موللىنىڭ ئىخراسى

ئاپتورى: تۇرسۇن ئەلى

بارلىق ھەمدۇسانالار پۇتكۇل كاىنات ۋە جانلىقلارنى ياراتقان چەكسىز قۇدرەت ئىگىسى،ھىكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى ئاللا ئىگەمگە بولسۇن!

ئاللانىڭ قۇدرىتى بىلەن ھەدىس دىنىنىڭ بايراقدارى ،خۇراپات موللا ئابدۇراھمان كاشغەرى ئىسىملىك موللا ،ئوزىنىڭ ۋە باشقا بارىلىق ھەدىس دىنى موللىللىرىنىڭ ،دىن مەددالىرىنىڭ ناچار كىشىلەر ئىكەنلىكىنى ئىخرار قىپتۇ ،ۋە ئوزلىرى چەكسىز توغرا دەپ قارىغان ھەدىس دىنى ئارقىلىق ئوزلىرىنىڭ ناچار ئادەملەر ئىكەنلىكىنى دەلىللەپتۇ .بۇ موللا يىزىپ تارقاتقان مۇنۇ سەھى ھەدىسكە قارىسىڭىز ،پەيخەمبىرىمىزنىڭ مۇنداق دىگەنلىكىنى كورىسىز «ئەڭ ناچار كىشى باشقىلارنىڭ سوزىگە تايىنىپ سىزگە ھوكۇم قىلىدىغان كىشىدۇر. » ھەدىس بولسا دەل باشقىلارنىڭ سوزىدىن ئىبارەت !!! يەنى ھەدىس ، ھەدىس سوزلىگۇچىگە نىسبەتەن باشقىلارنىڭ سوزىدىن ئىبارەت .دىمەك پەيخەمبىرىمىز كىيىنكى ئۇممەتلىرىنىڭ ئۇنىڭ سوزىگە تايىنىپ باشقىلارغا ۋە ھەرقانداق نەرسىلەرگە ھوكۇم چىقارماسلىقى ئۇچۇن ئاگاھلاندۇرۇپ، بۇ ھەدىسنى دىگەن ئىكەن .بۇگۇن قارايدىغان بولساق موللا ۋە دىن مەددالىرى باشقىلارنىڭ سوزى بولغان ھەدىسكە تايىنىپ سىز بىزگە ئەمەس ھەتتا نىمىلەرنىڭ ھالال ھاراملىقىغىمۇ ھوكۇم چىقىرۋاتىدۇ .مەن بۇ موللىلار ئوزلىرى ئوزلىرىنىڭ دىنىغا خىلاپلىق قىلغانلىقىنى بىلگەن بولساممۇ ،بۇلارنى كاپىر دەپ ئاتىمايمەن ! چۇنكى مەن بۇلاردەك ساپاسىز بىلىمسىز ئادەم ئەمەس .مەن بۇ موللىنىڭ ئىخرار قىلىشىنى بۇ موللا ئوزىنىڭ نىمە دەۋەتقانلىقىنى بىلگۇدەك يەنى نەچچە جۇملە سوزلەنى چۇشەنگىدەك بىلىمى يوق نادانلىلاردىنلا بولۇپ قالماستىن ،يەنى «ئاللا ئىخرار قىلدۇردى» دەپ قارايمەن .جانابىي ئاللاھ مۇشۇ ئاي مۇشۇ كۇنلەدە موللىنىڭ ئىخرارى ئارقىلىق پۇتكۇل ئۇيغۇرلارغا بۇ موللىلارنىڭ دىنىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ،بۇ موللىلارغا ئەگەشسە ،مۇشۇ موللىلارغا ئوخشاش قۇرانىلا ئەمەس، ھەتتە ئاددى سوزلەرنىمۇ چۇشۇنەلمەيدىغان دوت ئىنسانلارغا ئايلىنىپ قالىدىغانلىقىنى ئالدىن ئاگاھلاندۇردى دەپ قارايمەن. .

نوۋەتتە ئۇيغۇرلار ئىلىم-پەن ئۇگۇنۇشنى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇشى كىرەك ، ئىلىم -پەن ئۇگەنگەندە ئادەمنىڭ ئەقلى ئاشۇدۇ،توغرا تەپەككۇر قىلالايدۇ .ئىلىم -پەن ئۇگەنمىسە كىتاپ ئوقىمىسا ،مانا مۇشۇنداق موللىلاردەك دوت ئادەملەرگە ئايلىنىپ قالىدۇ .ئۇندىن باشقا بىز ئۇيغۇرلار پۇل تىپىشىمىز، مال-دۇنياغا ئىگە بولىشىمىز .بىلىملىك باي- كۇچلۇك مۇسۇلمانلاردىن بولۇشىمىز كىرەك ! شۇنداق بولغاندىلا بىز مۇقەددەس دىنىمىزنى يەنى قۇراننى توغرا چۇشۇنەلەيمىز.

