كۆڭۈل پارچىلىرى

دوكتۇر. دىلفۇزا سېلىماخۇنقىزى روزىئېۋا

بۇ ھايات ئاقمايدىكەن بىر خىل، تۈزۈك،

ئىنسانلار ئۆزگۈرەركەن قەدەملەردە

ئىشەنگەن تاغلىرىڭدا كېيىك ياتماي،

قېرىنداشمۇ ياتلىشاركەن بەزىدە كۈندە.

 

دەرت كەلسە بەزى كۈنى گەر بېشىڭغا،

سىنىلار دوسيارەنلىرىڭ شۇ چاغدا،

تويىدۇ چەتتە تۇرۇپ تاماشىغا،

ھەتتاكى يېقىن ئىلپەت، بۇرادەرلىرىڭ.

 

قاراڭغۇ ئاينىڭ ئەسلى يېرىمىلا،

بۇ كۆڭۈل پارچىلانغان ئەينەك كەبى،

ئاتار تاڭ، ئۆتمەس كۈنۈم پەقەت يىغلاپ،

قالغان كۆڭۈل پۈتۈن بولماس زادى ئەسلا.

 

رەنجىدىم كۈلگەنلەردىن، قىسمەتلەرگە،

ئىزدىدىم مەلھەم تېپىپ دەرتلىرىمگە،

شاتلىقتا بولماڭلارا ئەتراپىمدا،

ئايلانماي ئىككى يۈزلۈك «مەرتلىرىمگە».

 

تىلىدىم سەبىر-تاقەت  بىر خۇدادىن،

يېشىمى باردۇر دېدىم ھەر تۈگۈچنىڭ،

يېڭىمەن مەنمۇ ئاخىر كۈلپەت-دەرتنى،

بارىدا ئۈمۈت بىلەن كۆپ كۈچۈمنىڭ.

جاۋاب يېزىش