مەمەت ئېمىن دوختۇر
«ئېشەككە كۈچۈڭ يەتمىسە ئۇر توقۇمىغا»
— ئۇيغۇر خەلق ماقال – تەمسىلى
پىسخىكا ئىلىمىدا Displaced Anger، يەنى «نىشاندىن قايغان نەپرەت» ياكى «نىشاندىن قايغان ئاچچىقلىنىش» دەيدىغان بىر ئاتالغۇ بولۇپ، ئۇنىڭ مەنىسى «ئېشەككە كۈچۈڭ يەتمىسە، ئۇر توقۇمىغا» دېگەنگە يېقىن كېلىدۇ. يەنى ئىنسان مەلۇم سەۋەبلەردىن ئاچچىقلانغاندا ياكى غەزەپلەنگەندە، ئۆزىنىڭ ئاچچىقىنى چىقىرىش ئۈچۈن، يۈز بەرگەن ئىشلار بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋىتى بولمىغان باشقا ئىنسانلارنى ئەيىبلەپ، ياكى ئۇلارغا نەپرىتىنى ئىپادىلەپ، ئۆزىنىڭ كەيپىياتىنى ياخشىلاشقا ئۇرۇنىشى مۇمكىن؛ بۇ خىل ئەھۋال پىسخىكا ئىلىمىدە «نىشاندىن قايغان نەپرەت» دەپ ئاتىلىدۇ.
ئىنسانلار كەمسىتىلىش، ھاقارەتلىنىش، زۇلۇمغا ئۇچراش قاتارلىق ھەر خىل ھەقسىزلىك ياكى ئادالەتسىزلىكلەر تۈپەيلىدىن ئاچچىقلانغاندا، ئىنتىقام ئېلىپ ئاچچىقىنى چىقىرىشقا، ئادالەتكە ئېرىشىشكە تىرىشىدۇ. ئۇنىڭلىق ئۈچۈن قوللانغان ئۇسۇل ۋە ۋاسىتىلەر پەرقلىق ئىنسانلاردا پەرقلىق بولۇپ، بەزىلەر سوغۇققان بولۇپ، ئىنتىقام ئېلىشنىڭ ئۈنۈملۈك پىلانىنى ئىزدىسە، يەنە بەزىلەر ھېس تۇيغۇسىنى ئۈنۈملۈك كونتىرول قىلالمىغاچقا، دەرھال قارشى تەرەپنى تىللاپ، ھاقارەتلەپ، ئىچىنى بوشۇتۇشقا ۋە ئاچچىقىنى چىقىرىشقا تىرىشىشى مۇمكىن. ئەگەر ئۇ تىللاش ۋە ھاقارەتلەر نەتىجىسىدە، قارشى تەرەپ قانچە تېز راھەتسىزلەنسە، ئوسال ھالغا چۈشۈپ قالسا ياكى روھىي زەربىگە ئۇچرىسا، ئۇ ئىنسانلارنىڭ ئاچچىقى شۇنچە تېز چىقىشى ۋە راھەتلىنىشى، ھەتتا قارشى تەرەپنى يېڭىپ، غەلىبە قازانغاندەك تۇيغۇغا كېلىشى ۋە ئۆزىنى كۈچلۈك ھېس قىلىشى مۇمكىن. ئەگەر ئۇ تىللاش ۋە ھاقارەتلەر، قارشى تەرەپكە ھېچقانداق تەسىر قىلمىسا ياكى قارشى تەرەپنىڭ خىيالىغىمۇ كەلمىسە، ئۇ چاغدا ئۇ ئاسان پۇخادىن چىقماسلىقى، ھەتتا تىخىمۇ غەزەبلىنشى ۋە نەپرىتىنى باشقىلارغا يۆتكەپ، ئاچچىقىنى چىقىرىشى مۇمكىن.
يەنى ئۇنداق ئىنسانلار ئەتراپىدىن تىل – دەشنەم ئىشتسە بىئارام بولىدىغان بىرلىرىنى تىپىپ، ئۇلارنى تىللاپ – ھاقارەتلەپ، راھەتسىزلەندۈرۈش ئارقىلىق، ئىچىنى بوشىتىپ، روھىي جەھەتتە تەڭپۇڭلۇققا ئېرىشىشكە ئۇرۇنىشى مۇمكىن. ئىنسانلاردىكى بۇ خىل روھىي ھالەت، كۆپۈنچە ئەھۋالدا يوشۇرۇن روھىي ساغلاملىق مەسىلىسى، روھىي بېسىمغا تاقابىل تۇرۇش مېخانىزمىنىڭ ناچار بولۇشى ياكى ھېسسىياتىنى تەڭشەش ئىقتىدارىنىڭ كەملىكى قاتارلىق ئامىللاردىن كېلىپ چىقىدىغان بولۇپ، ئۇلار گەرچە ئۆزىنىڭ ئاچچىقلىنىشىغا سەۋەب بولغان ئامىللارنى ياخشى بىلسىمۇ، ئەمما ئاچچىقىنى كۈچى يېتىدىغان ۋە راھەتسىزلەنگەنلىكىنى ھېس قىلالايدىغان ئىنسانلاردىن چىقىرىشى مۇمكىن. مانا بۇ پىسخىكا ئىلىمىدىكى «نىشاندىن قايغان نەپرەت» ياكى بىزدىكى «ئېشەككە كۈچۈڭ يەتمىسە، ئۇر توقۇمىغا» دېگەننىڭ ئۆزى بولىدۇ.
