گۇل
يۈرىكىمدە توشاق توشاق غەم،
يىغلاپ قالدى ۋەتىنىممۇ ھەم.
يالغۇز قالدى بوۋام قەۋرىسى،
ۋەتەنسىزلىك ئاچچىق ئاچچىق تەم.
ئەلەملەردە پۇچۇلانغان دىل،
سەرسانلىقتا ئۆگەيلەندى تىل.
ياشقا تولغان كۆزلەر ھەر يەردە،
قاناپ تۇردى، مۇساپىر كۆڭۈل.
ۋەتەن نىمە؟ تۇغۇلغان تۇپراق،
ۋەتەن نىمە؟كۆكلىگەن ياپراق.
ئاتقا مىنگەن بوۋام ئېزىدىن،
ئۈمۈت ئۈنۈپ تاڭ ئاتار ئاپئاق.
چاك- چېكىدىن سۆكۈلگەن ھايات،
مۆلدۈر بولۇپ تۆكۈلگەن ھايات.
ۋەتەنسىزلىك بىز بىلەن كەتسۇن،
ۋەتەن بەرسۇن ئەۋلاتقا قانات…
2026.2.11
