ئۆزەڭنى ئۇيغۇرنىڭ ئەۋلادى دېمە…..

دوكتور. دىلفۇزا سېلىماخۇنقىزى روزىئېۋا

 

بالاڭنى بېرىپسەن ئۆزگە مەكتەپكە،

ئۆيدىمۇ سۆزلەيسەن باشقا تىللاردا،

بالاڭ ۋە نەۋرەڭ ماڭقۈرتلاشقاندە،

ئۆزەڭنى ئۇيغۇرنىڭ ئەۋلادى دېمە.

 

كىممۇ ئوقار كىتاپنى ئانا تىلىدا؟

تارىخ ۋە سەنئەتنى كىممۇ قەدىرلەر؟

يوقالساق بىز ئالەمدىن مىللەت رېتىدە،

ئۆزەڭنى ئۇيغۇرنىڭ ئەۋلادى دېمە.

 

دوپپىنى كىيىپسەن ئۇسسۇل ئوينايسەن،

ماختىنىپ سۆزلەيسەن تارىخنىمۇ ھەم،

ئەۋلادلار كەچسە ئۆزلۈگىدىن خەپ،

ئۆزەڭنى ئۇيغۇرنىڭ ئەۋلادى دېمە.

 

تارقاتما تەشۋىقات باشقىلارغا سەن،

باشلىغىن ئۆزەڭدىن ئۈلگۈ-ھۆرمەتنى،

ئانا تىلىمىز كېرەك سەن بىلەن ماڭا،

شۇ چاغدا بولارسەن – ئۇيغۇر ئەۋلادى.

جاۋاب يېزىش