامنىڭ قورۇسىدا يەنە قايتىدىن ئوينارمەن، ئۇنتۇپ قالاي دېگەن قورۇدا.
بەلكىم بىر كۈنى بىر گۈزەل كۈنى
ئۆزۈمنى باي ھېس قىلارمەن
پۇل بىلەن ئەمەس،
مۇھەببەت، خۇشاللىق ۋە خاتىرىلەر بىلەن.
تېخى بەلكىم مومامنىڭ قۇچىقىدا يېتىشىم مۇمكىن،
مېنىڭ چۈشۈمگىلا كىرىپ
ئويغانغاندا يېنىمدا يوق مومام.
بەلكىم بىر كۈنى چۈشلىرىمنى ئەسلىمىلەر بىلەن
ئەسلىمىلەرنى چۈشلىرىم بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ قويارمەن.
بەلكىم بىر كۈنى كىم بىلىدۇ مەن ئاخىرى ئۆيۈمنى تاپارمەن،
«ئاشۇ كۆك بايراق ئەركىن لەپىلدەيدىغان يەردىن كەلدىم» دەرمەن.
سۈرەتتە :مەھلىيا مەدەنىيەت بايرىمىدا ئوينىغان ئۇسسۇلدىن كۆرۈنۈش.
تۈگىدى.