ئاپتورى: روزىنىسا
مۇستەقىللىق ، ئىنسان تەبىئىتىدىكى تۇغما ئىنتىلىش. ئۇ يەنە باشقىلارنىڭ سايىسىدا ئەمەس، بەلكى ھەممە ئىشنى ئۆزى مۇستەقىل قارار بىلەن ۋۇجۇتقا چىقىرىشتىن ئىبارەت ئىنسانلاردىكى تۇغما ۋە ئەڭ ئىپتىدائىي ئارزۇدىن ئىبارەت . چۈنكى مۇستەقىل پىكىر قىلالايدىغان، ئۆزىنىڭ ئىشىنى باشقىلارغا بېقىنماي(يالۋۇرماي) مۇستەقىل ئېلىپ بارالايدىغان ئىنسانلا ھاياتىنى پەخىرلىنىش ئىچىدە ئۆتكۈزەلەيدۇ. بىر مىللەتمۇ دەل شۇنداق.
بىراق بۇ مۇستەقىللىق، ھەرگىزمۇ ئويلاش بىلەن،ئۆز ۋەتىنىنى بېسىۋالغان تاجاۋۇزچىلارغا نەپىرەت بىلدۈرۈش ياكى شوئارتوۋلاش بىلەنلا قولغا كەلمەيدۇ. بۇ ئارزۇغا يىتىش ئۈچۈن بىرىنچىدىن، شۇ ئىنساندا ياكى شۇ بىر(قەۋىم) مىللەتنىڭ ئۆزىدە شۇ ئارزۇغا يىتىشكە بولغان كۈچلۈك ئىنتىلىش بولىشى كېرەك؛ ئىككىنچىدىن شۇنداق بىر ئىمكانىيەتكە يىتىش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئىچكى ۋە تاشقى شارائىتلار يىتىلگەن بولىشى كېرەك( بۇ سۆزنى كەڭ مەنىدىن چۈشۈنىشكە بولىدۇ)؛ ئۈچىنچىدىن، شۇ مىللەت ۋە ياكى قەۋىمنىڭ مۇستەقىللىق ئارزۇسى، باشقا بىر كۈچلۈك دۆلەتنىڭ دۆلەت مەنپەتىگە ئۇيغۇن بولىشى كىرەك؛ تۆتىنچىدىن، (بۇ بەك مۇھىم ئامىل) شۇ مىللەت ئۆزىنىڭ مۇستەقىللىق ئارزۇسىنى كۇچلۇك ۋە توغرى بىر ئۇسۇلدا (ئوت قويۇش، تاش ئېتىش دىگەندەك بالىلارچە ئۇسۇلدا ئەمەس) دۇنياغا ۋە ئۆزىنىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللاش ئېھتىمالى بولغان دۆلەتلەرگە بىلدۈرەلشى كېرەك؛بەشىنچىدىن، شۇ قەۋىم ياكى شۇ مىللەت ئۆزلىرىنىڭ كەلگۈسىدە قانداق بىر تۇزۇلمىدىكى دۆلەت قۇرىدىغانلىقىنى ( بۇ بەك مۇھىم)، شۇ كەلگۈسىدىكى دۆلەتنىڭ ئۆزىنى قوللىغان ۋە ئۆزىگە قىيىن كۈنلەردە يار- يۆلەك بولغان دۆلەت بىلەن قانداق بىر ئۇسۇلدا ھەمكارلىشالايدىغانلىقىنى ئىنىق بىلدۈرەلىشى كېرەك. بۇنىڭ مىساللىرى توۋەندىكىچە:
ئامېرىكا ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە گومىنداڭ پارتىيىسىنى زور كۈچ بىلەن قوللىغان، بىراق ئامېرىكىنىڭ ياردەم ئۈچۈن بەرگەن پۇللىرى گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقۇرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ چۆنتىكىگە كىرىپ كىتىپ، ئامېرىكىنى زور دەرىجىدە ئۆمۇتسىزلەندۈردى . گەرچە گومىنداڭ تەيۋەنگە قېچىپ بېرىپ قۇتۇلغان بولسىمۇ، ئامېرىكىنىڭ گومىنداڭ پارتىيەسىگە بولغان ئىشەنچىسىگە خاتىمە بىرىلدى. پەقەت جاڭ كەيشىنىڭ ئوغلى جاڭ جىنگو ھوقۇق تۇتقاندىن كىيىنلا تەيۋەن دىموكراتىك دۆلەت تۈزۈلمىسىنى يولغا قويۇپ، تەيۋەندە