خوراز نىمە ئۈچۈن چىللايدۇ؟

ئاپتورى: دوكتۇر مەمەت ئىمىن

كىشىلەر، خوراز چىللىسا تاڭ ئاتىدۇ، دەپ قارايدۇ.

خوراز بولسا » مىنىڭ چىللىغانلىقىم ئۈچۈن تاڭ ئاتتى» دەپ بىلىدۇ. بۇ خىل خاراكتىر ئىنسانلارغىمۇ سىڭىپ كەتكەن بولۇپ،.

بۇ بەزى ئىنسانلاردىكى ئۆزى سەۋەب بولمىغان، پەقەت شۇنداق توغرا كىلىپ قالغان بىرەر ئىش ئۈچۈن ماختىنىشى ياكى ئۆزىنى تۆھپىكار قىلىپ كۆرسىتىشى خاراكتىرەنە بىر خىل نامايەندىسى. بۇنىڭ بىلەن بىز يەنە ئىنسانلارنىڭ «تەييارغا ھەييار» بولۇش پىسخىكاسىنى كۆرىۋالالايمىز..

بىر ئىنساننىڭ ئۆزى قىلمىغان خىزمەت ئۈچۈن ماختىنىشى ياكى ئۆزىنى تۆھپىكار قىلىپ كۆرسىتىشى، ئەمەلىيەتتە بىر خىل ئالدامچىلىق ياكى ساختىكارلىق بولۇپ، پىسخلوەىيەدە، بۇنى كۆپىنچە ئەھۋالدا ئىنساننىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنىڭ كەملىكى ياكى ئۆزىنى مەركەز قىلىش ئارزۇسىدىن كېلىپ چىققان پىسخىكا بىنورماللىقى، يەنى نارسىسزم سەۋەبىدىن پەيدا بولغان، دەپ قارىلىدۇ.

ئەمىلىيەتتە تاڭنىڭ ئىتىشى بىر خىل مۇقەرەرلىك بولۇپ، ئۇنىڭ خورازنىڭ چىللىشى بىلەن ھېچقانداق سەۋەب نەتىجىلىك مۇناسىېىتى يوق.

مۇتىخەسىسلەرنىڭ قارىشىچە خورازلار پەقەت تاڭ يورىغاندا ئەمەس، تۆۋەندىكىدەك ھەر خىل سەۋەبلەردىن چىللايدىكەن:.

1. ئۆزىنىڭ تېرىتورىيەسىنى ياكى زېمىن ھۆكۈمرانلىقىنى جاكارلاش ئۈچۈن چىللايدىكەن.

2 . باشقا توخۇلارغا بىخەتەر / خەتەر سىگنالى بىرىش ئۈچۈن چىللايدىكەن.

3. مېكيانلارنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىش ئۈچۈن چىللايدىكەن.

4. خورازلارنىڭ ئىچكى سائىتى (سىركادىيان رېتىمى) سەۋەبىدىن چىللايدىكەن.

5. باشقا توخۇلارنى يەم-خەشەك ئىزدەشكە ئۈندەش ئۈچۈن ياكى يەم- خەشەككە چاقىرىش ئۈچۈن چىللايدىكەن.

6. ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن چىللايدىكەن.

7. بەدەندىكى بەزى ھورمۇنلار سەۋەبىدىن چىللىشى مۇمكىن ئىكەن.

سىزنىڭچە خورازلارنىڭ چىللىشىدا يەنە باشقا سەۋەپلەرمۇ بارمۇ؟

جاۋاب يېزىش