ئەگەر ناۋادا تۇركىيەدىكى ئۇيغۇرلارغا ھىچقانداق پايدىسى يوق ،ھىچكىمگە پايدىسى تەگمەيدىغان ئەشۇ موللىلارنىڭ لاگىرلىرى تاقىلىپ ،قاسىمجان قەشقىرىدەك مارىپچىدىن بىرسى چىقىپ ، ئاتلان ئىنگىلىس تىلى كۇرۇسلىرى ئىچىلسا ،ئۇيغۇر بالىلار ئىنگىلسچە ئۇگەنسە ،كەلگۇسىدە تۇركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىستىقپالى پارلاق بولىدۇ . تۇركىيەنىڭ ناھىيە ،شەھەر ،ۋىلايەتلىرىنى سورايدىغان ھەتتا تۇركىيە دولىتىنى سورايدىغان ئۇيغۇر ئەۋلاتلىرىنىڭ چىقىش ئىھتىمالى بولىدۇ .چۇنكى ئىنگىلىس تىلى باللارغا ئاجايىپ ئاكتىپ ئۇگۇنۇش ئىنىرگىيەسى تارقىتالايدۇ ،ئسۆيۈملۈك ۇيغۇرلىرىمنىڭ ھامان بىر كۇنى مۇشۇ يولغا ماڭىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

ھەدىس دىنى بولسا 7- 8- ئەسىرلەدە ھوكۇمرانلار تەرىپىدىن ئىجات قىلىنغان ،ئىنسانلارنىڭ روھىنى قۇل قىلىشنى مەقسەت قىلغان بىدەت دىن، يەنى ئادەملەر تۇزۇپ چىققان دىن ،بۇ دىندا پەيغەمبىرىمىزنى باش رولچى قىلىپ كورسەتكەچكە ئۇيغۇرلاردا قايمۇقۇش بار ،دىن دىگەن نىمە؟ دىن خالىغان بىر ئىنساننىڭ دىگىنى ياكى تۇزگىنى بىلەن دىن بولۇپ شەكىللەنمەيدۇ.  ئۇ پەقەتلا ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان قۇرانلا دىن بولىدۇ ،بۇ بىر ھەقىقەت. بۇ موللا ئىخرار قىلغان ئاشۇ ھەدىسمۇ بۇ ھەقىقەتنىڭ توغرىلىقىغا گۇۋالىق بىرىپ تۇرۇپتۇ.