يىڭى بىر ئۆزگۈرۈش پەيدا قىلدى. نەتىجىدە تەيۋەن تەدرىجى ھالدا ئامېرىكىنىڭ ۋە دۇنيانىڭ قوللىشىغا ۋە ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى. ئۆتكەنكى 20 يىل جەريانىدا ئامېرىكا گەرچە تەيۋەننى پۈتۈنلەي تاشلىۋەتمىگەن بولسىمۇ، يىللاردىن بىرى ئامېرىكىنىڭ جوڭگۇ بىلەن بولغان ئىتىسادىي مەنپەئەت كېلىشىملىرىدە تەيۋەن پەقەت بەزىدە بىر كۇزۇرلۇق رولىنى ئوينىسا، يەنە بەزىدە پەقەت بىر ئەرزىمەس پىچكىلىق رولىنى ئوينىدى. تەيۋەن ھەتتا ھەممە نەرسىسى بار تۇرۇپ ئۆزىنى بىر» مۇستەقىل دۆلەت» دەپمۇ ئىلان قىلالمىدى. ھەتتا خەلقئارادىكى بارلىق دىپلوماتىك ۋە ئىقتىسادىي ھەمكارلىق سورۇنلىرىدا تەيۋەن جوڭگۇ ھۆكۈمىتىنىڭ داۋاملىق چەكلىمىسىگە ئۇچراپ كەلدى. بۇنىڭغا ئامېرىكا باشلىق پۈتۈن دۇنيا ئۇزۇن مەزگىل سۈكۈت قىلدى. پەقەت يېقىنقى 8 يىلدىن بىرى دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش پارتىيىسى سايلامدا گومىنداڭ پارتىيىسىنى يېڭىپ، تەيۋەن ھۆكۈمىتى تەيۋەن خەلقىنىڭ مۇستەقىللىق ئىدىيىسىنى ناھايىتى ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىپادىلىدى. تەيۋەننىڭ ئۆتكەن نۆۋەتتكى پىرزىدانتى ساي يىڭۋېن خانىم جوڭگۇ ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر خىل بىسىملىرىغا پەرۋا قىلماستىن دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ، بىر مۇستەقىل دۆلەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلارنى قىلدى. ئۇنىڭ چاقىرىقلىرى گەرچە جوڭگۇ ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق غەزىپىنى كەلتۈرگەن بولسىمۇ، بىراق خەلقارانىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشتى. نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ بۇرۇن تەيۋەن ئۈچۈن تاقالغان دەرۋازىلىرى ھازىر باشقىدىن ئېچىلدى، دۇنيانىڭ تەيۋەننى قوللاش ئاۋازى باشقىدىن ياڭراشقا باشلىدى. ئامېرىكا ئۆتكەن نۆۋەتتىكى پىردانتى جو پايدىنمۇ قىسقىغىنا نەچچە ئاي ئىچىدە تۆت قېتىم ئۆز ئاۋازى بىلەن «ئەگەر جوڭگۇ تەيۋەنگە قوراللىق ھۇجۇم قىلسا، ئامېرىكا تەيۋەننى قوغدايدىغان» لىقىنى ئوچۇق جاكارلىدى. ئامېرىكىنىڭ ئايروپىلان توشۇغۇچى چوڭ تىپتىكى پاراخوتلىرى (ئاۋىئاماتكا) تەيۋەننىڭ دېڭىز ئارىلىدىن ئورۇن ئالدى. ئۇنىڭدىن سىرت يېقىنقى ئىككى ئايدىن بىرى پۈتۈن دۇنيادىن تەيۋەنگە زىيارەتكە بېرىۋاتقان يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى. بۇ ھەرىكەتلەر تەيۋەننىڭ خەلقئارادىكى ئورنىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتەردى.
