ئامېرىكا دۆلەتلىك ياش شائىرلار مۇسابىقىسىدا چىمپويۇن مۇكاپاتىغا ئېرېىشكەن، پېرزىدانت جېو بايدىننىڭ پىرزىدانلىق مۇراسىمىدا ئۆزىنىڭ » بىز يامىشىۋاتقان چوققا» ناملىق شىئېرى بىلەن تونۇلغان داڭلىق شائىرە ئاماندا گورماننىڭ ئامېرىكىنىڭ مىنىسوتا شىتاتىنىڭ مىنىئاپولىس شەھرىدە چىگرا ساقچىلىرى تەرىپىدىن قانۇنسىز ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن شائىرە، ئۈچ بالىنىڭ ئانىسى رېنا گوودنىڭ ئۆلۈمىگە ئاتاپ يازغان شىئېرى:
ئاپتورى: ئاماندا گورمان
دىلدار ئەزىز تەرجىمىسى
(مەن بۇ شىئېرىمنى 2026-يىلى 1-ئاينىڭ 7 كۈنى چىگىرا ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن رېنا نىكولا گوودقا ئاتىدىم.)
كىشىلەر ئۇنى كەتتى قايتا كەلمەيدۇ،دىدى،
ئۇنىڭ يوقلىقى چاقماق كەبى ئالەمشۇمۇل غۇلغۇلا پەيدا قىلدى،
چاچرىقان قانلار، قىزىلگۈل كەبى ئېچىلدى،
مۇزلىغان چاق، قىيسايغان پېتى قېتىپ قالغاندا.
يالىڭاچلانغان شاملار كۆتەردى چۇقان شۇئان،
مانا بۇ گۈللەرنىڭ تۈندىكى غەزەپلىك چوقانى،
مەدھىيەلەرنىڭ ساپ غەۋغاسى،
ئۇ بىز ئۈچۈن ئورنىدىن دەس تۇرغان چاغدا،
يۈرىگىمىزنىڭ، قايغۇمىزنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا،
يوشۇرۇنماقتا بىزنىڭ كۈچ قۇدرىتىمىز،
ئەنە شۇدۇر نالىمىزنىڭ مەنبەسى،
بۇرمىلانغان ۋولقان ئېغىزىدا جان تالىشىش،
ئۇ ئەسلى بىزنىڭ بۇرۇنقى نەس باسقان ھالىتىمىز،
ئىسلاھ، ئىشقا ئاشماس ئەسلا ھازىرقىدەك،
پەقەت ئىشقا ئاشارئۇ بولسا ئۆزگىچە،
شۇ چاغدا بولار «تېخىمۇ بۈيۈك».
خوشنىلىرىمىزنىڭ ئەمگىكى ۋە ئاچچىق غەزىبى،
مۇھەببەت بىلەن سۇغۇرۇلغاندا.
بىزدە يۈز بەرگەن ئەڭ ناچار ئىشلارنى،
ئۆزگەرىش ئەسلا مۇمكىن ئەنە شۇ چاغدا،
ئۇنىڭدىنمۇ چوڭ، ئەجىر قىلغاندا.
تەبىئىتىمىزدە باردۇر تېخىمۇ پاساھەتلىك پەرىشتىلەر،
ھەممىمىزگە ئايان ئۆلۈم ۋە بوشلۇق دىگەن نەرسە،
بىز بىلىمىزكى، ئۇ نەپەس ۋە ئاۋاز؛
ئاخىرىدا، ئۇ گۈزەللىك بىلەن،
بىرەر بەرداشلىق بىزنىڭ غايەت زورلۇقىمىزغا.
كەتتىڭىز باشلاپ كېلەرسىز سۇبھىنى،
كىچە بوشلىقىدىكى ئۇزۇن ھەسرەتلىك تىنىقلارنى،
يوقىماس ھەرگىز نۇركەبى پەرىشتىلىرىمىز،
چۇنكى ئۇلار ئەبەتكى نۇركەبى گۈزەل بولغاچقا.
