ئايگۈل «تامچە»
ئەگەر قوينۇڭدا بولسا نەپەسلىرىم،
ئۇچامدا لەپىلدىمەي ئەتلەسلىرىم،
يەپ قويار بولغىيمىدى ،
ئۆز گۆشۈمنى تويماس نەپسىلىرىم.
ئەگەر …
قوينۇڭدا بولسا قەدەملىرىم،
قىپقىزىل يېزىلىپ قەسەملىرىم.
دەرت غايىپ شاتلىققا باي،
ھەر سەھنىگە جىجارمىدى قەلەملىرىم.
ئەگەر …
قوينۇڭدا قاينىسا ۋىجدانلىرىم،
قىسماققا ئېلىنسا مىڭ جانلىرىم.
يىراق قىرغاققا ئۇرارمىدى ئۆزىنى،
ئەل ئۈچۈن قاينىغان ئىلھاملىرىم.
ئەگەر …
قوينۇڭدا كۈلسە ئارمانلىرىم،
ئۆرۈلمەس ئىدى تىك تاغلىرىم.
بىر پارە يۈرەكنى قىلىپ مىڭ پارە،
ھەسرەتتە قويماستى قىرغاق تامان قاچقانلىرىم.
ئەگەر…