ئەمدى نەزىرىمىزنى ئوكرائىناغا يۆتكەيلى. ئەڭ دەسلىۋىدە رۇسىيە ئوكرائىناغا تاجاۋۇز قىلغان چاغدا، ئامېرىكا پىرزىدانتى جو بايدىن» رۇسىيە بىلەن ئوكرائىنا ئوتتۇرسىدىكى بۇ ئۇرۇشقا ئامېرىكىنىڭ ئارىلاشمايدىغانلىقىنى، ئامېرىكا باشتىن ئاخىرى بىتەرەپ بولۇپ تۇرىدىغانلىقىنى» بىلدۈرگەن ئىدى. بىراق ئۇرۇشنىڭ داۋاملىشىشىغا ئەگىشىپ، ئامېرىكا باشلىق ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ئوكرائىناغا بولغا كۆز قارشى پۈتۈنلەي ئۆزگەردى. ئۇلار ئوكرائىنا پىرزىدانتى فولوديمير زيلينسكينىڭ جاسارىتى ئارقىلىق،پۈتۈن دۇنياغا ئۆز خەلقىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىتالايدىغان ۋە تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان قابىلىيىتىنى، ئوكرائىنا خەلقىنىڭ ئۆز ۋەتىنىنى قوغداش يولىدىكى قورقماس ئىرادىسىنى ۋە باتۇرلۇقىنى كۆردى. ئەڭ مۇھىمى، ئۇلارنىڭ ئۆز- ئارا ئىتتىپاقلىشالايدىغانلىقىنى، شەخسىي ئىختىلاپلارنى دۆلەتنىڭ مەنپەئەتى بىلەن ئارىلاشتۇرمايدىغانلىقىنى، بىر – بىرىنى سېسىتىشتىن ئىبارەت دۈشمەننى خوش قىلىدىغان، دوستىنى يىغلىتىدىغان ئىشلارنى قىلمايدىغانلىقىنى كۆردى. ئەلۋەتتە، خۇددى جوڭگۇ ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىغا نۇرغۇنلىغان پۇلغا دۇم چۈشكەن سېتىلمىلارنى كىرگۈزگەندەك، رۇسىيەمۇ ئوكرائىنا خەلقى ۋە ئەمەلدارلىرى ئارىسىدىن ئۆزى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان لالمىلارنى تەييارلىدى. ھەتتا بۇ لالمىلارنىڭ قولىغا قورال تۇتقۇزۇپ ئۇلارنى ئوكرائىنانىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن كۆرەش قىلىۋاتقانلارنىڭ ئارقىسىدىن ئوق ئاتقۇزدى. ھەتتا ئۇلارغا شۇ زېمىندا يەنە بىر مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇپ بېرىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدىلەرنىمۇ بەردى. بىراق بۇنداق ئىشلار ئوكرائىنا پىرزىدانتى فولوديمير زيلينسكينىڭ دىققىتىنى بۇرالمىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ قىممەتلىك ۋاقتىنى بۇلارنى ئەيىبلەشكە سەرپ قىلماستىن، ئوكرائىنا خەلقىنىڭ مۇستەقىللىق ئۈچۈن قانلىق جەڭ قىلىۋاتقانلىقىنى، ھەتتا قىزلار، ئانىلارنىڭمۇ قولىغا قورال ئالغانلىقىنى، ئۇلار ياردەمگە مۇھتاج ئىكەنلىكىنى دۇنياغا ئاڭلاتتى. نەتىجىدە فولوديمير زيلينسكي يەڭدى. ئوكرائىنا خەلقى يەڭدى. بۇلارنىڭ ئىش ھەرىكىتى پۈتۈن دۇنيانى قايىل قىلدى. دۇنيا لىدىرلىرىنىڭ قەلبى، دۇنيانىڭ دەرۋازىسى ئۇلار ئۈچۈن ئېچىلدى. مانا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئامېرىكا پىرزىدانتى ئۆزىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى «ئارىلاشماسلىق» سىياسىتىنى ئۆزگەرتىپ، ھازىر ئوكرائىنانى زاۋۇتتىن يېڭىدىن چىققان ئەڭ ئىلغار قوراللىرى ۋە باشقا تەمىناتلىرى بىلەن قوللىدى. ئامېرىكىنىڭ قوللىشى ئوكرائىنانىڭ ھازىرى ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى