چاقماق خەۋەر
بۈگۈن ئەتىگەن ( 2026-يىلى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى چارشەنبە) ئامېرىكىنىڭ مىنىسوتا شىتاتىنىڭ مىنىئاپولىس شەھرىدە چىگرا ساقچىلىرى تەرىپىدىن قانۇنسىز ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن 37 ياشلىق ئامېرىكىلىق ئاق تەنلىك ئايال، شائىرە، ئۈچ بالىنىڭ ئانىسى رېنا گوودنىڭ ئۆلۈمى پۈتۈن ئامېرىكىنى زىلزىلىغا كەلتۈردى.ئەينى چاغدا قىرغىنچىلىقنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنلەر ئۆز خوشنىىنىڭ قانداقلارچە ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىك ھەققىدە دادىللىق بىلەن رادىو تىلۋوزۇرلارغا گۇۋالىق بەردى.گەرچى پىرزىدان چىگرا چاقچىلىرىنىڭ قىلمىشىنى «ئۆزىنى قوغداش» دىگەن بولسىمۇ، خەلق بۇنىڭغا ماقۇل دىمىدى. بەلكىم كەلگۈسى بىر مەزگىل ئىچىدە بۇ نارازىلىق نامايىشلىرى تېخىمۇ كۈچۈيىشى مۇمكىن.
نامايىشچىلارنىڭ «ئادالەت يوق يەردە، خاتىرجەملىك بولمايدۇ» دەپ توۋلىغان ئاۋازلىرى ھەممىلا يەردە ياڭرىدى.
ئامېرىكىنىڭ ئەڭ زور ئارتۇقچىلىغى شۇكى، كىشىلەر ئۆزلىرى توغرى دىگەننى دادىللىق بىلەن ئىپادىيەلەيدۇ. پىرزىداننىڭ بۇيرۇقىغىمۇ» ياق!» دىيلەيدۇ.
