زۇلۇمدىن ئۆلۈمنى ئەلا كۆرگەن يەتتە قىزلىرىم

راشىدا ئابدۇسېمەتوۋا

خۇش پۇراق لالىنىڭ بەرگىسى سۇنۇپ،
سۈبھىدە شەبنەممۇ ئاداقىي تامچىپ.
ئۆكسىگەن خەلقىمنىڭ ئۈنى ئاڭلىنار،
يەتتە قىز تۇپرىغى يېنىدا تۇرۇپ.

مەجنۇننى يەلپۈتىپ ئىللىق بىر شامال،
بۇلۇتلار تۆكىدۇ ياشلىرىن ناھەل.
موجۇلغان ژۈرىگى يەتتە قىزىنىڭ ،
يېتىپتۇ ئۈچتۇرپان يېنىدا مەھەل.

ئۈچتۇرپان قوينىدا – جاسۇر يۈرەكلەر ،
ئۆلۈمنى قۇللۇقتىن ئەۋزەل كۆرگەنلەر.
خەلق ئەركىنى تۇغ قىپ قولىدا،
يەتتە قىز چىققاندى قارشى جاللاتقا .

قوزغۇلاڭ كۆتەردى ئېزىلگەن دىھخان،
زۇلۇمغا ئازاۋى سۈڭەككە يەتكەن.
ئاتالغان «جىگدە يېغىلىقى»› دەپ،
ئەركىنلىك ئۈچۈن ئۇلار كۈرەشكەن.

ئەسمىتۇل، رەخمىتۇل باشلاپ قوزغىلاڭ،
سۇنماس ئىرادە گوياكى بىر گاڭ.
كۈچ بېسىم بولۇپ «چىن» تەرىپىدە،
مەغلۇپقا ئۇچرىدى كۆتەرگەن ئىسيان.

ياۋۇزلار باستۇرۇپ ئەشۇ ئىسياننى،
ئون مىڭ دىھخاننى سۈرگۈنلەپ كەتتى.
بالايى ئاپەت قالغان قىزلارنىڭ،
بېشىغا دەھشەت دەرت بولۇپ كەلدى.

مايسىخان رەخمىتۇل سىڭلىسى ئېدى،
ئەر ژۈرەك شىرغوران باتۇردىن ئېدى.
مايسىخان ئەتراپى ئۆزىگە ئوخشاش،
قورقۇمسىز جاسۇر قىزلارغا تولدى .

مۆلجەر تاغ باغرى قالقان بوپ ئاڭا،
مانجۇرغا بولدى ئۆلۈم ئەلچىسى .
نەپرەتكە تولغان باتۇر قىزلارنىڭ،
قىلدىنمۇ ئۆتكۈر بولدى قىلىچى.

يەتتە قىزىمنىڭ ئىسمى جىسمىنى ،
تارىختا قالدۇردى ئۆچمەس ئىزىنى.
يەتتە قىز ئىچىدە پالۋان مايسىخان،
ماھىرلىق بىلەن ئەلنى باشقۇرغان.

غۇنچە قىز چېلىشىش ماھارىتىدى،
دىلبەرنىڭ كۆزى بەك مۇڭلۇق ئېدى.
شائىرە ئۆزى ئويچان ئۇ گۆزەل،
ژىگىتلەر كۆزىنىڭ يېغىنى يېدى.

چولپاندەك نۇر چاچار زۇھرە چىرايى،
كۆزى بۇلاقتەك شەھلا گۈلايىم.
شەمشات گوياكى قەمبەرنىسادى،
ناخشىسى مۇلايىم ئەختەرنىسانىڭ.

يولۋاستەك كۈرىشىپ ئۈچ ئاي مابايىن،
ئاخىرى قورشاۋدا قالدى دۈشمەننىڭ.
زەربىسىن بەردى بولمىدى بەربات،
قەخرىمان يەتتە قىزى خەلقىمنىڭ.

زۇلۇمدىن ئەلا كۆرۈپ ئۆلۈمنى،
سەكرىدى تاغدىن يەتتە قىزلىرىم.
قوينىغا ئېلىپ مۆلژەر تاغلىرى،
قورشغاپ تۇرغاندەك قىزلار قەبىرىن.

ياتىدۇ ئەينە، ئەسىرلەر بويى،
رىۋايەت باتۇرى يەتتە قىزلىرىم.
تارىخنىڭ بېزىدى ۋاراقلىرىنى،
نامى ياشايدۇ مەڭگۈ ئۆلمەستىن.

ياركەنت 2022- يىل

1765 ژىلى ئۈچتۇرپاندا زۇلۇمغا قارشى دېخانلار قوزغىلىڭى بولۇپ، شۇ قوزغىلاڭدا باتۇرلارچە يەتتە قىزلىرىممۇ كۈرەشكەن.
ئەسىرگە چۈشىشنى خالىماي ئۆلۈمنى ئەلا كۆرۈپ ، يەتتە قىز ئۆزلىرىنى تاغدىن تاشلاپ قۇربان بولدى.
مايسىخان ، غۇنچە قىز، دىلبەر، گۈلايىم زوھرە، قەمبەرنىسا، ئەختەرنىسا.

جاۋاب يېزىش