كەلگۈسىدىكى دۆلەت مۇداپىئە قۇرلۇشى ئۈچۈنمۇ مۇھىم ئۇل بولۇپ سېلىندى. ئامېرىكىغا ئەگىشىپ ياۋروپادىكى باشقا دۆلەتلەرمۇ ئوكرائىنانى قوللاشقا باشلىدى. بۇگۈنكى كۈندە دەسلىۋىدە قۇسۇر تېپىپ ئوكرائىناغا تاجاۋۇز قىلغان رۇسىيە مانا ئەمدى ئۆزىنىڭ زىمىن تۇپرىغىنى قوغداشنىڭ غېمىدە قالدى. رۇسىيە ئەسكەرلىرى بۇ قېتىمقى جەڭدە بەك كۆپ چىقىم بولدى. ئامالسىز قالغان ۋىلادىمىر پۇتىن رۇسىيە تۇپرىغىدىكى 18 ياشتىن 65 ياشقىچە بولغان ئەرلەر ئارىسىدىن يەنە 300 مىڭ ئەسكەر قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى جاكالىۋىدى، رۇسىيىدىكى 18 ياشتىن 65 ياشقىچە بولغان ئەرلىرى بار ئائىلەلەر بىر كېچىدىلا كۈدە -كۆرپىسىنى كۆتۈرۈپ چېگرا سىرتىغا ئۆزىنى ئېتىشقا باشلىدى. چۈنكى باتۇر رۇس مىللىتى ئۇرۇش خۇمار پىرزىدانتنىڭ قولىدىكى پىچكىسى بولۇشنى خالىمىدى. بىرلا ۋاقىتتا رۇسىيەدىن باشقا دۆلەتلەرگە بارىدىغان ئايروپىلان بېلىتىنىڭ باھاسى 10 ھەسسە ئۆرلەپ كەتتى. بۇ يەتمىگەندەك پۇتىننىڭ بۇيرۇقى بىلەن بارلىق ئايروپورتلار ئەسكەرلىك يېشىدىكى ئەرلەرنى چېگرا تېشىغا چىقارماسلىق بۇيرۇقى تاپشۇرۇپ ئالدى. بىراق ئۇرۇشتىن جاق تويغان رۇس خەلقى ماشىنىلىرى بىلەن ئۆزلىرىگە ئەڭ يېقىن جايدىكى چىگىرلارغا قاراپ قېچىشقا باشلىۋىدى، يوللار بىردىنلا ماشىنىلار بىلەن توشتى. ئالدىرىغان يولدا قالار، دىگەندەك، كىشىلەر يول ئۈستىدە قالدى. ماشىنا بىلەن قاچقىلى بولىدىغان چىگىرلارمۇ تىزلا تاقالدى.
رۇسىيىنىڭ ئوكرائىناغا قوزغىغان تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلىشىش ئالدىدا تۇرغان بۈگۈنكى كۈندە ، خەلقارا ۋەزىيەتتە نۇرغۇن ئىشلار كىشىلەرنىڭ بۇرۇنقى پەرەزلىرىدىن ئېشىپ كەتتى. بىراق بۇ يەردە بىر مەسىلە بىزنىڭ قايتا ئەسلەپ ئۆتۈشىمىزگە ئەرزىيدۇ: ئوكرائىنا رۇسىيىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان دەسلەپكى مەزگىللەردە، ئامېرىكا پىرزىدانتى جو بايدىن ئامېرىكىنىڭ بۇلارنىڭ ئوتتۇرسىدىكى زىددىيەتكە ئارىلاشمايدىغانلىقىنى ئوچۇق ئاشكارا ئىلان قىلىشىدىن ھازىرقى ئامېرىكىنىڭ ئوكرائىنانى قوللىغۇچى ئەڭ كۈچلۈك بىر كۈچ بولۇپ قېلىشى، بىزنىڭ تەپەككۇرىمىزنى ئويغىتىشقا ياردىمى بولماسمۇ؟! بۇنىڭ سەۋەبىنىڭ نىمىدىن ئىبارەت ئىكەنلىگىنى بىلگۈمىز كەلمەسمۇ؟ نېمە ئۈچۈن قىسقىغىنا نەچچە ئاي ئىچىدە ئامېرىكىنىڭ سىياسىتىدە شۇنداق زور ئۆزگىرىش بولىدۇ؟ بۇ يەردىكى ئەڭ مۇھىم بىر مەسىلە شۇكى، ئامېرىكا ئوكرائىنا ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنى ( بۇرۇنقى رىقابەتچىسى) رۇسىيەنى ھالسىرىتالىشىغا كۆزى يەتتى. ئوخشاشلا نۆۋەتتە ئامېرىكىنىڭ ئىچكى قىسمىدا جوڭگۇ كوممۇنىستىك پارتىيىسى رەھبەرلىگىدىكى جۇڭگومۇ ئامېرىكىنىڭ رۇسىيىگە ئوخشاش يەنە بىر دۈشمىنى ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت ئۇقۇم ئامېرىكىنىڭ سىياسۇنلىرى ئارىسىدا بارغانسېرى ئىنىق ۋە مۇئەييەن بىر يۆلۈنۈشكە ئايلانماقتا.