مۇناپىق ئاپپاق غوجىنىڭ ھازىرقى زاماندىكى ۋەكىلى يەنى ئىزباسارى نۇر ئىكرانىدىكى دىن مەدداسى بولسا،ئۇيغۇرغا نىسبەتەن بىر ئاپەت ،ئۇنىڭ ۋەزىپىسى دىن باناسى بىلەن ئوزىنىڭ مەددالىق سەنىتىدىن پايدىلىنىپ ،ئۇيغۇرلانىڭ روھىنى قۇل قىلىپ ،ئۇلارنى نادان دوت ئادەملەرگە ئايلاندۇرۇىش، ئۇ دىن مەدداسى ئاساسەن ھەدىس دىنىدىن پايدىلىنىپ ئەرەپ قۇلچىلىق ئىدىلۇگىيەسىنى تارقىتىپ ،ئۇيغۇرلانى ئەرەپ ۋە ئەرەپنىڭ رىۋايەت چوچەكلىرىگە قۇل قىلىۋىتىدۇ . ئىنسانلانىڭ بۇ دۇنيادا بولۇشقا تىگىشلىك ئۇمۇت ئارزۇلىرىنى توسۇپ ياكى ئولتۇرۇپ ( مەسىلەن ئادەملەر ئالىم بولۇشى، باي بولۇشى ،باياشات ياشاشى دىگەندەك ئارزۇلىرىنى )ياكى بولمىسا كىشىلەرنىڭ ئارزۇسىنى ئۇ دۇنياغا يوتكىۋىتىكىۋىتىدۇ ( مەسىلەن جەننەتكە كىرسەڭ ھەممىسى بار دىگەندەك ). بۇ دىن مەدداسى ئوزىنىڭ زەرىل ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىش ئۇچۇن ،»ئىبادەت ،ئەخلاق -پەزىلەت ،ياخشى، مۆمىن مۇسۇلمان ،جەننەتكە كىرىدىغانلار» دىگەندەك گەپلەنى قىلىپ ياخشى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنى ئالداپ قايمۇقتۇرۇپ ئەڭ ئاخىرىدا «بۇ دۇنيا سىناق دۇنيا ،ئۇ دۇنيا مەڭگۇلۇك ،سەن بۇ دۇنيادا ھەرقانچە ئالىم ،ھەرقانچە باي بولغىنىڭ بىكار ،ئەگەر سەن ئىبادەت قىلمىساڭ ئەرەپلەرنىڭ رىۋايەت چوچەكلىرىدە ئەرەپلەر نىمە قىلغان بولسا سەن شۇنى قىلمىساڭ ،ۋاختىدا ناماز ئوقىمىساڭ ……… سەن مۇسۇلمان بولمايسەن ،ئۇ دۇنياغا بارغاندا ئاللاھنىڭ سورىقىدىن ئوتەلمەيسەن .دوزاقتا مەڭگۇ كويدۇرىلىسەن» دىگەندەك گەپلەنى قىلىپ قورقىتىدۇ .شۇنىڭ بىلەن سىز ۋە سىزنىڭ بالىڭىز ئالىم بولۇشتىن ۋە باي بولۇشتىنمۇ قۇرقۇپ ياكى خالىماي مۇشۇ موللا سىزنى قانداق بول دىگەن بولسا شۇ نى تاللايسىز (روھى قۇلچىلىقنى تاللايسىز ) . سىز ھىچنمىنى ئاڭقىرالماي قالىسىز ،قۇل روھى ۋە قورقۇنۇش بىلەن ياشايسىز .سىزدىكى مىللى روھ پۇتۇنلەي يوقايدۇ .مانا بۇ خىتتاينىڭ ئارزۇسى .كىيىن باللىرىڭىز دوت موللىلارغا ئايلىنىپ تۇرمۇشتىن قىينالغاندا ،ياكى سىز ۋە بالىڭىزنىڭ ۋاقىتى زىھنىڭىز بۇ دىن مەدداسى سىزىپ بەرگەن يول بىلەن بولۇپ ئىسراپ بولۇپ قىيىنچىلىق تارتقاندا ، بۇ دىن مەدداسىدىن سىز «ھەي دىن مەدداسى ، مىنىڭ ۋە باللىرىمنىڭ ۋاقتى سىنىڭ گىپىڭنى ئاڭلاش بىلەن ئوتكەن ،سەن نىمە دىگەن بولساڭ بىز شۇنى قىلدۇق .بۇگۇن بۇ ھالغا چۇشۇپ قالدۇق ،سەن نىمىشقا بىزنى بۇنداق ئالدىغان بولغىيتىڭ «دەپ سورىسىڭىز ؟ بۇ موللا سىزگە مۇنداق جاۋاپ بىرىدۇ ،مەن سىزگە مىنىڭ گىپىمنى ئاڭلا ،مىنىڭ دىگىنىمنى قىل دەپ زورلىمىغان !!!سىزنىڭ بۇ ئەھۋالغا چۇشۇپ قىلىشىڭىز مىنىڭ ئىشىم ئەمەس ،ئۇ ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن بولغان. سىزنىڭ ۋە باللىرىڭىزنىڭ بۇ كۇنگە قىلىشىنى ئاللا ئالىبۇرۇن لەۋىل مەخپۇسقا يىزىپ قويغان ،سەۋرە قىلىڭ، ساۋاپ ئالىسىز. دىگەندەك گەپلە بىلەن سىزنى ئولگىچە ئالدايدۇ !!!! بۇ مەدداھنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىلىپ كىلىدىغان زىيىنى ئەينىۋاقىتتىكى ئاپپاق خوجىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىلىپ كەلگەن زىيىنىدىنمۇ ئېغىر ! بۇ دىن مەدداسى ئاپپاق خوجا ۋە باشقا موللىلار بۇرۇن ئۇيغۇر ،مىللەت دىگەن گەپلەنى قىلمايتى ،مەندەك ئۇيغۇرلانىڭ ئۇلارنى تەنقىتلەپ ئەيىپلىشىدىن كىيىن، ھازىردىن باشلاپ چاندۇرماي ئەرەپ قۇلچۇلۇق ئىدىيەسى تارقىتىش سوزلىرىگە مىللەت ۋەتەن دىگەن سوزلەنى قاتىدىغان .ھەتتا «ئۇيغۇرلاغا چۇشۇرۇلگەن ئايەتلەر» دەيدىغان بولدى . قۇلچىلىق ئىددىيىسىنى تەرغىپ قىلىپ، ئالداش سەنىتىنى بىر بالداق كوتەردى !

ئاللاھنىڭ قۇدرىتى بىلەن موللىنىڭ قىلغان بۇ ئىخراسى بارىلىق ئۇيغۇرلىرىمنى ئويغاتقۇسى !ئارزۇيۇم شۇكى، ئۇيغۇرلۇرۇمنىڭ خۇراپاتلىق ،موللىچىلىق ،مەددالىق،ئەرەپچىلىك قاتارلىق زامانغا ماس كەلمەيدىغان ئىددىيەدىن تىزراق قۇتۇلۇپ، ئىلىم -مەرىپەتچىلىك ،مىللەتچىلىك ،نورمال ئىنسانىيلىق ،ئادىمىيلىك يولىغا مىڭىشىنى ئۇمۇت قىلىمەن.

 

 

جاۋاب يېزىش