ياز ئاخشىمى

رەشىدە ئابدۇسەمەتۈا

كۈنمۇ ھېرىپ كەتتى كەچكى ئۇپۇققا،

كەچمۇ كىردى زاۋال چۈشۈپ ئەتراپقا.

كۆكنى بېزەپ ئاستا يانار  يۇلتۇزلار،

ئايمۇ ئۈزەر چۆككەندەك  بىر ئويلارغا،

 

قىر دالامۇ تۈن ئۇيقىدا ، نۆۋەتنى،

ھاشارەتلەر ناخشىسىغا بەرگەندەك.

شىلدىر ئاققان ئېرىقتىكى سۇلارمۇ،

ئاھاڭلىرى قېتىلىپ جور بولغاندەك.

 

باغدا بۇلبۇل ئۈنلىرىمۇ يېقىملىق،

دەرەخلەرمۇ قۇلاق سېلىپ تۇرغاندەك،

ئاڭلانمايدۇ قۇشلارنىڭمۇ چۇقانى،

تۈنلەر ئارا قاتتىق ئۇيقا باسقاندەك.

 

قومۇچلاردا ئۆسكەن ئۆستەڭ بويىدا،

ئېغىپ تۇرار ئۆمچۈك باسقان تورلىرى.

كۆرىنىدۇ گويا ئاشىق جاناننىڭ،

كەشتىسىدەك باسقان سىرلىق قوللىرى.

بېدىلىكتە چىقار ھەر خىل ئاۋازلار،

باسقان تۈرلۈك گۈل گىياھنىڭ ھىدلىرى.

چۆچىگەندەك ئۇچۇپ چىقار بۆدۈنە،

ئۆپ چۆرىگە تەشۋىش سېلىپ ، سۈزگىنى.

جان جانىۋار چىقار تۈندە قىنىدىن،

ئوزۇق ئىزدەپ چارلاپ مايسە چۆپلەردىن.

كۆل بويىدا كورۇلدايدۇ پاقىلار،

كۆلمۇ پاقىراپ چايقىلار  ئاي نۇرىدىن.

 

ياز ئاخشىمى شۇنچە قىسقا ئەزەلدىن،

تاڭمۇ ئاتتى بېغىرەڭ بوپ شەرىقتىن.

تەبىئەتتە تىرىكچىلىك ئويغىنىپ،

كەتتى ھايات يەنە قىزغىن باشلىنىپ.

 

ياركەنت شەھىرى 

2023- يىلى

جاۋاب يېزىش