ئاخىردا يەنىلا سورايدىغىنىم»ئامېرىكا ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەجىللىق كۆرىشىنى قوللامدۇ؟» بۇ سۇئالنىڭ جاۋابى ئەگەر كۆڭۈل قويۇپ ئىككى قىتىم ئوقۇسىڭىز،مۇشۇ ماقالىنىڭ ئۆزىدىن چىقىدۇ.
مەن بۇ ماقالىنىڭ دەسلىۋىدە دىگەندەك، مۇستەقىللىق ئۈچۈن بىز راستىنلا تەييار بولدۇقمۇ؟ بىز ئۇيغۇرنىڭ دەردىنى راستىنلا دۇنيا لىدىرلىرىغا يېتەرلىك ئۇسۇلدا ئاڭلىتالىدىقمۇ؟ دۇنيانى بىز ئۈچۈن راستىنلا يېتەرلىك قوزغىتالىدىقمۇ؟ بىز بىر ئۇيغۇر بولۇش سۇپىتىمىز بىلەن ئۆزىمىزنىڭ قىلغان ئەتكەنلىرىمىز ئارقىلىق ۋەتەننىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ئۇل سېلىۋاتامدۇق ياكى شۇ سېلىنىۋاتقان ئۇلنىڭ ئاستىنى كولاۋاتامدۇق؟ بۇنىڭ ئۈچۈن مەن ۋە سىز، ھەممىمىز، بىزنىڭ سىياسۇنلىرىمىز ۋە ئاكتىپلىرىمىز، شۇنداقلا مۇستەقىللىقنى ئارزۇ قىلغۇچى بارلىق ئۇيغۇر خەلقى، ھەممىمىز قولىمىزنى يۈرىگىمىزگە سېلىپ ئۆزىمىزنى بىر قىتىم تەكشۈرۈپ باقايلى. قېنى يۈرىكىمىز نېمە دەيدىكەن!
بىز ئۆز ئىچىمىزدىن چىققان لىدىرلىرىمىزنى قانداق قوللاۋاتىمىز؟ بېشىغا تاش ئېتىپ، يۈزلىرىگە يۇندا تۆكۈپمۇ ياكى چىن يۈرىگىمىزدىنمۇ؟ ئەلۋەتتە لىدىرلىرىمىزمۇ ئادەم، ئادەم بولغان ئىكەن ئۇلارنىڭمۇ كەمچىلىگى ۋە سەۋەنلىكلىرى بولىدۇ. بىراق بىز ھەردايىم لىدىرلىرىمىزغا ئۆزىمىزمۇ ئورۇندىيالمايدىغان تەلەپلەرنى قويۇپ كېلىۋاتىمىز. ئۇلارغا مىننەتدارلىق نەزىرىمىز بىلەن ئەمەس، دۈشمەنلىك نەزىرىمىز بىلەن قاراۋاتىمىز. ئۇلارغا ئىلھام بىرىش ئەمەس، ئۇلارنىڭ روھىنى چۈشۈرىۋاتىمىز، ئۇيغۇرنىڭ خىزمىتىنى قىلغىنى ئۈچۈن «ۋاي-دات» قىلدۇرىۋاتىمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن دەيمەنكى، بىز ئۆزىمىزنى ئۆزگەرتمەيدىكەنمىز، بىزنىڭ ۋەتىنىمىزنى قولغا كەلتۈرىشىمىز تېخىمۇ ئۇزۇنغا قالىدۇ. شۇ چاغدا بىز ئۆزىمىزنىڭ » بۇرۇنقى زاماندا ئۇيغۇر ئىكەنلىگىمىزنى، مۇستەقىل دۆلىتىمىز بولغانلىغىنى نەۋىرلىرىمىزگە ئەمەس، كۇكۇم چەۋىرلىرىمىزگە ھىكايە قىلىپ سۆزلەپ بىرىش بىلەن ئۇخلاپ قالىمىز خالاس.
مەن گەپنى شۇنچىلىك دېسەم يېتەر. ئەگەر مىنىڭ ئوقۇرمەنلىرىم ئەقىللىق بولسا مىنىڭ بۇ ماقالە ئارقىلىق نېمە دېمەكچى ئىكەنلىكىمنى چوقۇم بىلەلەيدۇ.
ئاخردا سويۈملۇۈك ئوقۇرمەنلىرىمدىن سورايدىغىنىم، بىز مۇستەقىل بىر دۆلەت قۇرۇشقا تەييار بولدۇقمۇ؟
2022- يىلى 24-سىنتەبىر
ئامېرىكىنىڭ كالىڧورنىيە شىتاتى مونتېرېي شەھرىدە يېزىلدى.
